ئامېرىكا ئافغانىستان مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك
6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، 3 -قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى يىغىنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلدى، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ئالاقىدار تەرەپلەر ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشى، خەلقئارا جەمئىيەتكە سىڭىشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، بولۇپمۇ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئافغانىستان خەلقىگە غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ئېغىر جاراھەت قالدۇردى، ئامېرىكا يىغىندا تېخىمۇ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
2021-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا 20 يىلغا سوزۇلغان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئالدىراپ - تېنەپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن خارابىلىكنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى قايتا قۇرۇش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە قالدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشى توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ ئافغانىستانغا بېرىشىمىز بۇ دۆلەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس. ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئۆز دۆلىتىنى قانداق باشقۇرۇش ئافغانىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى»،دېگەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىشلاردا مەسئۇلىيىتى يوق دېگەن گەپلەر كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمايدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستانغا 20 يىل تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش سەۋەبلىك 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 174 مىڭ ئافغانىستانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۈچتىن بىر قىسىم ئافغانىستانلىق مۇساپىر بولۇپ كەتتى. ئافغانىستان كادان داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئالىمى جالال بازىۋان مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئايرىلدى، لېكىن ئەخلاق ۋە رېئاللىق جەھەتتە مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق، داۋالاش سەھىيە شارائىتى قالاق بولۇش، چېگرا ئىچىدە سەرگەردانلار كۆپىيىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئافغانىستان خەلقىگە تۆلەم بېرىشى كېرەك.
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئايرىلغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، بىگۇناھ ئافغانىستان پۇقرالىرى يەنىلا ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارىياب ئۆلكىسىدە تۆت بالا بىر بومبىنى ئويۇنچۇق قىلىپ ئويناپ قازا قىلدى. بۇ خىل ۋەقە ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم يۈز بېرىدۇ. ئافغانىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى سادىق ھىنۋالى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا دەستىلىك بومبا ئىشلىتىپ، كەڭ مۇنبەت ئېتىز ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىسخىكىسى ۋە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۆلچەرلىگۈسىز سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئافغانىستاندىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۈگۈنكى ئافغانىستاندا تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، تىنچ قايتا قۇرۇش كۆپ خىل خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ئەمما، ئامېرىكا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ياردەم بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىش، مۈلۈكنى توڭلىتىش، قامال قىلىش، يېتىم قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يامانلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئافغانىستاننى داۋاملىق جازالاپ، ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ چەت ئەلدىكى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى توڭلاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندا تاشقى پېرېۋوت قىس بولدى، مال باھاسى ئۆرلىدى، خەلقئارا ياردەم زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسالغۇغا ئۇچرىدى. بۇ يىل تەخمىنەن 23 مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج، %90 ئائىلە ئۆزىنى باقالمايدۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك مەبلىغى 3 مىليارد 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېھتىياجلىق، ھازىر پەقەت %16.2ى ئەمەلىيلەشتى. ئافغانىستان كابۇل داشۆسىنىڭ ئالىمى نەجىبۇللا جامى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئافغانىستاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا پېتىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىنى توڭلىتىپ، خەلقئارا ياردەمنى ئازايتىپ، ئافغانىستان ئىقتىسادىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھىرات ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ۋە بۇ يىل 5-ئايدا شىمالىي قىسىمدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە جەمئىي 3000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلدى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. «تەبىئىي ئاپەت» كە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بىر قوللۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان «سۈنئىي ئاپەت» ئوخشاشلا كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. 20 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئافغانىستاننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلدى، ئامېرىكىلىقلار ۋەيرانە تاشيوللارنى قالدۇرۇپ قويدى، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ بېرىش ۋاقتى بىر ھەسسە ئاشتى؛ ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ بانكا كەسپىنى جازالىغانلىقتىن ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ پۇل ئېلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق قايتا ئۆي سالىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلىنىمۇ ئالالمىدى. ئافغانىستاننىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرىدا «ئافغانىستاننىڭ توڭلىتىلغان مۈلكىنى دەرھال قويۇپ بېرىش» سادالىرى ياڭرىدى. قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى ھەرىكەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مارتېن شۇپۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جازاسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىنى خىرىسقا دۇچار قىلدى.
«ئافغانىستانلىقلار گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى» تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ئالاش ئاچىزادە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستانلىقلار ئۇچرىغان ئازاب - ئوقۇبەتتە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئەمما ھازىر ئۇرۇشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋىلسون مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مايكول كۇگېلمان مۇنداق دېدى: كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ۋاشىنگتوندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئافغانىستان مەسىلىسىنى تۈپتىن بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا قىزىقىدىغاندەك قىلىدۇ. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئازراق تەكەببۇرلۇق قىلىپ»، ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئافغانىستاندا 20 يىل ئىش تېرىغان ئامېرىكا قۇيرۇقىنى تىكىۋەتسىلا ئىش تۈگەمدۇ؟ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئافغانىستاننىڭ ھەقىقىي ئۈمىد ۋە يېڭى ھاياتنى كۈتۈۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت