ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ياپونىيە خەلق ئاممىسى كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپتىن ئەندىشە قىلماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 08:17

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى   23-ئاپرېل فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا چىقىرىۋەتكەندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان. ياپونىيە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە پەرۋا قىلماي، فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دېڭىزغا قويۇپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىزغا قويۇپ بېرىش باشلانغاندىن بۇيان، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل توكيو ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ مەشغۇلاتى مۇۋاپىق بولماي، باشقۇرۇشى ياخشى بولماي، ھادىسە كۆپ يۈز بەردى. ياپونىيە خەلق ئاممىسى شۇ سەۋەبتىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان دەۋاگەرلەر ئۆمىكىگە 360 تىن ئارتۇق دەۋاگەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يەر شارى دېڭىز-ئوكيان مۇھىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بۇ خىل قىلمىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش دەۋاگەرلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق دېدى: دېڭىز بېلىقچىلارنىڭلا  بولۇپ قالماستىن، كۆپچىلىكنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، بىز ئورتاق ياشاشتا تايىنىدىغان دېڭىز ئەخلەت ساندۇقى ئەمەس.

توكيو ئېلېكتىر شىركىتى قويۇپ بەرگەن يادرو بۇلغىما سۈيى بىر تەرەپ قىلىندى، مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، دېدى، لېكىن ئامما بۇ گەپكە ئىشەنمىدى، چۈنكى توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسى فۇكۇشىما يادرو ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش دەۋاگەرلەر ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېلان قىلمىدى، ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا قارىتا تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئىنتايىن ئاز، ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلانغاندىلا، ئاندىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلمايدۇ، بۇ خىل «ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش» بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە.

بۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى ئارقا سەپ دەۋاغا ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزالىرى 200دىن ئېشىپ كەتتى ھەمدە داۋاملىق كۆپەيمەكتە. ئارقا سەپ ياردەم بېرىش ئۆمەكلىرى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش سادالىرىنىڭ داۋاملىق دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىشىنى ئۈمىد قىلدى.

فۇكۇشىما يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ئارقا سەپ دەۋاغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: مەن پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى  دېڭىزغا قويۇپ بېرىشكە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قارشى سادالارنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزنى قويۇپ بېرىشكە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى، نۇرغۇن سۈرەت ۋە  ۋىدېيولارنى تارقاتتى. فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا بۇلتۇر يادرو بۇلغىما سۈيى چىقىپ كېتىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، مەسىلە ئۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە توكيو ئېلېكتىر شىركىتى يەنىلا جاھىللىق بىلەن يادرو بۇلغىما سۈيىنى  دېڭىزغا قويۇپ  بەردى، بەزى ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش كەلگۈسىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى شەھەر ئاھالىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كاۋائى ياسۇ مۇنداق دېدى: مەن  توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىقتىدارىدىن بەك ئەنسىرەيمەن ۋە گۇمانلىنىمەن، بۇ ۋەقەلەر يادرو بۇلغىما سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يۈز بەردى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونىرىشى ۋە توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ قاتماللىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تېخنىكا پىشىپ يېتىلمىگەچكە، رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى باشقۇرۇش بەك قول ئۇچىدىلا بولۇپ قالغاچقا، مەسىلىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمىدى، بۇ ناھايىتى تىپىك مىسال.

ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى شەھەر ئاھالىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى  ماساشى گوتو مۇنداق دېدى: توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق ماددىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ئېڭى كەمچىل، ئۇلار پەقەت سۇيۇلدۇرۇلسىلا دېڭىزغا بىخەتەر قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ، دېدى. بۇ بىخەتەرلىكنى بىلمىگەنلىك، بۇ خىل ئۇسۇلنى بىخەتەر دېگىلى بولمايدۇ، بىخەتەرلىكنى ئاددىي ھالدا زەھەرلىك ماددىلار سۇيۇلدۇرۇلسىلا بولىدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىخەتەرلىككە ھەقىقىي ئەھمىيەت بەرسە، كەلگۈسىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، ھازىر تەبىئىي مۇھىتقا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ھەمدە ھازىرقى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەك.

كاۋائى ياسۇ بىلەن ماساشى گوتو يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن توكيو ئېلېكتىر ئىستانسىسى يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى، مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان لايىھەگە ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان يادرو بۇلغىما سۈيىنى  ئازايتىشى ھەمدە يادرو بۇلغىما سۈيىنى  ئىلمىي، بىخەتەر، ئاشكارا ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، ياپونىيە خەلق ئاممىسى كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپتىن ئەندىشە قىلماقتا

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 23-ئاپرېل فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو بۇلغىما سۈيىنى دېڭىزغا چىقىرىۋەتكەندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.