ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىشى» ئامېرىكىنىڭ ساختىپەزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 08:28

«ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قوللىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى پەلەستىننىڭ  دۆلەت قۇرۇشىنى قوللاشنى خالىمىدى»، «ئاتالمىش ئەڭ ئۇلۇغ دېموكراتىك دۆلەت» نېمىدېگەن يالغانچى»، «ئامېرىكا پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى، بۇ ھۆكۈمەت تىپىك ئۇرۇش بېدىكى» ...... بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا كىرىشىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىد سادالىرى ئۈزۈلمىدى. جۇڭگو، مىسىر، ئىرېلاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئادىللىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى چېكىندۈردى، دەپ تەنقىد قىلدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولغان ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 18-ئاپرېل قارشى بېلەت تاشلاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ئارزۇسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن بىتچىت قىلىپ، پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى ساختىلىقى ۋە «قوش ئۆلچەم»ىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. غەززە ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا، ئامېرىكا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. پەلەستىن خەلقى ھەققانىي تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكا يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ «بىر تەرەپكە يان بېسىش» سىياسىتىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ  ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇزۇندىن بۇيان مۇستەقىل  دۆلەت قۇرۇش پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. تارىختا پەلەستىن يەھۇدىيلار، خىرىستىيان مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جاي ئىدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ بۇ رايوندا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولى ئىنتايىن قىيىنلاشتى.

2011-يىلىغا كەلگەندە، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى چەكلەشنىڭ تەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئاساسلىق نىشان قىلدى ھەمدە شۇ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇندى. نەتىجىدە ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە قارشى تۇردى، ئاخىرىدا پەلەستىن كۆزەتكۈچى» سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمىدى.

2023-يىلى 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، غەززە رايونى ئۇرۇش ئوتىغا پېتىپ قالدى. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى غەززە ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايدۇ، پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنى كەڭ كۆلەمدە قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى رەسمىي ئەزا دۆلەتكە قوبۇل قىلسا، ئۇنى ئىسرائىلىيە بىلەن باراۋەر ئورۇندىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ، بۇ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە سۆھبىتىگە شارائىت يارىتىشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى. ئەمما، ئامېرىكا تاشلىغان ئىنكار قىلىش بېلىتى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىنى يەنە بىر قېتىم يوققا چىقاردى.

«ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى چىن كۆڭلىدىن قوللايدىغان بارلىق دۆلەتلەر پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قارشى تۇرمايدۇ. ھە دېسىلا «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى نېمە ئۈچۈن پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى قايتا-قايتا يوققا چىقىرىدۇ؟

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئىسرائىلىيەنى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا يان باستى ۋە يول قويدى، بۇنى «تۆۋەن چېكى يوق» دېيىشكە بولىدۇ. ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرىشىگە قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ ماسلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئەزەلدىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى ھەرقانداق ئىلگىرىلەش ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئەگەر پەلەستىن ئۆز ئالدىغا «بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا كىرىش» نى ئىلتىماس قىلسا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھەرگىزمۇ تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى قوغداش مۇھىم.

ھازىر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ   19-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە 34 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 77 مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلانغان. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچىنچى تەرەپ بولغان ئامېرىكا غەززە رايونىغا يېتەرلىك ياردەم بەرمەي، ئىسرائىلىيەنى ئۈزۈلمەس قورال-جابدۇق بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى. مىسىر ئەرەب تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سامىر راجىب تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: غەززە رايونىدىكى غايەت زور ئۆلۈم-يېتىم «ئامېرىكا تەمىنلىگەن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە  ئەخلاقسىز  ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش» تىن كەلگەن.

كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تاشقى  تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى 19-ئاپرېل ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارىتا «چەكلىك» ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ ئۆچ ئالغان، ئوتتۇرا شەرق رايونى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆچ ئېلىش ۋە ئۆچ ئېلىشقا قارشى تۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. شۇڭا، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا، پەلەستىننى بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش تېخىمۇ تەخىرسىز.

كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گرېنفېلد پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلار تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغان «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ھاسىل قىلىشقا پايدىسىز، دەپ جار سالدى. كىشىلەرنىڭ بۇ ئامېرىكا ۋەكىلىدىن  نېمىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سورىغۇسى كېلىدۇ، ئامېرىكا كەينى-كەينىدىن ئىسرائىلىيەگە يەتكۈزۈپ بەرگەن قوراللارمۇ؟ ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كەينى-كەينىدىن تاشلانغان  رەت قىلىش بېلىتىمۇ؟ تىنچلىقتىن چەتنىگەن بۇ قىلمىش-ئەتمىشلەر ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى «بۇزغۇنچى»، «ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى» ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بەردى.

پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ھەرقانداق كىشىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىشى» ئامېرىكىنىڭ ساختىپەزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى

«ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قوللىغان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى قوللاشنى خالىمىدى»، «ئاتالمىش ئەڭ ئۇلۇغ دېموكراتىك دۆلەت» نېمىدېگەن يالغانچى»، «ئامېرىكا پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالدى، بۇ ھۆكۈمەت تىپىك ئۇرۇش بېدىكى» ......