ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋېنگىرىيەدىكى ھاياتى كۈچكە تولغان جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:دىلناز تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 16:39

 ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتنىڭ غەربىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك بازار بىئوتورباجىدا، تىبورنىڭ ھەيدىگەن ۋېيلەي توكلۇق ئاپتوموبىلى دائىم شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ماشىنامنى كۆرگەنلا كىشى، ئىختىيارسىز ماختاپ كېتىدۇ!
تىبور ۋېيلەي شىركىتىنىڭ  ياۋروپا زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى. ئۇ مۇخبىرغا ۋېيلەي ئاپتوموبىلىنىڭ ياۋروپاغا توكلۇق ئاپتوموبىل ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلغار باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ۋېيلەي شىركىتىنىڭ ياۋروپا زاۋۇتىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ۋېيلەينىڭ چەت ئەلدە قۇرغان تۇنجى زاۋۇتى، شۇنداقلا ۋېيلەي توك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپادا ياساش مەركىزى، مۇلازىمەت مەركىزى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى بولۇپ، ۋېيلەينىڭ پۈتكۈل ياۋروپادىكى تورىنى باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2022-يىلى9-ئايدا بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان تۇنجى باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى.

تىبور زاۋۇت سېخىدا ئالدىراش بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزەتكەچ  مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ تولۇق ئۆلچەملىك ھەرىكەتچان كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل (SUV) نى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ ،تورۇسقا ئورنىتىلغان يۈرۈش سىستېمىسى ھەر قايسى ئورۇنلار ئارىسىدا ئېغىر تىپتىكى زاپچاسلارنى يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ سىرتقى قۇرۇلمىسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىبىي قىسىم بولۇپ، ئۆز جايدا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. تىبور يەنە مۇنداق دېدى: پۈتكۈل زاۋۇت بىرلا ۋاقىتتا توققۇز  باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، بۇ زاۋۇتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىلغار تېخنىكىسىنى نامايەن قىلدى.

ۋېيلەينىڭ ياۋروپادىكى مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ خۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋېيلەي شىركىتىنىڭ  ياۋروپا زاۋۇتى يەرلىكلىشىش پىرىنسىپى بويىچە شۇ جايدىكى ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ كوللېكتىپ يادرولۇق كۈچ تەشكىللەپ، ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرنى تاللاپ، شۇ جايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى بىرلەشتۈردى. 2023-يىلى3-ئايدا ۋېنگىرىيە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسى يىللىق يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارغا مەبلەغ سېلىش مۇكاپاتىنى شۇ جايغا يۈزدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەرگەن بۇ جۇڭگو كارخانىسىغا بەردى. 

بىيادىمۇ ۋېيلەيگە ئوخشاش ۋېنگىرىيەدە ياخشى ئالقىشقا ئېرىشتى. شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدىكى»ئاپتوموبىل تور چولپىنى« خولۋات ئاندىراش مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن بىيادى ماركىلىق بارلىق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ باقتىم. »دېڭىز يىلپىزى «نى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ باتارېيەسى چوڭ،  سۈرئىتى ناھايىتى تېز، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، ئىشلىنىشىمۇ ناھايىتى سىپتا. جۇڭگولۇقلار ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىل ياساشنى ئۆگىنىۋاپتۇ.

ۋېنگىرىيەدىكى  شىللېر ئاپتوموبىل شىركىتى بىيادى ئاپتوموبىلىنىڭ شۇ جايدىكى سېتىش سودىگىرى. بۇ شىركەتنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە تىجارەت باش نازارەتچىسى شىللېر مارك مۇنداق دېدى: بىر كونا  سېتىش سودىگىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركەتنىڭ ئەنئەنىۋى ياۋروپا ماركىلىرىنى سېتىشتىن ئاساسلىقى بىيادى ماركىلىق يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى سېتىشقا بۇرۇلۇشنى قارار قىلىشى، ئاپتوموبىل كەسپىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈردى. بىيادى شىركىتىنىڭ ۋېنگىرىيە ماركىسىغا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مەيلى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇش بولسۇن ياكى ۋېنگىرىيەدىكى سېتىش تورىنى كېڭەيتىش بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭ ياۋروپا بازىرىغا بەرگەن ۋەدىسىنى نامايان قىلدى. ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىلدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئۆزگىرىش دولقۇنىدا. ۋېنگىرىيە «ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇش» نى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ماركىسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ۋېنگىرىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى تەسىرى شۇ جايدىكى تاراتقۇلار ۋە ئاپتوموبىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ۋېنگىرىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل مۇتەخەسسىسى زىۋارا شوبورچنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسى ۋېيلەي ئېلىپ كەلگەن ئىجادىي باتارېيە ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە بىيادى «دېڭىز يىلپىزى»، مىڭجۆ «Cyberster» قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ياۋروپا بازىرىدىكى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى ھەمدە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولغان. 

ۋېنگىرىيە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى يوئىشتېۋان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتوموبىل ياساش كەسپى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل تەمىنات زەنجىرى ۋېنگىرىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەسىپ جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بىز جۇڭگونىڭ يەنىمۇ مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋېنگىرىيەدىكى ھاياتى كۈچكە تولغان جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى

ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتنىڭ غەربىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك بازار بىئوتورباجىدا، تىبورنىڭ ھەيدىگەن ۋېيلەي توكلۇق ئاپتوموبىلى دائىم شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ماشىنامنى كۆرگەنلا كىشى، ئىختىيارسىز ماختاپ كېتىدۇ!