ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-تايلاند ساياھەتچىلىرى قوش يۆنىلىشلىك ساياھەت قىلماقتا، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىككى دۆلەت ئالاقىلىسىنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 08:10

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى سۇڭگەن بايرىمى بولۇپ، سۇ چېچىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پايتەخت باڭكوكقا جايلاشقان سۇۋانناپ ئايرودۇرۇمى ئادەتتىكى كۈنلەردىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئايرودۇرۇم زالىغا سۇ چېچىش بايرىمىنى تەبرىكلەش بېزەكلىرى قويۇلغان بولۇپ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ساياھەتچىلەر نۆۋەتچى ئايروپىلان پۇكىيى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى.

تايلاندلىق ساياھەتچى تانا سۇ چېچىش بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولدى. ئۇ داشۆدە جۇڭگو تىلىنى تاللاپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ئىزچىل جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. تانا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭ سەددىچىن سېپىلىغا چىقىپ، مۈشۈكئېيىقنى كۆرۈپ، ئاچچىق ـ چۈچۈك ساماۋار شورپىسىنى تېتىپ باققۇم بار. ئىلگىرى جۇڭگوغا بارىدىغان ۋىزا بېجىرىش ئۈچۈن بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاشقا توغرا كېلەتتى، ئىزچىل بارالمىدىم، ھازىر جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىندى، تېخىمۇ قولايلىق بولدى، ئاخىرى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بولدۇم.

جۇڭگو بىلەن تايلاند ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، تايلاندلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. «شېچېڭ»نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،1-مارت تايلاندلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىش زاكازى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە، 2019-يىلىدىكىدىن %160 ئاشقان.  1-مارت، «شېچېڭ» تايلاند پونكىتىدىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەش قىزغىنلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.
مۇخبىرنىڭ يېنىدا جۇڭگوغا بارغان بىر نەچچە تايلاندلىق دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى جۇڭگودا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار، سودا ساھەسىدىكى ئەربابلار، بالىلىرىنى جۇڭگوغا ئېلىپ بېرىپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى پىلانلىغان ئاتا-ئانىلارمۇ بار ئىدى.

تايلاند بورىن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىچاي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:  جۇڭگو ھەم ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە، ھەم نۇرغۇن زامانىۋى پەن ـ تېخنىكىغا ئىگە. جۇڭگو تايلاندنىڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمراھى، ئاسىيا ھەتتا دۇنيادا جۇڭگونىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا بىز بالىلارنى ئېلىپ جۇڭگونى ساياھەت قىلماقچى، كەلگۈسىدە بالىلار جۇڭگوغا بېرىپ ئوقۇشى مۇمكىن.

1-مارت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈنى، تايلاندلىق ساياھەتچى سانتىدى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا جۇڭگوغا ئوڭۇشلۇق چېگرىدىن كىرگەن پاسپورتنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. سانتى مۇنداق دېدى: تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشى ئۆزىگە ئوخشاش جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى.

ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى تايلاندلىقلارنىڭ جۇڭگوغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، جۇڭگولۇقلارنىڭ تايلاندقا بېرىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى. مۇخبىر باڭكوكتىكى خان ئوردىسى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرىگاھلىرىدا جۇڭگودىن كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىنى دائىم  ئۇچرىتىپ تۇردى، ۋوگزال كەچلىك بازىرىدا قاتار - قاتار ئاپتوبۇسلارنىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىپ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. يۈننەندىن كەلگەن جاۋ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى تايلاندقا ئىككى قېتىم كەلگەن، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن مەن دەرھال تايلاندقا ساياھەتكە كەلدىم، چۈنكى بۇ يەردە گۈزەل تائاملار بولۇپلا قالماي، يەنە تايلاندلىقلار ناھايىتى قىزغىن، ناتونۇش  ھېس قىلمايمىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ، «جۇڭگولۇقلار بىلەن تايلاندلىقلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك» تۇيغۇ بېرىدۇ.

جۇڭگو-تايلاند ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو-تايلاند ساياھەتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش قىزغىنلىقى داۋاملىق ئاشتى. تايلاند ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 31-مارتقىچە، تايلاند كۈتۈۋالغان چەت ئەللىك ساياھەتچى 9 مىليون 370 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 454 مىليارد 700 مىليون تايلاند باختى كىرىم ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇق ساياھەتچى 1 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تايلاند ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈ نالىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تايلاند بىر-بىرىنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلى ۋە ساياھەتچىلەر مەنبەسى، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاكتىپ ئېچىۋېتىش سىگنالىنى تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەللىك دوستلارنى قارشى ئېلىش سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى. ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى تايلاند-جۇڭگو ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەت خادىملىرى ۋە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگو- تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.

تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، تايلاند-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گوڭ تاپالاڭشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ ئىككى دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. تايلاند-جۇڭگو خەلقىنىڭ بېرىش- كېلىشى تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، ساياھەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئادىمىيەت ئاساسى سالىدۇ.

تەرجىمان:ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-تايلاند ساياھەتچىلىرى قوش يۆنىلىشلىك ساياھەت قىلماقتا، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ئىككى دۆلەت ئالاقىلىسىنى ئىلگىرى سۈردى

4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى سۇڭگەن بايرىمى بولۇپ، سۇ چېچىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پايتەخت باڭكوكقا جايلاشقان سۇۋانناپ ئايرودۇرۇمى ئادەتتىكى كۈنلەردىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئايرودۇرۇم زالىغا سۇ چېچىش بايرىمىنى تەبرىكلەش بېزەكلىرى قويۇلغان بولۇپ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ساياھەتچىلەر نۆۋەتچى ئايروپىلان پۇكىيى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى.