ھىندىستان چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ نەتىجىسى نېمە ئۈچۈن كۆزلىمىدىن تۆۋەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-11 15:47
قەدىرلىك دوستلار، 44 كۈن داۋاملاشقان «مارافونچە» ھىندىستان چوڭ سايلىمى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇن سەھەردە ئاخىرلاشتى. ھىندىستان سايلام كومىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولغان ھىندىستان خەلق پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاق ھىندىستان خەلق پالاتاسى، يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان خەلق پارتىيەسى 240 ئورۇنغا ئېرىشىپ، كۆزلىمىدىن تۆۋەن بولغان.
بۇ قېتىمقى چوڭ سايلام ئەھۋالى قانداق بولدى؟ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ نەتىجىسى نېمە ئۈچۈن كۆزلىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ؟ مودىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟
ھىندىستان چوڭ سايلىمى 7 باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، 19-ئاپرىل باشلىنىپ، 1-ئىيۇن ئاخىرلاشتى. مودى سايلامدىن بۇرۇن «ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ 370 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار» دەپ چوڭ گەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، سايلام نەتىجىسى مودى ۋە ھىندىستان ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ كۆزلىمىسىگە ئېنىقلا يەتمىدى.
ئىلگىرىكى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى بۇ قېتىم ئېرىشكەن ئورۇن 2014-يىلىدىكى 282 ئورۇن ۋە 2019-يىلىدىكى 303 ئورۇندىن تۆۋەن بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىمدىن ئاشىدىغان 272 ئورۇنغا يەتمىدى. ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، بىر پارتىيە ئەگەر يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشەلمىسە، ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللىيەلمەيدۇ. بۇ يىللىق سايلام ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ئۆز ئىتتىپاقىدىكى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ پارتىيە بىلەن بىرلىكتە كابىنېت تەشكىللىشى كېرەك. بۇ، مودى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللىيەلمەسلىك ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشى.
چوڭ سايلامدا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىتتىپاقى بولغان ھىندىستان دۆلەت تەرەققىياتى سىغدۇرۇشچان ئىتتىپاقى ئېرىشكەن ئورۇن 230 دىن ئېشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۆلچەرلەنگەن ئورۇن 150 تىن كۆپ بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ھىندىستان كونگرېسلار پارتىيەسى 99 ئورۇنغا ئېرىشىپ، 2019-يىلىدىكى 52 ئورۇندىن ئاساسەن بىر قاتلاندى. ئاممىۋى پىكىر ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىپادىسىنىڭ كۆزلىمىدىن يۇقىرى بولۇشى ئۇلارنىڭ ھىندىستان سىياسىي سەھنىسىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىدى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مودى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە يولغا قويغان ھىندى دىنى مىللەتچىلىكى دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن قوللاشقا ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ھىندىستان ياسىمىچىلىقى» ئىستراتېگىيەسى چەتئەل مەبلىغىنى مەلۇم دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك جەلپ قىلدى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ئۈچۈن سايلىغۇچىلار ئاساسى سېلىپ بەردى.
ئەمما، بۇ «سىياسىي نەتىجە» يەنىلا ھىندىستاننىڭ كەسكىن ئىجتىمائىي مەسىلىسىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، %40.8 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مودى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، %31 ۋە %19.7 ئادەم ئايرىم-ئايرىم باي-نامراتلىق پەرقى ۋە پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىدىن ئەڭ ئەنسىرىگەن.
ھىندىستان ئىقتىساد تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، مودىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، ھىندىستاندىكى 20 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىزچىل ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 20 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 2023-يىلى 4-پەسىلدە %43.65 كە يەتكەن.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى مودى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاجىزلىقى»نى تۇتۇۋالدى. بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى داشۆسى رايون ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئالىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ دوتسېنتى شۈ جۈەن مۇنداق دېدى: كونگرېسلار پارتىيەسى دىققەتنى باي -نامراتلىق پەرقى، ئىشسىزلىق نىسبىتى، ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بۆلۈنۈشى قاتارلىق رېئال مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ھىندىستاندىكى ئاياللار، ياشلار، دېھقانلار ۋە ئاز ساندىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ گەرچە ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.
تەھلىلدە، مودى ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، دىنىي زىددىيەت قاتارلىق نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ دەپ ھېسابلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللىيەلمەسلىك-ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە نىسبەتەن «قاتتىق زەربە» ھېسابلىنىدۇ. ئىتتىپاقتىكى باشقا پارتىيە-گۇرۇھلار ئۆزىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئورنىغا تايىنىپ، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە شەرت قويۇشى ھەم كابىنېت مىنىستىرلىرىنى ئەمەلىي ھوقۇققا تەيىنلەشتىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك توسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھىندىستاننىڭ سىياسىيسى يەنە بىر قېتىم «لەيلىمە پارلامېنت، كېڭىشىش ئەمما قارار چىقىرالماسلىق»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: ھىندى دىنى مىللەتچىلىكى ئەۋج ئالغانلىقتىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئاجىز دىنلار توپى زور بېسىمغا ئۇچرىدى، ھىندىستاندىكى دىنى مەزھەپلەرنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھىندىستان سىياسىيسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكا گېئورگىتون داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ئىرفان نۇردۇن ھىندىستان خەلق پارتىيەسى سايلام جەريانىدا قوللانغان مۇسۇلمانلارغا قارشى گەپ-سۆزلەر ھىندىستاننىڭ يەر شارىدىكى ئابرۇيىغا يەنىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
شاڭخەي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ زۇڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %60 ى مۇلازىمەتچىلىكتىن كېلىدۇ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 كىمۇ يەتمەيدۇ، «ئېشىش بار، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوق» بولۇشتىن ئىبارەت ئىقتىساد مەسىلىسى ھىندىستاننى باشتىن-ئاخىر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولماقتا، باي-نامراتلىققا بۆلۈنۈش ئېغىر بولماقتا. ئەگەر مودى ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە يەنىلا يېتەرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتالمىسا، ئۇنداقتا ئاتالمىش «نوپۇس پايدىسى» «نوپۇس قەرزى»گە ئايلىنىپ قالىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت