ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 09:40

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ياۋروپا ئېنېرگىيە ساھەسى ئاقىللار ئامبىرى EMBER يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %44 كە يېتىپ، تارىختا يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن چىقىرىلغان توك ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %27نى ئېگىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقاتما يېقىلغۇدىن توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 تۆۋەنلىدى، بۇ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2050-يىلى كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى قوللاشنى كۈچەيتتى. 2022-يىلى 5-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپانىڭ ئەرزان، بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە بىرلەشمە ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئېنېرگىيە ئۈنۈم نىشانىنى %9 تىن %13 كە ئۆستۈرۈش، 2027-يىلىغىچە پاكىز ئېنېرگىيە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 210 مىليارد ياۋرو بىلەن قوشۇمچە تەمىنلەش، 2030-يىلىغىچە تىرىلمە ئېنېرگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى نىسبىتىنى %45 كە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ لايىھە رامكىسى ئىچىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستراتېگىيەسى»نى تۈزۈپ، 2025-يىلىغىچە قۇياش ئېنېرگىيەلىك  يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 2020-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ 320 گىگاۋاتتىن ئاشۇرۇش، 2030-يىلىغىچە 600 گىگاۋاتقا يېقىنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۆگزە قۇياش ئېنېرگىيەسى پىلانى»نى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئاممىۋى ۋە سودا ئىمارەتلىرى، تۇرالغۇلارغا قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورناتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئالاقىدار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇلتۇر ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى قۇياش ئېنېرگىيەسى يورۇقلۇق ۋولت باتارېيە تاختىسى بىلەن تەمىنلەش ۋە قۇراشتۇرۇشتىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە ئۆگزە قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى ئورنىتىلدى.

شامال ئېلېكتىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تىرىلمە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇلتۇر 10-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى «ياۋروپا شامال ئېلېكتىر ھەرىكىتى پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شامال ئېلېكتىر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىجازەت تەرتىپىنى رەقەملەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش لايىھەسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇ پىلاننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ياۋروپادىكى توققۇز دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بېلگىيەنىڭ ئوستاندارددا يىغىن ئېچىپ، شىمالىي دېڭىزدا دېڭىز ئۈستى شامال ئېنېرگىيەسى قۇرۇش يېڭى ۋەدىسىنى كېڭەشتى. يىغىندا «ئوستاندارد خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، 2030-يىلىغىچە شىمالىي دېڭىز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 120 گىگاۋاتقا يەتكۈزۈش، 2050-يىلىغىچە 300 گىگاۋاتتىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى. 2023-يىلى پولشا تۇنجى سودا دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا مەبلەغ سېلىپ، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى رەسمىي ئېچىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ بىرى بولغان گوللاندىيەنىڭ 1.5 گىگاۋاتلىق كۇست زۇئىد دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىمۇ بۇلتۇر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

تىرىلمە ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇلتۇر 11-ئايدا بىر تۈرلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى توك يەتكۈزۈش ۋە توك تەقسىملەش تورىنى تېز قۇرۇش ۋە يېڭىلاش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېلېكتىر تورىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە ئاساس سېلىش.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىرىلمە ئېنېرگىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ياۋروپا  يورۇقلوۇق ۋولت كەسپى جەمئىيىتى 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان «ياۋروپانىڭ 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان  يورۇقلۇق ۋولت بازىرىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن  يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 55.9 گىگاۋاتقا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %40 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ 2023-يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 14.1 گىگاۋاتقا يەتكەن؛ ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئايرىم ـ ئايرىم 8.2 گىگاۋات ۋە 4.8 گىگاۋات كۆپەيتتى؛ چېخ، بۇلغارىيە ۋە رومىنىيەنىڭ بۇلتۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىمۇ تۇنجى قېتىم بىر گىگاۋاتتىن ئاشتى. 2023 - يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك تارقىتىدىغان ئائىلە يەنە 17 مىليونغا يېقىن ئاشتى.

ياۋروپا شامال ئېنېرگىيەسى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 16.2 گىگاۋاتقا يېتىپ، شامال ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم تەبىئىي گازدىن ئېشىپ كەتكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئىچىدە يورۇقلۇق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى %79 نى ئىگىلىگەن، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. دۆلەتلەر بويىچە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ كۆپ؛ گوللاندىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ياۋروپا شامال ئېنېرگىيەسى جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2024-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 200 گىگاۋاتقا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا تەخمىنەن 29 گىگاۋاتقا يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۇ ئېلېكتىر كەسپىمۇ 2022-يىلىدىكى قۇرغاق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ئەسلىگە كەلدى، 2023-يىلى سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن تەخمىنەن 45 تىرىۋات سائەت ئاشتى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2023-يىلىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى %9كە يېقىن ئازايغان، بۇنىڭ يېرىمى پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىشىنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان. بۇ ئورگاننىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن شامال ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2023-يىلى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %5 كە يېقىن ئازايتىشىغا تۈرتكە بولغان.

ياۋروپادىكى يېشىل ھىدروگېن كارخانىسى Lhyfe يېقىندا شىركەتنىڭ گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسون ئىشتاتىدىكى پورت شەھىرى براكتىكى يېشىل ھىدروگېن زاۋۇتىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ گېرمانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى يېشىل ھىدروگېن زاۋۇتى. بۇ زاۋۇت ھەر يىلى 1150 توننا يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ھىدروگېن ياساشقا كېرەكلىك توك گېرمانىيەنىڭ شامال كۈچى ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن كېلىدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى مۇتەخەسسىسى رافائېل گولدستېين مۇنداق دېدى: ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى گېرمانىيەنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم تۈۋرۈكلەرنىڭ بىرى، بۇ تۈر گېرمانىيەنىڭ يېشىل ھىدروگېن كەسپى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر ئابىدە.

2020-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېشىل ھىدروگېننى قاتناش، تىرانسپورت، خىمىيە سانائىتى، مېتال تاۋلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى مۇھىم لايىھە دەپ قارىدى ھەمدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا 840 ئالاقىدار تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى. 2022-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپانىڭ ئەرزان، بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېنېرگىيە بىرلەشمە ھەرىكەت لايىھەسى»دە 2030-يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا 10 مىليون توننا تىرىلمە  ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە 10 مىليون توننا تىرىلمە  ھىدروگېن ئىمپورت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بازىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە «ياۋروپا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بانكىسى» قۇردى. بۇ يىل 2-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ئۈچۈن بىر تۈرلۈك يېڭى پىلاننى تەستىقلىدى. فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا يەتتە دۆلەت بۇ پىلاننى 6 مىليارد 900 مىليون ياۋرو ئاممىۋى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە يەنە 5 مىليارد 400 مىليون ياۋرو شەخسىي مەبلەغنىڭ سېلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. بۇ پىلانغا ئاساسەن، 32 شىركەت ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 33 تۈرگە قاتنىشىدۇ، بۇ تىرىلمە ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرولىز ئوقۇرى قۇرۇش،  تەخمىنەن 2700 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىدروگېن يەتكۈزۈش ۋە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش، چوڭ تىپتىكى ھىدروگېن ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىفىن جېكسون مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەن، پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇش يولىدا باسقان مۇھىم بىر قەدىمىمىز.

ياۋروپا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى جوگو چازىماكىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم تېز سۈرئەتتە ھەر خىل تېخنىكىلارنى قوللىنىش كېرەك، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بۇنىڭ ئىچىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەھلىلدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ قارالدى: نۆۋەتتە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى يەنىلا پىشىپ يېتىلمىدى، تەننەرخى نىسبەتەن يۇقىرى، ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش، توشۇش ۋە ساقلاش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، كەڭ كۆلەملىك سودىدا قوللىنىشقا يەنە ۋاقىت كېتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە مەخسۇس خادىمى كادرى سىمسون مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى 2030-يىلىغىچە بولغان بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2040-يىلىغىچە بولغان نىشاننىمۇ بېكىتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى مول پاكىز ئېنېرگىيەگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا رايون ۋە دۆلەتلەر بىلەن پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ياۋروپا ئېنېرگىيە ساھەسى ئاقىللار ئامبىرى EMBER يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى