ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيا يەر شارى كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ماكانىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا توختىلايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 16:06

 22-ئاپرېل 55-دۇنيا يەر شارى كۈنى. يەر شارى ئىنسانلار ياشاشتا تايىنىدىغان بىردىنبىر ماكان بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك كەسكىن خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە: يەر شارى ئىللىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى كۈنسېرى ئاجىزلاشماقتا، نۇرغۇن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، ھاۋا ۋە خىمىيەلىك بۇلغىنىش يەر، دېڭىز-ئوكيان ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت سالماقتا.

بىز ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسى سولياۋغا تايىنىۋېلىشنى ئازايتىش، يېشىل سەپەرگە چىقىش، توغرا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق يەر شارى مۇھىتىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغان بەش تۈرلۈك ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

نۆۋەتتە، يەر شارىدا 2 مىليارد گېكتاردىن ئارتۇق يەر چېكىنىۋاتىدۇ، 2000-يىلىدىن بۇيان قۇرغاقچىلىقنىڭ قېتىم سانى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى %29 ئاشتى. يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چۆللىشىشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قوللانمىسى: يەر شارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەلىي كۆرسەتمىسى» دە سەككىز خىل مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئورمان، ئېتىز - ئېرىق، ئوتلاق ۋە شالاڭ دەرەخلىك ئوتلاق، دەريا ۋە كۆل، دېڭىز - ئوكيان ۋە دېڭىز قىرغىقى، شەھەر - بازار ۋە شەھەر، تورف يەر ۋە تاغ تىزمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قوللانمىدا شەخسلەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتنىشىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەكلىپ بېرىلدى، مەسىلەن، پىدائىي سۈپىتىدە باغچە ياكى دېڭىز ساھىلى، كۆل قاتارلىق تەبىئىي رايونلارنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش؛ يەرلىك ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ئائىلە، مەكتەپ ياكى شىركەت قاتارلىق سورۇنلارنى كۆكەرتىش؛ مۇھاكىمە يىغىنى ياكى توردا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ قىممىتى ۋە دۇچ كەلگەن تەھدىتنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىقلار.

كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇش

پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىمىسە، مۇشۇ ئەسىردە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلىشى مۇمكىن. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئىلگىرى دۇنيا كىلىماتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ دېگەن ئىدى. ب د ت مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ «دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش: ئاۋاز قوشۇش» پائالىيىتى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنى سىستېمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانداق تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتتە كىلىمات تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن: بۇنىڭدا شۇ جايدىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە ئالاقىدار مۇراجىئەتلەرنى چىقىرىش؛ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش؛ ئەڭ يېڭى ئىلىم - پەن بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش قاتارلىقلار بار.

پۈتۈن دۇنيادىكى سولياۋ تاغنى بويسۇندۇرۇش

سولياۋ ھەممە يەردە بار. ئۇ كىيىم - كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئويۇنچۇق، يېمەكلىك ئوراش-قاچىلاش، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت. كىشىلەرنىڭ بىر قېتىملىق سولياۋغا تايىنىۋېلىشى يەر شارىغا نىسبەتەن ئاپەت خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇ سولياۋلارنى پارچىلاش ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. كىشىلەر ھەر يىلى 430 مىليون توننا سولياۋ چىقىرىدۇ ۋە سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ناھايىتى تېزلا ئەخلەت ئورنىدا كۆمۈش مەيدانىغا تۆكۈلۈپ، كۆل، دەريا، تۇپراق ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنى بۇلغايدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسى ھەر بىر ئادەم قانداق قىلغاندا كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىدىن باشلاپ سولياۋنىڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتالايدۇ دېگەن توغرىسىدا تەكلىپ بەردى: زۆرۈر بولمىغان سولياۋنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتىش؛ ھازىر بار بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاپ تەكرار ئىشلىتىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىق؛ بىر قېتىملىق سولياۋنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتىش ھەمدە قايتىدىن لايىھەلەش ئارقىلىق مەھسۇلاتتىكى سولياۋ تەركىبىنى ئازايتىدىغان ماركىلارنى قوللاش كېرەك.

بۇلغانغان ھاۋانى يوقىتىش

ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مۇھىت ساغلاملىق خەتىرىنىڭ بىرى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ھەر يىلى 7 مىليون ئادەمنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇلغانغان ھاۋا يەنە يۈرەك كېسىلى، ئۆپكە كېسىلى، سەكتە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋادىكى بۇلغىمىلارمۇ تەبىئىي مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈپ، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە كىلىمات كىرىزىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ «ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش مەشغۇلات كۆرسەتمىسى» دە شەخسنىڭ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان: مەسىلەن، ئانئورگانىك ئەخلەتلەرنى يىغىۋېلىش، مال سېتىۋېلىش خالتىسىنى تەكرار ئىشلىتىش، ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرمەسلىك، بۇلغىشى بىر قەدەر ئاز بولغان سەپەر ئۇسۇلىنى ئويلىشىش، ئاممىۋى قاتناشنى ئىشلىتىش، ۋېلىسىپىت مىنىش ياكى پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار.

توغرا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش

دەل-دەرەخلەرنى ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، ئۇلار ئاتموسفېرادىكى كاربوننى سۈمۈرۈپ، تۇپراقنى قوغدايدۇ ۋە نەمدەيدۇ ھەمدە قۇش ۋە ھاشارات قاتارلىق نۇرغۇن ھايۋانلارغا پاناھ بولىدۇ. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن خاتا يەرگە خاتا دەرەخ تىكىلسە، ئەكسىچە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا زىيان يېتىدۇ ھەم ھەر خىل ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ «كۆچەت تىكىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش: تېز دەرسلىكى» دە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ توغرا بولغان بەزى ئاساسىي قائىدىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئەڭ ياخشىسى ئىلگىرى ئورمانلىق بولغان جايغا كۆچەت تىكىش كېرەك. ئەڭ ناچار تاللاش ئوتلاق، تورف ياكى نەم يەر قاتارلىق باشقا تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇش. ئىككىنچىدىن، يەرلىك دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار شۇ جاينىڭ كىلىماتى ۋە تۇپرىقىغا ماس كېلىدۇ، بۇ سىرتتىن كەلگەن تۈرلەرگە قارىغاندا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىشى مۇمكىن.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيا يەر شارى كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ماكانىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا توختىلايلى

دۇنيا يەر شارى كۈنىدە ئىنسانلارنىڭ ماكانىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا توختىلايلى