ئامېرىكا كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن ئىراقتا ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-11 15:39
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا: پايتەخت باغدادتىكى نۇرغۇن ئامېرىكا ئاشخانىلىرى ۋە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدۇق، دېدى. يېقىندا كېنتاكى قاتارلىق ئىراقتىكى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى.
ئىراقتىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ؟ ئامېرىكا بىلەن ئىران بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەردار ئەربابى مۇنداق دېدى: 3-ئىيۇن كەچتە، سالاھىيىتى نامەلۇم بىر توپ كىشىلەر پايتەخت باغداتنىڭ پەلەستىن كوچىسىدىكى كېنتاكى ئاشخانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇ ئاشخانىنى تىجارەتنى توختىتىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان، ئارقىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.
26-ماي پەلەستىن كوچىسىدىكى كېنتاكى ئاشخانىسىغا كىشىلەر پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئاتقان. بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، قورال-ياراغ ۋە كالتەك-توقماق تۇتۇۋالغان نىقابلىق بىر توپ ئەر كارادا رايونىدىكى كېنتاكى ئاشخانىسىنىنى چېقىۋەتكەن. يەنە بىر ئامېرىكا ئاشخانىسى ۋە ئامېرىكا كاتپېل شىركىتىنىڭ باغدادتىكى بىر دۇكىنىمۇ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم بولمىغان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا، ئامېرىكا ئىزچىل ئىسرائىلىيەگە يان بېسىپ، ئىراقلىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
شاڭخەي چەتئەل تىلى داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى دىڭ لۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى دولقۇننىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يان بېسىشى پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنماسلىقى ۋە پەلەستىن مىللىي تىراگېدىيەسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى سىياسىي گۇرۇھلار ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەپەرەس كارخانىلارغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، كېنتاكى، مەكدونالد ۋە سىتارباكس قاتارلىق ئامېرىكا يېمەك- ئىچمەك ماركىلىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-ئىيۇن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمى ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى قولغا ئالدى ھەمدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، باشقا ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قوغلاپ تۇتتى. ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى: ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ خادىملىرى، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان، دېدى.
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى خەۋەردار ئەرباب مۇنداق دېدى: ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىراق خەۋپسىزلىك قىسمى بىر قانچە مۇھىم كوچىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە چارلاشنى كۈچەيتتى. مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشىچە، كېنتاكى ئاشخانىسىنىڭ ئەتراپىدىمۇ ساقچى ئاپتوموبىلى ۋە بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ خادىملىرى كۆپەيتىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىسى ئالىننا رومانوۋسكىي 30-ماي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئىش تېرىغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، كەلگۈسىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلدى.
ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى قارمىقىدىكى بىخەتەرلىك ئاخبارات مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ قىلمىشلار «ئىراقنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىق»، بىز بىخەتەرلىك ۋە جەمئىيەت تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە ئاممىۋى ۋە شەخسىي مال-مۈلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلغان بارلىق كىشىلەرنى قوغلاپ تۇتۇشقا كۈچ چىقىرىمىز دەپ تەكىتلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىراق ھۆكۈمىتى ئىزچىل چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە ئىراقتىكى چەتئەل شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇم ۋەقەلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىراقنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
رومانوۋىسكى: «بۇ ھۇجۇملار ئىراقلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئىراقنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئامېرىكا كارخانىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ ئىراقنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتنى يەنىمۇ قوزغىدى ۋە ئەۋج ئالدۇردى. بۇلتۇر 10-ئايدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىغا قارشى چوڭ-كىچىك نامايىشلار باغدادتا كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى، ئىراق ئىسلام قارشىلىق تەشكىلاتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق بازىسى ھەم ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قوزغىدى. يېقىندا ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي رەھبىرى مۇقتادا سادىر يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
دىڭ لوڭ ھۇجۇمنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى ئامېرىكا-ئىراق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دېدى. ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، ئىراق خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىنى ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا