ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 10:43

  ياپونىيەنىڭ يېقىندا «ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈش، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن بىلەن بىرلىشىپ نەنخەيدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، «ئاۋكۇس»، يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش كويىدا بولۇشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى. ياپونىيەلىك بەزى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقتىن پايدىلىنىپ ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، «ئۇرۇش خەتەرلىك يولى»غا قاراپ ماڭماقتا، رايون دۆلەتلىرى يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ياپونىيەنىڭ بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلىرىدە، ئەڭ كۆپ تالاش ـ تارتىش قوزغىغىنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەنلىكى بولدى. 1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى نۇسخا خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى ئىمزالىغان. بۇلار 1951-يىلىدىكى كونا نۇسخىدىكى ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى، 1960-يىلىدىكى يېڭى نۇسخىدىكى ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى. بۇ ئىككى شەرتنامە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى بېكىتكەن بولۇپ، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى.

  «ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»نىڭ يېڭى نۇسخىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا مۇداپىئە جەھەتتە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار، ئامېرىكا ئارمىيەسى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ لېكىن ئامېرىكا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، ياپونىيە مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئاتالمىش «ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويۇپ، ياپونىيەنى مۇھىم پىچكا ۋە ۋاسىتە قىلدى. ھالبۇكى، ياپونىيەدىكى بەزى ئوڭ قانات كۈچلەر تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، دۆلەتنى نورماللاشتۇرۇش ۋە ھەربىي چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى ئويلىماقتا. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلىگەچكە، ئاسانلا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  بۇلتۇر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى قوغدىنىش قىسمىغا يېڭى ئىقتىدار قوشۇپ، «مەخسۇس قوغدىنىش»تىن «ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش»قا ئۆزگەرتتى. بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياپونىيە باشلىقلار يىغىنىدا، «ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»نىڭ كۆلىمى 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىنى قايتا تەشكىللەش، ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، قوغدىنىش ئەترىتىنى «ياپونىيەنىڭ ھۇجۇم ئەترىتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇلا ئەمەس، ئىككى تەرەپ يەنە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى «ئىتتىپاقداش»لىقتىن «بىرلەشمە مۇداپىئە ھەمكارلىقى»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان «يەر شارى ھەمراھ»لىققا كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتتى. جۈملىدىن بۇ مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سۈنئىي ئەقىل ۋە كىۋانت ھېسابلاش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشمە باياناتتا دۇڭخەي، نەنخەي دېڭىزلىرى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، ئاتالمىش كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىمىز، دېيىلدى. بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ھەرىكەتلەر ياپونىيەنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىدىن يەنىمۇ يىراقلاپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيەسىگە كۆپ جەھەتتىن ماسلىشىپ، «كىچىك چەمبىرەك» قۇرۇپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان مۇددىئاسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ياپونىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نوقۇل ھەرىكەتلا ئەمەس. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، رايون ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىر قاتار ھەربىي خەۋپسىزلىك كاپالىتى ھەرىكەتلىرىنى زىچ قوللاندى، جۈملىدىن «مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى يۆتكەشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ»قا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىرغۇچى قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشقا يول قويدى؛ ھەربىي ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، 2027-يىلىغا بارغاندا مۇداپىئە خامچوتىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 ىگە ئۆستۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە پائال يېقىنلىشىنى پىلانلىدى.

  تەھلىلچىلەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى «ئومۇميۈزلۈك بوشىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش دەپ قارىدى. لېكىن دۆلەت ئىچىدە كۆپ ساندىكى ئامما قارشى تۇرغاچقا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەربىي چەكلىمەلەرنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، ئىتتىپاقداشلىرىغا ياردەم بېرىشنى باھانە قىلىپ، رايون تالاش-تارتىشىغا ئارىلىشىپ، تەدرىجىي مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى.

  ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىر قاتار خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىقنى قوزغىدى. «ئاساخى خەۋەرلىرى» گېزىتى يېقىندا ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياپونىيەنىڭ <تىنچ دۆلەت>لىك ئوبرازى گۇمان قوزغىماقتا». ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنىڭ ئۆزىلا قويۇق ھەربىي تۈس ئالغان. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرسە، بۇ يەرنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسى ۋە نارازىلىقىنى قوزغاپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان جاي، چوڭ دۆلەتلەر تىركىشىدىغان شاھمات تاختىسى ئەمەس. ئەگەر ياپونىيە تارىختىن بۇيانقى قەرزى كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىغا ئەگىشىپ «ھەربىي چوڭ دۆلەت» يولىغا قايتىپ، مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرسە، تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. خۇددى ياپونىيە شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۈنچى شياڭ ئېيتقاندەك، ھەربىيلەشتۈرۈشنى توختىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى.

  تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق نېمە قىلماقچى؟

ياپونىيەنىڭ يېقىندا «ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك كاپالىتى شەرتنامىسى»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈش، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن بىلەن بىرلىشىپ نەنخەيدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، «ئاۋكۇس»، يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىغا قاتنىشىش كويىدا بولۇشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى.