ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە كۈتۈنۈش پۇلى جەھەتتە ئىرق پەرقى مەۋجۇت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 09:18

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە لىگېل جېنېرال سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغ سېلىش تارمىقى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە زور مىقداردىكى كۈتۈنۈش پۇلى جەھەتتە «ئىرقىي ھاڭ» مەۋجۇت بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئادەتتە ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىكەن. لىگېل جېنېرال سۇغۇرتا شىركىتى مۇقىم پۇل تاپشۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى جونېس مۇنداق دەپ قارىدى: «ئىرق يەنىلا ئەنگلىيە ئىجتىمائىي كىرىمىنىڭ قاتلاملارغا بۆلۈنۈشىنىڭ ئاساسلىق چېكى»، بۇ خىل جاھىل كېسەل خىزمەت ئورنىنىڭ سىرتىدا ۋە پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى-- دۆلەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى، كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن تەمىنلەش سوممىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پىلانىغا قاتنىشىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر شەخسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا قاتنىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ. «خەلق كۈتۈنۈش پۇلى» ناملىق كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ھاۋالە ئاپپاراتى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىكى «ئىرقىي ھاڭ» ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ باراۋەرسىزلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پىلانى سالاھىيىتىگە توشۇش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى ۋە دۆلەت كۈتۈنۈش پۇلى سىستېمىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىرقىي قالدۇق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، ئىش ئورنى كۆپىنچە بىر قىسىم دەسلەپكى مۇلازىمەت تىپىدىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، كىرىم سەۋىيەسى ئادەتتە ئەنگلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولىدىكەن. ئەنگلىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 10 يىلدا، ئەنگلىيەدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىرقلار ئارىسىدىكى مائاش پەرقى داۋاملىق مەۋجۇت بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان خىزمەتچىلەرنىڭ سائەتلىك مائاشى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.6 تۆۋەن ئىكەن.

كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى كونكرېتلاشتۇرغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ فوندستېرلىڭدىن يۇقىرى بولغان كارخانا خىزمەتچىلىرىلا كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پىلانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاق تەنلىكلەر توپىنىڭ كەسپىي كۈتۈنۈش پۇلى پىلانىغا قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، پاكىستانلىقلار پۇشتىدىن بولغان ۋە بېنگاللىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن.

ئەنگلىيەدىكى«ھەمتۈرتكە مەبلەغ سالغۇچىلار» ناملىق ئىككىنچى چوڭ خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلار سۇپىسىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ۋە پۇل ئامانەت ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىسى ئەيلىس مۇنداق دېدى: «كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئۇلار يەنە جاپالىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشقا توغرا كېلىدۇ». بىر ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئەر زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: پېنسىيەگە چىقىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتىمۇ يىراقتىكى ئىش ئىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا نۇرغۇن كىشىلەر 70 نەچچە ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا خىزمەت قىلىدىكەن.

«خەلقنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى» ناملىق كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ھاۋالە ئاپپاراتى مۇنداق دەپ قارىدى: كەسپىي كۈتۈنۈش پۇلى پىلانىغا قاتنىشىش شەرتىنى يىللىق كىرىمى 6240 فوندستېرلىڭغا چۈشۈرۈش 1 مىليون 200 مىڭ كارخانا خىزمەتچىسىنى كەسپىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پىلانىغا قاتنىشىشقا پايدىلىق. بۇ ئاپپارات يەنە مۇستەقىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كومىتېتى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى باراۋەر بولماسلىق مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيە نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىكى «ئىرقىي ھاڭ» مەسىلىسىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. «ھەمتۈرتكە مەبلەغ سالغۇچىلار»ناملىق ئىككىنچى چوڭ خۇسۇسىي مەبلەغ سالغۇچىلار سۇپىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك شەخسىي مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەھلىلچىسى جوبسون مۇنداق قارىدى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىكى ئىرقىي پەرقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ خىزمەت مەيدانىدىكى ئىرقىي باراۋەرسىزلىكنىڭ ئىچكى باغلىنىشى بار، شۇڭا خىزمەت مەيدانىدىكى مائاشتىكى ئىرقىي پەرقنى ئورتاق تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائاشتىكى ئىرقىي پەرق مەسىلىسىگە قارىتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2018-يىلى مائاشتىكى ئىرقىي پەرق ھەققىدە مەجبۇرىي دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىنى ساقلاشقا تېخىمۇ مايىل بولغان، بۇنىڭ سەۋەبى زۆرۈر سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش بەك قىيىن ئىكەن. بۇ خەۋەردە: «بۇ قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ» دەپ قارالدى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقىي پەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ كەمچىلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ، ھۆكۈمەتتە كەمچىل بولغىنى بايلىق ياكى كەسپىي بىلىم بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ باراۋەر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

تەرجىمان: ئېلدوس

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: ئەنگلىيە جەمئىيىتىدە كۈتۈنۈش پۇلى جەھەتتە ئىرق پەرقى مەۋجۇت

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە لىگېل جېنېرال سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغ سېلىش تارمىقى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدە زور مىقداردىكى كۈتۈنۈش