ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز سۈرئەتتە شەرققە كېڭىيىشىنىڭ زىيىنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 09:41

1949-يىلى 4-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 12 غەرب دۆلىتى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلدى. 75 يىلدىن بۇيان، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزى»دىن مۇداپىئەلىنىشنى سەۋەب قىلىپ قۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىتتىپاق سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چەك-چېگرادىن ھالقىپ ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆز شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن جۇغراپىيەلىك دائىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراپ شەرققە يۈرۈش قىلىشنى تېزلەتتى.

ئامېرىكا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغىچە كېڭەيتىش»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى دەپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويىدىغان، خەۋپسىزلىك تەشۋىشىنى بازارغا سالىدىغان زومىگەرلىك ئىستراتېگىيەلىك قورالى قىلىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپانى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، ھازىر ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى گۈللەنگەن، مۇقىم ۋەزىيىتىگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قول تىقىشنى تېزلەتتى

ياپونىيە «زانكېي گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانى بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلماقچى ئىكەن، بۇ فۇمىئو كىشىدانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ئۇدا 3-يىل قاتنىشىشى.

2022-يىلى 6-ئايدا، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيەدىن ئىبارەت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. 2023- يىلى 7-ئايدا، لىتۋانىڭ ۋىلنيۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سىرتقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى.

2006-يىلى، ئامېرىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىكتورىيە نيۇلاند تۇنجى قېتىم «دۇنيا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بىلەن ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلەر مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكچى بولغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئايرىم ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق پىلانى ئىمزالىدى. 2014-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشقا دۆلەتلەرنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز ئارا مەشغۇلاتچانلىق تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە بۇ تەشەببۇس رامكىسىدىكى ئۆزئارا مەشغۇلاتچانلىق سۇپىسىغا قوشۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە قاراپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا كىرىش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2021-يىلى «2030-يىل قارالمىسى»نى چىقىرىپ، دۇنيا ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى»غا پائال ئارىلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2022-يىلى 4-ئايدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۆت دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ يىلى 6- ئايدا تۇنجى قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مادرىد باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. 2023-يىلى 7-ئايدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى «مەخسۇس بېكىتىلگەن ھەمكارلىق ھەمراھلىق تۈرى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە ياپونىيەنىڭ توكيودا ئالاقىلىشىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تۇنجى ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى قىلماقچى بولدى، بۇ ئىش فىرانسىيە قارشى تۇرغانلىقتىن ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاراشلىق بەزى ئاپپاراتلارمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى پائال قوبۇل قىلدى. كورېيە بىلەن ياپونىيە 2022-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە تور مۇداپىئە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىگە كىردى. ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان بۇ مېخانىزمغا قاتناشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتتى. 2021-يىلى ئەنگلىيە «ئايال پادىشاھ ئىلزابىت» ناملىق ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئەۋەتتى، ئۇنىڭ فىلوتى يەنە ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، بۇ مەزكۇر فىلوتنى «ھەقىقىي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالاھىدىلىكى»گە ئىگە قىلدى، دېيىلدى. ئەنگلىيە بۇ ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا بارغان مەزگىلدە يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا مەڭگۈلۈك ئىككى ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى گېرمانىيە «باۋارىيە» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا ئەۋەتتى. كانادانىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەرىكەت قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. مەسىلەن، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ئايرىم - ئايرىم ياپونىيە بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى «2 + 2» سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى، ئەنگلىيە 2023 - يىلى ياپونىيە بىلەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىجازىتى كېلىشىمى» ئىمزالىدى، گېرمانىيە بۇ يىل ياپونىيە بىلەن «ماددىي ئەشيا، ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن ئۆزئارا تەمىنلەش كېلىشىمى» ئىمزالىدى، فىرانسىيە 2021-يىلى ئامېرىكا، ياپونىيە بىلەن تۇنجى قېتىم ياپونىيە چېگراسى ئىچىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى، گېرمانىيە 2023-يىلى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە يېتەكچىلىكىدىكى «قوغدىنىش قىلىچى» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشتى.
بىر قاتار ھەرىكەتلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭىيىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىغا مۇلازىمەت  قىلىش

