ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 08:56

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، غەربتىكى بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»نى ھەدەپ تەرغىب قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەتىيازلىق يىغىنىدا، نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناس ۋە كەسپىي زاتلار مۇنداق دېدى: بۇ خىل سەپسەتىنى چۈشىنىش تەس، مەيلى بازاردىكى تەمىنات بىلەن ئېھتىياج نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى كەسىپ قاتلىمىدىكى ئەمەلىي ئەھۋال جەھەتتىن بولسۇن، بۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ.

تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى» ماھىيەتتە ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قارا چاپلاپ زەربە بېرىشتىكى بىر خىل سىياسىي قورالى، مەقسىتى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى قوغداش، نەتىجىدە بۇ نورمال دۇنيا سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئىقتىسادشۇناس ئايودلېي داۋودۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا قارىتا ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن:«مەن بۇنى چۈشىنەلمىدىم ......» دېدى. ئۇ باش ئىشتابى لوندونغا جايلاشقان مەبلەغ سېلىش ئورگىنى بانكا ھاۋالە شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئافرىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە كارخانا كىرېدىت تەتقىقات باشقۇرغۇچىسى. داۋادۇ مۇنداق دېدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگودىن خېلى كۆپ مەھسۇلات، جۈملىدىن ماشىنا، كىيىم - كېچەك ۋە باشقا زۆرۈر بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەن ئەمەلىيەت جەريانىدا جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»نى بايقىمىدىم، ئەكسىچە، «ئافرىقا كۈچلۈك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگوغا موھتاج».

ئامېرىكا جورجىيە ئىشتاتى ئېمورى داشۆسى دۇنيا ساغلاملىق تەتقىقاتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان سامپسون ئادودىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا. ئادودى مۇخبىرغا جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» بار دەپ ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر بىرىگە تېخىمۇ زىچ باغلانغان، ھېچقانداق دۆلەت يالغۇز ئۆزىگە تايىنىپلا ئۆز ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ، كۆپچىلىك سودىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە موھتاج، ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» دېگەن سۆز بىلەن سودىنى چەكلىمەيدۇ.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى نىكولاس رادى ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»نىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ۋە سودا قورۇقچىلىقىدىن ئەندىشە قىلدى. رادى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»نى قانداق ئۆلچەشنى بىلمەي قالدىم. بۇ قاراش ھەر قانداق دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماسلىقى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئامېرىكا بوئېن شىركىتى مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەكمۇ؟ ئامېرىكىدا دادۇر تېرىيدىغان دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇشى كېرەكمۇ؟ رادى مۇنداق دېدى: بىر مەھسۇلاتى رىقابەت كۈچىگە ئىگە توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى ئەجەبا پەقەت دۆلەت ئىچى بازىرى ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىپ، مەھسۇلات ئېكسپورت قىلماسلىقى كېرەكمۇ؟ بۇ خىل سەپسەتە چەكتىن ئېشىپ كەتسە، دۆلەتلەر ئارىسىدا سودا ئالاقىسى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ دۇنياغا نىسبەتەن بىر مەيدان ئىقتىسادىي ئاپەت.

ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى دېئان بېك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى ۋە يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، بۇ دۇنياغا نىسبەتەن بىر ياخشى ئىش، ئەگەر بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا سودا سۈركىلىشى پەيدا قىلسا،  ئىنتايىن كېلىشمەسلىك بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەتىيازلىق يىغىنىدا، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇزاكىرە قىلىدىغىنى سودىنى چەكلەش ئەمەس، بەلكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى پىئېر ئولۋىيې گۈلەنشا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر تېز كۆپىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك ئېشىش ئىستىقبالىغا زىيان يەتكۈزدى، بۇ ئۈنۈمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ، دۇنيا ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن.

ئەنگلىيە جىتۇڭ بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ ھەمراھى ئوللى خۇڭچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى تەھدىت دەپ قارالماسلىقى كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۆز ئۈستۈنلۈكىدىن كەلگەن. جۇڭگونىڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلىرى دۇنيا بازىرىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردە جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئەنگلىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تايلاند كەيتەي بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى سەي ۋېيسەي مۇنداق دەپ قارىدى: غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ لىتىيلىق باتارېيە، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلات دەپ ئاتىشى كىشىنىڭ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كونترول قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆز دۆلىتىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بازاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈستىدە قايتا ئويلانماي، ئەكسىچە جۇڭگونى «ئىقتىداردىن ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىپ ئېكسپورت قىلدى»، دەپ ئەيىبلىدى، ھەتتا بۇنى باھانە قىلىپ ئادىل رىقابەتكە زەربە بېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ.

ياپونىيە ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، مىزۇخو بانكىسى سودا ئىشلىرىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى تاڭ جىن: توكلۇق ئاپتوموبىل دۇنيا بويىچە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، «ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى مەۋجۇت ئەمەس»، دېدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە، «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»نىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا ۋە كەسىپ زەنجىرى جەھەتتىكى تەرەققىيات سۈرئىتى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

تاڭ جىن مۇنداق دېدى: بەزى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىكى مەقسىتى - ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى قوغداش ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە زەربە بېرىپ، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق رىقابەت ئورنىنى كۆزلەش.

تەرجىمان: پاتىگۈل

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»

پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىسادشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى نەزەرىيەسى»