ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېڭى ھاياتىي كۈچى»گە دىققەت قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 15:41

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ جۇڭگودىكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ ۋە مەبلەغنى يېڭىلىق يارىتىش يولىغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ يۈزلىنىش جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كېيىنكى مەبلەغ سېلىشتىكى نىشان يەنىلا جۇڭگو. دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق بەلگە قىلغان يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دۇنيا كەسىپ خەرىتىسىدە يېڭى جەلپ قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

جۇڭگو كۈچلۈك  جەلپ قىلىپ دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى  قۇۋۋەت ئاتا قىلدى

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى كارخانىسى 12 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشقان. مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 1- پەسىلدە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىش نىسبىتى %12.5 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.2  پوئېنت ئاشقان. كاپىتالنىڭ «پۈتۈن كۈچى بىلەن  قوللىشى» يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ دۇنياغا «كۈچلۈك  جەلپ قىلىش كۈچى» قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

رۇسىيە موسكۋا دۆلەتلىك داشۆسى ئاسىيا-ئافرىقا شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئالېكسېي ماسىلوف مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى. ئەگەر ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەرزان باھالىق تاۋار ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ تۈرتكىسىگە تايانغان بولسا، ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىگە تېخىمۇ تايىنىدىغان بولدى. ئىلگىرى جۇڭگو «دۇنيا زاۋۇتى» دەپ ئاتالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو «پەن-تېخنىكا زاۋۇتى» دەپ قارالماقتا.

تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى پىننى مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىياتىنىڭ ماتورىغا ئايلانماقتا، جۇڭگونىڭ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بولۇپمۇ تايلاندنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئامىن ناسىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرى ۋە كەلگۈسى كەسىپلىرى جەھەتتە، مەن  يېڭى ھەمكارلىق ساھەسىنى ئېنىق كۆردۈم.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ  ئاتا قىلدى

سىرتقى كۆرۈنۈشى «ئانچە پەرقلەنمەيدىغان» ئىككى پارچە پاختا رەخ پۈركۈپ بويالغاندىن كېيىن سۇغا سېلىنىپ، بىردەم تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن چىقىرىۋېلىندى. بىر پارچە پاختا رەختنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى، يەنە بىر پارچىسى يەنىلا ئۆڭمىدى. شەندۇڭ يەنتەي تەيخې يېڭى ماتېرىيال گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە باش مۇدىر سوڭ شىچۈەن مۇخبىرغا شىركەتنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان Ecody  يېشىل بوياقچىلىق تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردى.

جېجياڭنىڭ خاڭجۇدىكى جۇڭسې كاۋچۇك گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق  بالون كەلگۈسى زاۋۇتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن كەڭ پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئەقلىي ئەشيا ئوبوروتى، ئەقلىي ياساش ۋە ئەقلىي  تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە زاۋۇتتا ماشىنىلارنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ئاسماننى قاپلىغان چاڭ ـ توزان ۋە ئالدىراش ئىشچىلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يەتتە سېكۇنتتا بىر بالون ئىشلەپ بولىدۇ، «ئەقىللىك» زاۋۇت ئۆزى ئىش قىلالايدۇ.

فۇدەن داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ليۇ دىيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا مۇھىت ئاسراش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى تەكىتلىدى، مەسىلەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان مىسال بىلەن تەمىنلىدى.
يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. دۇنيا تىرىلمە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە يەنىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. دۇنيا ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى DHL تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جياڭ مىڭشېن مۇنداق دېدى: خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كەسپى تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ پاكىز يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، بۇ جۇڭگونىڭ يېشىل ۋە رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن بىردەك. بولۇپمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە يېشىل ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە، جۇڭگو بازىرى ۋە جۇڭگودىن كەلگەن زور مىقداردىكى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەرگە كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.
تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەش ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئۈچۈن يېڭى ئېكولوگىيە يارىتىپ بەردى

نۆۋەتتە، بەزى دۆلەتلەر «كىچىك ھويلا ئېگىز تام» پەيدا قىلىش، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۈزۈش» قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تېخنىكا ئوبوروتىنى قامال قىلىپ، سودا  قورغىنىنى ئېگىزلىكتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى مونوپول قىلىشنى كۆزلەپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكا ھاڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا جۇڭگونىڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلماقتا.

«يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ بېرىمىز»،  «دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى پائال كىرگۈزىمىز»، «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىبارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز»..... ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ئېچىۋېتىش قىياپىتى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئارگېنتىنا قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش شىركىتىنىڭ لىدىرى فېرناندو فازولارى مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېخنىكا تەرەققىياتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مىقياسىدا بازارنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپا رەقەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى لۇيىجى گەنباردەيلا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي  ياسىمىچىلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە قاتارلىق  گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ھەمكارلىق كەيپىياتى يارىتىدۇ.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش «تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى»غا ئوخشاش دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيە ئورنىدىكى دۆلەت ۋە كەسىپلەر ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

«يېڭى» بولغانلىقى ئۈچۈن جانلىنىپ، «يېڭى»غا قاراپ ئىلگىرىلىدى، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتتى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى  قۇۋۋەت، يېشىل تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، دۇنيانىڭ ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىغا يېڭى ئېكولوگىيە يارىتىپ بەردى. يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى جۇڭگو بىلەن دۇنيا يازغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھېكايىسىدە ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېڭى ھاياتىي كۈچى»گە دىققەت قىلماقتا

دۇنيا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «يېڭى ھاياتىي كۈچى»گە دىققەت قىلماقتا