ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 16:04

ئامېرىكا يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا بىردىنبىر قارشى ئاۋاز بەرگەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇش پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم، ئامېرىكا ئېغىزىدا «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللىغان بولسىمۇ، ھەرىكىتىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساختا قىياپىتى ۋە زومىگەرلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. پەلەستىن ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دۆلىتى. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار چىقىرىدۇ. يېڭى ئەزا  قوبۇل قىلىش ماھىيەتلىك قارالما بولغانلىقتىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ئاز دېگەندە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ  توققۇز  ئەزاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتىشى ھەمدە دائىمىي  كېڭەشكە ئەزا بەش دۆلەت قارشى تۇرماسلىقى كېرەك. ئامېرىكىدىكى مەلۇم تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بېلەت تاشلاشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشى توغرىسىدا ۋائىزلىق قىلغان. ئامېرىكا مۇشۇ ئايدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى مالتاغا بېسىم ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە ئېكۋادوردىن باشقا دۆلەتلەرگە ۋائىزلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئەمەلىيەت شۇنى كۆرسەتتىكى، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتمىدى.  رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبىنزىيا مۇنداق دېدى: ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، ۋاشىنگتون ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي يېتىم قالدى. ئامېرىكىنىڭ ساختا سىياسىتى پەلەستىننىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ قالدى. ئامېرىكا كۆپ قېتىم «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن 3-ئاينىڭ باشلىرىدىكى دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نۇتقىدىمۇ مۇنداق دېگەن: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»، ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىگە زىت بولۇپ قالدى.  پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى سىياسىتىدىكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بەردى، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قوللايمىز دەپ جار سالسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ بۇ لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توستى.  مېكسىكا گۋادالاجالا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى خىمى تامايۆ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئەزەلدىن بىردەك  بولماي كەلدى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم قارشى ئاۋاز بېرىشى ئۇنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدا پەقەت سۆھبەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىگە قاراش كېرەك دەپ جار سالدى، بۇ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق، بۇ ئامېرىكىنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ سۇڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى بارغانسېرى ئېنىق رەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلسا، پەلەستىننى ئىسرائىلىيە بىلەن باراۋەر ئورۇندىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ، بۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا پايدىلىق. «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى چىن كۆڭلىدىن قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەر پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرماسلىقى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە كۈچىنىڭ بارىچە يان بېسىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبكەن.  ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى چىكاكو يەر شارى ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جەمئىي رەت قىلغان 89 تۈرلۈك قارار لايىھەسىنىڭ 45ى ئىسرائىلىيەگە چېتىشلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 33ى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ياكى پەلەستىنلىكلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئىشلار پىروفېسسورى ۋەلى ناسىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك قىلمىشلىرى ئىسرائىلىيەنى قوللاشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل  تۈردە  تەبىئىي تاللىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ سابىق ياردەمچىسى مازان سەمىيە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 2023-يىلى10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ئىسرائىلىيەگە يان بېسىشنى توختاتمىدى.

مىسىر-ئەرەب تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سامىر راجىب مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئامېرىكا يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلىش قارار لايىھەسىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى

ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى