ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتەمدۇ-يوق؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:48
  ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 14-ئاپرېل سەھەردە ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا نەچچە ئون باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئىران مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغانلىقى ھەمدە نېفىت تىرانسپورتىدىكى مۇھىم دېڭىز يولىرىنىڭ بىرى بولغان ھورمۇز بوغۇزى ئىران تەۋەسىدە بولغاچقا، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە زەربە بېرىشىنىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىغا بولغان تەسىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىدى.
  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە زەربە بېرىش نەتىجىسىگە بولغان دەسلەپكى مۆلچەر ئاساسىدا، خەلقئارادا خام نېفىت باھاسىدا تېخى كەسكىن ئۆزگىرىش بولمىدى، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۆرلىمەي ئەكسىچە ئازراق تۆۋەنلىدى. 15-ئاپرېل بازار يېپىلغاندا، نىيۇيورك تاۋار سودىسى ئورنىدا 5-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان ھەر بىر تۇڭ يېنىك خام نېفىتنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 85.41 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %0.29  تۆۋەنلىدى. 6-ئايدا تاپشۇرۇلىدىغان لوندون برېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى 90.10 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، %0.39 تۆۋەنلىدى.
  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننىڭ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەگە زەربە بېرىشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى چەكلىك، سىياسىي ئەھمىيىتى بەكرەك كۆزلەنگەن، ئىسرائىلىيە ئىرانغا قايتۇرما زەربە بېرىشتە «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى» مۇمكىن، رايون ۋەزىيىتى بۇ يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلسا ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدۇ. خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدىكى ئۆرۈلىشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە بولغان خەۋپ ـ خەتەرنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن بولغان، ۋەزىيەتنىڭ نىنچ بولۇشىغا ئەگىشىپ، نېفىت باھاسىمۇ مۇۋاپىق بولۇشقا يۈزلىنىدۇ.
  ئەمەلىيەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتى 14-ئاپرېل بىر نەچچە سائەت مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا قارار چىقارمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كابىنېتى  15-ئاپرىل يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىراندىن ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىن شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئاياغلاشتى، لېكىن قارار چىقىرىش ياكى چىقارماسلىقنى ئېلان قىلمىدى.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى  ناسسېر كانانى 15-ئاپرېل تېھراندا، ئىران رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، دېدى.
  شاڭخەي چەت ئەل تىلى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى جاۋ جۈن شىنخا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، يېقىنقى مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قارشىلىشىشى كۈچەيمەي تەدرىجىي پەسەيسە، خەلقئارادا نېفىت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئەسلىدىكى ئىراننىڭ «ۋاكالەتچىسى» نىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن قارشىلىشىش ھالىتىگە قايتسا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ جۇغراپىيەلىك جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا نېفىت باھاسىغا بولغان تەسىرى ئاجىزلىشىدۇ، چۈنكى بۇلتۇر 10ـ ئايدىن باشلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى بازارغا تەدرىجىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولدى.
  تەھلىلچى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا قايتۇرما زەربە بەرسە ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىشى مۇمكىن. خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 3-ئايدا، ئىران ھەر كۈنى 3 مىليون 250 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىراقتىن قالسا 3-ئورۇندا تۇرغان.
  ئامېرىكا لىپوۋ نېفىت مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئاندى لىپوۋ ئامېرىكا ئىستېمالچىلار ئاخبارات ۋە سودا قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئېكسپورت قىلىش ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇم برېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسىنى 100 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىتىۋېتىدۇ، دېدى. 
  ئامېرىكا بىسون ھوقۇق-مەنپەئەت شىركىتى مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى جوش يوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى رايون سىياسىي ۋەزىيىتى دۇنيادا خام نېفىت تەمىناتىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. ئەگەر تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالسا، خەلقئارادا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 100ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
  ئەگەر ۋەزىيەت يامانلاشسا، كەلگۈسىدە ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش-قىلماسلىقى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ھورمۇز بوغۇزى ئومان بىلەن ئىران ئارىسىدا بولۇپ، دېڭىز قولتۇقىدىكى نېفىت سودىسىنىڭ مۇھىم يولى. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت ۋە ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم نېفىتى بۇ دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ، بۇ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت دۇنيا نېفىت تەمىناتىنىڭ تەخمىنەن %20 ىنى ئىگىلەيدۇ.
  جاۋ جۈن ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي تىركىشىشى داۋاملاشسا ياكى كۈچەيسە، بولۇپمۇ ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلسا ياكى يېرىم قامال قىلسا، خەلقئارادا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ، دېدى.
  ئامېرىكا راپىدان ئېنېرگىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى بوب مەكنايرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى ھورمۇز بوغۇزى تىرانسپورتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، خەلقئارادا ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 120 ئامېرىكا دوللىرى ياكى 130 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
  تەرجىمان: دىلناز تۇرسۇن
  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتەمدۇ-يوق؟

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتەمدۇ-يوق؟