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 75 يىللىق تارىخى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش تارىخى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەقىبىدىن ئايرىلىپ قالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارقىتىۋېتىلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭەيدى، ئەزا دۆلەتلەر سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 16 دىن بۈگۈنكى كۈندە 32 گە كۆپەيدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرققە كېڭىيىشى رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇقىنى قىسىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بىۋاسىتە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. رۇسىيە ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى ھەمدە غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى توقۇنۇشنىڭ تاشقى تەسىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا كىرىزىستىكى ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلىنىپ، ھەم رەقىبى رۇسىيەگە زەربە بەردى، ھەم ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىغىچە كېڭەيتىشى بىلەن شەرققە كېڭەيتىشنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ بىر قېلىپتىن چىققانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس، ئۇ بولسىمۇ بىر «ساختا دۈشمەن»نى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، رايوندىكى دۆلەتلەردە بۇ «ساختا دۈشمەن»گە قارىتا تەشۋىش ۋە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، ئاتالمىش خەۋپسىزلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا، ئامېرىكا كونتروللۇقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جۇڭگونى «سىستېمىلىق خىرىس» دەپ قارىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دۇنيادىكى زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگونى چەكلەش مۇددىئاسىنى بارغانسېرى يوشۇرمىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا قارىتىلغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش» ۋە «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان چەكلەش، زەربە بېرىش كۈچى تەدرىجىي ئاشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-ئوكيان رايونىدىكى ھەرىكىتىمۇ كۆپەيدى.

2019-يىلىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى لوندون باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇھىم قارالمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، يىغىن ئاخباراتىدا جۇڭگو «ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلدى. 2021-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بريۇسسېل باشلىقلار يىغىنى ئاخباراتىدا، جۇڭگوغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «قائىدە ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپ» ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى «سىستېمىلىق خىرىس» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى. 2022- يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى نۇسخىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇقۇم ھۆججىتى ماقۇللىنىپ، جۇڭگو «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزدى»، «سىستېمىلىق خىرىس» پەيدا قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەندىن سىرت، يەنە «ھىندى ئوكيان-تىنچ ئوكيان رايونى»نىڭ مۇھىملىقى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، بۇ رايوننىڭ ۋەزىيەت تەرەققىياتى ياۋروپا- ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېيىلدى. 2023-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنى ئاخباراتىدا جۇڭگو يەنە بىر قېتىم سەۋەبسىز ئەيىبلىنىپ ۋە سۆز ئىغۋاگەرچىلىكى قىلىنىپ، ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى» قەستەن كۆپتۈرۈلدى.

 زادى كىم كىمنىڭ خەۋپسلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا تەخمىنەن 750 ھەربىي بازىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 300 نەچچىسى جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرگەن تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتەسى ياكى ياۋروپادا ھېچقانداق ھەربىي كۈچى مەۋجۇت ئەمەس. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىتا بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى ۋە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرىگە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرگە ھېچقانداق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ باقمىدى.
شىۋېتسىيە دۆلەت ھالقىغان تىنچلىق ۋە كەلگۈسى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يان ئوبېررى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئامېرىكىغا تەھدىت سالمىدى، جۇڭگو يەنە ھەربىي پاراخوتىنى ئامېرىكا ئەتراپىغا ھەيدەپ بارمىدى، ئەكسىچە غەرب ھەربىي پاراخوتى بىلەن جۇڭگونى قورشىۋالدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگوغا قارىتا ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ قارا چاپلىدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بار. ئامېرىكا مارىلاند داشۆسىنىڭ دوتسېنتى شىفلىنسون مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى خەۋپسىزلىك كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا يەنىمۇ ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولماقچى بولۇشى دەل بۇ پىلاننىڭ بىر قىسمى. رۇسىيەنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى تۆمۈر فورمىك مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگونى كۈنسېرى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ قارىماقتا، شۇڭا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. سىنگاپور «دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھېچكىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئامېرىكا خالىغانچە ئىدارە قىلالايدىغان دۇنياۋى ھەربىي قورال ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ.

ئامېرىكا بىر تەرەپتىن «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغىچە كېڭەيتىشى»نى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، رايون ئىتتىپاقداشلار سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، «ئاسىيا تىنچ ئوكيان نۇسخىسىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» بەرپا قىلدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «ۋاشىنگتوننىڭ پالتا، نەيزە ۋە گۈرجىكىگە ئايلىنىپ قالدى». شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قەيەرگە كېڭەيسە، شۇ يەردە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز سۈرئەتتە شەرققە كېڭىيىشىنىڭ زىيىنى

1949-يىلى 4-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 12 غەرب دۆلىتى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلدى. 75 يىلدىن بۇيان، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزى»دىن مۇداپىئەلىنىشنى سەۋەب قىلىپ قۇرۇلغان بۇ ھەربىي ئىتتىپاق سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چەك-چېگرادىن ھالقىپ ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆز شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن جۇغراپىيەلىك دائىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قاراپ شەرققە يۈرۈش قىلىشنى تېزلەتتى.