ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدىغان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى»نىڭ مەقسىتى
يېقىندا، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باياناتچى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2023-يىللىق مالىيە يىلىدىكى «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» دوكلاتى ھەققىدە سورالغان سوئالغا دەل جايىدا جاۋاب بېرىپ: دېڭىز قاتنىشى زومىگەرلىك بولماسلىقى، ئەركىنلىك خالىغانچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلمىشى بولماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ئامېرىكىنىڭ تەرەپ - تەرەپكە قورال كۈچىنى كۆز - كۆز قىلىش، بىرلەشمە چارلاش، ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىكى دائىملىق باھانىسى بولۇپ قالدى. بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ رېنئەي خادا تېشى، خۇاڭيەن ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئارقا ـ ئارقىدىن بۆسۈپ كىردى؛ ئامېرىكا ـ ياپونىيە ـ فىلىپپىن تۇنجى قېتىم ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگوغا يولسىزلارچە ھۇجۇم قىلدى ...... ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىسى ئامېرىكا كۆپ قېتىم «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
ئۇنداقتا، «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئامېرىكىچە «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» بىلەن خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى»نىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئامېرىكىنىڭ بۇ يادرولۇق دېڭىز - ئوكيان تەشەببۇسىنىڭ كەينىدە قانداق غەرەز بار؟ بىز بۇنى بىر - بىرلەپ چۈشىنىپ باقايلى.
بۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقىي «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ئەمەس
گەرچە ھەممىسى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن «ب د ت دېڭىز - ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»دىكى «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» بىلەن ئامېرىكا دەۋاتقان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ھەرگىزمۇ بىر ئىش ئەمەس. ئالدىنقىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ھەر قايسى دۆلەتلەر بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئادىل دېڭىز ـ ئوكيان ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى، دۇنيا دېڭىز ـ ئوكيان تەرتىپىنى قوغداش؛ كېيىنكىسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولسا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي دىپلوماتىيە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز-ئوكيان زومىگەرلىكىنى قوغداش.
«ئەھدىنامە» نى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا دېڭىز تەۋەلىكى، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون، ئوچۇق دېڭىز قاتارلىق دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا مۇناسىپ دېڭىز قاتنىشى تۈزۈمى بەلگىلەنگەن. دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ كەڭلىكى 12 دېڭىز مىلىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوننىڭ كەڭلىكى 200 دېڭىز مىلىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوچۇق دېڭىز دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى، دېڭىز تەۋەلىكى ياكى ئىچكى سۇ تەۋەلىكى ۋە ياكى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تاقىم ئاراللىرىدىكى سۇ ۋادىسى ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
«ئەھدىنامە»گە ئاساسەن، چەت ئەل پاراخوتلىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە زىيان-زەخمەتسىز ئۆتىدۇ، لېكىن دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقى، ياخشى تەرتىپى ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونلاردا دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي بايلىققا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ـ ئوكياننى ئىلمىي تەكشۈرۈش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەر ئوچۇق دېڭىزدا دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن «ئوچۇق دېڭىز پەقەت تىنچلىق مەقسىتىگىلا ئىشلىتىلىشى كېرەك» دېگەندەك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئەھدىنامە»دە دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوغداش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن، مەسىلەن، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىيان-زەخمەتسىز ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ؛ دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنغا رىئايە قىلمىغان چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرىدىن دېڭىز تەۋەلىكىدىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئامېرىكا دەۋاتقان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» قانداق ئىش؟ بۇنى قوپال ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە، «دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتى ئوچۇق دېڭىز»، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە «خەلقئارا دېڭىز دائىرىسى» دېگەن ئۇقۇمنى ئىجاد قىلغان. ئامېرىكىنىڭ ئۇقۇمى ۋە ھەرىكىتىدە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ 200 دېڭىز مىلى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى ئىچىدە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى مۇتلەق ئەركىن يۈرەلىگەندىن باشقا، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 12 دېڭىز مىلى ئىچىدە زىيانسىز ئۆتۈش نامى بىلەن، «دۆلەتنىڭ قانۇنسىز چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ».
ئىككىسىنىڭ پەرقى ناھايىتى روشەن. مەسىلەن، «ئەھدىنامە»دە بەلگىلەنگەن دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى خۇددى بىر كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ھويلىسى، ھويلىسىنىڭ سىرتىدا مېۋە - چېۋە، كۆكتات تېرىيدىغان كۆكتاتلىققا ئوخشايدۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر كۆكتاتلىقتىن ئۆتكەندە ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، ھويلىغا خالىغانچە كىرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ئامېرىكا كۆكتاتلىقتىن خالىغانچە ئۆتۈپلا قالماي، رۇخسەتسىز ھويلىغا كىرمەكچى. بۇ خىل مۇتلەق ئەركىنلىك لوگىكىسى ئاستىدا، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى دائىم ئىلتىماس قىلماي ياكى ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە زومىگەرلەرچە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان خەتەرلىك ۋەقەلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ھەقىقىي «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار. ئامېرىكا «ب د ت دېڭىز ـ ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»گە قاتناشمىدى، ئەمما «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى» دىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «زىيادە دېڭىز ـ ئوكيان تەشەببۇسى»غا خىرىس قىلدى، ماھىيەتتە ئامېرىكىچە «ئائىلە قائىدىسى» ئارقىلىق دۇنيا دېڭىز ـ ئوكيان زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قالدى.
«چەتتە قاراپ تۇرۇش»تىن «ئاقىۋەت»كىچە ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكى جەنۇبىي دېڭىزنى قالايمىقانلاشتۇردى
ئامېرىكا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى» دېڭىز يولىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سودىنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» دوكلاتى 1991 - يىلىدىن باشلاپ، ئاساسەن ھەر يىلى قەرەللىك ئېلان قىلىنىپ تۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2022- يىلىغىچە، ئامېرىكا جەمئىي 60 نەچچە دۆلەتكە 600 قېتىمدىن ئارتۇق «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى»نى يولغا قويدى.
بەزى ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، 2000-يىلىدىن ئىلگىرى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى»دىكى ئەڭ ئاساسلىق نىشان رايونى ئەمەس ئىدى. لېكىن 2000-يىلىدىن كېيىن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ رولى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
مۇخبىر ئاشكارا ماتېرىياللارنى رەتلەپ مۇنۇلارنى بايقىدى: 1991-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان 15 يىلدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەقەت ئۈچ مالىيە يىلى يەنى ئايرىم-ئايرىم 1992-، 1993-،1994-مالىيە يىلىدا «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» دوكلاتىدا جۇڭگونى تىلغا ئالغان، بۇنىڭدىن مەقسەت «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ جۇڭگو دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىدە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىق». لېكىن 2007 - يىلىدىن باشلاپ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان. شۇ يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇشتىكى نىشان دۆلىتىگە ئايلانغان. جۇڭگو ئاقىللار ئامبىرىنىڭ «جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھالىتىنى ھېس قىلىش پىلانى»دا ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن 2022- يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارال، خادا تاشلارغا قاراتقان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى»دە ئومۇمىي جەھەتتىن سىجىل ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 39 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان.
نېمىشقا بۇنداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ بۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا تەڭشىشى، جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەسىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشى، فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئەسلىسەك، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش يولىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قاراتقان ئاساسىي سىياسىتى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زېمىن تەلىپىنىڭ قانۇنلۇقلىقىغا مەيدان تۇتماسلىق، زېمىن ماجىراسىنى تىنچلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قاتناش ئەركىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئىدى.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-،2012- يىللىرى ئارقا - ئارقىدىن «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش» ۋە «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز سىياسىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىلگىرىكى «كۆزەتكۈچى»دىن «ئارىلاشقۇچى»غا ئايلىنىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدى.
ئوبامانىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئامېرىكا فىلىپپىننى جەنۇبىي دېڭىز تالاش - تارتىشىنى خەلقئارانىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇشقا قۇترىتىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە كۆپ تەرەپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە دىپلوماتىيە ياردىمى ۋە ھەربىي ياردەم بەردى، ھەتتا جەنۇبىي دېڭىز تالاش - تارتىشى بولۇۋاتقان رايونغا بىۋاسىتە ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئەۋەتتى.
2017-يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ھەرىكىتى» كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئارقا - ئارقىدىن جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا بېرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ئامېرىكا يەنە غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى يېنىغا تارتىپ بىرلىكتە جەنۇبىي دېڭىزغا بېرىپ «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى جاكارلاپ، جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، 2015-يىلى 5-ئايدىن 2017-يىلى 5-ئايغىچە، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋەقەسى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى نۇقتىلار كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن. مەسىلەن، 2016- يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ «دىكايت» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جۇڭگونىڭ شىشا تاقىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن، بۇ دەل فىلىپپىننىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى دۇترېت جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئەينى چاغدا جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن ھەمدە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالانغان ئىدى.
2023-يىلى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ جېدەل چىقىرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى. «جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھالىتىنى ھېس قىلىش پىلانى»دا ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بىر يىلدا ئامېرىكا ئاۋىياماتكىلىرى ۋە سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ ھەرىكەت قىلالايدىغان چوڭ ئەترىتى سەككىز قېتىم جەنۇبىي دېڭىزغا كىرگەن، توختاش ۋاقتى، مەشىق سىجىللىقى ۋە قاراتمىلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشقان؛ ئاز دېگەندە 11 ھۇجۇمچى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئىككى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە پەيدا بولغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋاشىنگتون جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچ بولۇشىنى خالىمايدۇ، بۇ رايونىدا قەستەن جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. خۇددى مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقاندەك، ئامېرىكىنىڭ «دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىك ھەرىكىتى» ئۇ كۆككە كۆتۈرگەن خەلقئارا سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دېڭىز سودىسىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھەربىي قورالى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل