ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «1-پەسىللىك دوكلاتى» دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 10:48

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى بازار كۆزلىمىسىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقان جۇڭگو ناھايىتى يارقىن «1-پەسىللىك دوكلات»نى تاپشۇرغان.

  خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىياسەت ئارقىلىق تەڭشەپ تىزگىنلىشى ئۈنۈملۈك بولدى، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى

  «ۋول كوچىسى گېزىتى» جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىغا قارىتا بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك بولدى، دەپ باھا بەردى.

  جۇڭگو دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، بەزى چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇرۇنقى كۆزلىمىسىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن.

  ياپونىيە ئاسىيا ئۆسۈپ يېتىلىش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى دەي ئېربياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىشى كۆپ ساندىكى ئاپپاراتلارنىڭ كۆزلىمىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. دەي ئېربياۋ جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى، مال ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى قاتارلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ تۆھپىسىنىڭ تەكشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ھەر قايسى دۆلەت مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

  رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك داشۆسى ئاسىيا-ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي ماسلوف جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 1-پەسىللىك  ئىپادىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدىن بولدى. بۇ سىياسەتلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.

  كۇبا ھاۋانا داشۆسى خەلئقارا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى لۇئىس رېنې فېرناندىسمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىپادىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان سىياسەتنىڭ خىرىسقا تولغان تاشقى مۇھىتقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، دەپ قارىدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆپ خىل موتورى تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. مۇدى تەھلىل شىركىتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى خاررى مۇرفى گرۇس 1-پەسىلدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق دەپ قارىدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى قوزغىتىلدى

  بىرازىلىيە سودا رەھبەرلىرى تەشكىلاتى جۇڭگو رايونىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاۋروز رىكادو لۇس جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «1-پەسىللىك دوكلاتى» ئۈستىدە توختالغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ: جۇڭگو مۇھىم نۇقتىنى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، دېدى.

  سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىجادىي تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، 1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىدى، بۇ يېشىل تەرەققىياتتا داۋاملىق يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك داشۆسى ئاسىيا-ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي ماسلوۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا «كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش» بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىگە تېخىمۇ تايىنىدۇ، جۇڭگو «دۇنيا زاۋۇتى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «پەن-تېخنىكا زاۋۇتى» دەپ قارىلىشى كېرەك.

  تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلماقتا، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

  ئارگېنتىنا قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش شىركىتىنىڭ لىدىرى فېرناندو فازولى: جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى  تېخنىكا، بىلىم تەركىبى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى تەدرىجىي پۈتكۈل جۇڭگو  جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىدى.

  مالايسىيا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، رايون تەدبىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ رەئىسى لى جيەنسۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېشىل ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز، كەسىپنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى.

  ئاپپاراتلار كۆزلىمىنى ئۆستۈرۈپ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىملىقى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە بازار ھاياتى كۈچى قوشتى.

  تىجارەت-سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭىيىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ چىكاگوغا جايلاشقان داڭلىق باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى كورنى يېقىندا 2024-يىللىق يەر شارى چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ رەت تەرتىپىنى بۇلتۇرقى 7-ئورۇندىن 3-ئورۇنغا كۆتۈردى.

  گېرمانىيە سىمېنىز شىركىتىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى رالف توماس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سىمېنىز ئۈچۈن جۇڭگو كەم بولسا بولمايدۇ، جۇڭگو بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ دېدى. بۇ كارخانا بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  فىرانسىيە ئېلېكتىر گۇرۇھى تىرىلمە ئېنېرگىيە شىركىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى پاترىك شارىنىۋىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 40 يىلدا، بىز ھەر يىلى نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدۇق. بىز جۇڭگوغا سالغان مەبلەغنىڭ ھازىرقى سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  نۇرغۇن خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىنى  بەس-بەستە كۆردى. مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى مورگان سىتانلى يېقىندا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى 0.6 پوئىنت ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئاپپارات مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 1-پەسىلدىكى ئېكسپورتى كۈچلۈك، ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن يىلدا بىر قەدەر كۈچلۈك ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گولدمان سىچېس، سىتى بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرگەن ئىدى.

  گولدمان سىچېس تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد كوللېكتىپى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، بولۇپمۇ 3-ئايدا جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقتا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى قۇۋۋەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا؛ ئادىل ئابلەت؛ دىلناز تۇرسۇن

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا؛ ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «1-پەسىللىك دوكلاتى» دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى بازار كۆزلىمىسىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقان جۇڭگو ناھايىتى يارقىن «1-پەسىللىك دوكلات»نى تاپشۇرغان.