ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رۇتتې نېمە ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى بولۇپ قالىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-07 11:38

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇتتېنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى، دېدى. رۇتتې بۇ يىل 10-ئايدا ھازىرقى باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاق نېمە ئۈچۈن رۇتتېنى تاللايدۇ؟ ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قانداق كونكرېت ۋەزىپىلەر، قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ؟
رۇتتېتې كىم

بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن رۇتتې گوللاندىيەنىڭ گائاگادا تۇغۇلغان. 2006-يىلى، ئۇ ئوتتۇرا ئوڭ قانات پارتىيە ئەركىن دېموكراتىك خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولغان ھەمدە بۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى يارىتىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان.

2010-يىلىدىن باشلاپ رۇتتې ئۇدا تۆت قېتىم گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ سايلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوخشىمىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ ياۋروپا قەرز كىرىزىسى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرغان. رۇتتې ئەمەلىي ئۇسلۇبى بىلەن مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.

رۇتتې ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خامچوت قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا قەرز كىرىزىسىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەردى؛ ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە، ئۇ داۋالاش ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىغا كۈچ چىقاردى؛ دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە، ئۇ دۆلەتنىڭ مالىيە مەسئۇلىيىتى ۋە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى كۈچلۈك قوللىدى، مانا بۇلار رۇتتې ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي مۇھىتىدا ئابرۇي ۋە تەسىر كۈچ توپلاپ بەردى.

بىراق، رۇتتې بۇلتۇر 11-ئايدىن باشلاپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى رىقابىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان بەزى تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى. «سىياسىي گېزىت-ياۋروپا نۇسخىسى» تور بېكىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رۇتتې شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە دېگەندەك ئاكتىپ ئەمەس، بۇ دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئىلگىرى «شىمالىي ئېرىق 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوللاش مەيدانىدىن گۇمانلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، رۇتتې باش ۋەزىر بولغان 14 يىلدىن بۇيان، گوللاندىيە ئىزچىل تۈردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەلەپ قىلغان ھەربىي خىراجەت چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2نى ئىگىلەش نىشانىغا يېتەلمىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گوللاندىيە بۇ يىل بۇ نىشانغا يېتىدىكەن.

نېمە ئۈچۈن رۇتتېنى تاللايدۇ؟

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئىتتىپاقنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىن باشقا كۆپ ساندىكى ئاساسلىق كومىتېت يىغىنلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ھەربىي قوماندانلىق ھوقۇقى يوق، ئىتتىپاقنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرگە تەۋە. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەر. ئۇنداقتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نېمە ئۈچۈن رۇتتېنى تاللايدۇ؟

1-، رۇتتېنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە تەجرىبىسى مول، ياۋروپا ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدە كەڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى بار، ئۇ ئوخشاش بولمىغان كۆپ پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ماھارىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى، بۇ ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

2-، رۇتتې ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى بىلەن بىردەك. گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6- ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2022- يىلىدىن بۇيان، گوللاندىيە ئۇكرائىناغا 3 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم بەردى. رۇتتې ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۇكرائىنا «مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىزنىڭ قوللىشىمىزغا تايانسا بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

3-، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە 32 ئەزا دۆلەت بىردەك قوشۇلۇشى كېرەك، باشقا رىقابەتچىلەر كەڭ قوللاشقا ئېرىشەلمىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىنى دۆلەت باشلىقى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىدىن بېشارەت بەردى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋاللاس نەزەردىن ساقىت قىلىندى؛ دانىيە باش ۋەزىرى فرازېركسون ئىلگىرى قىزىق نۇقتا نامزاتى دەپ قارالغان، لېكىن ئالدىنقى ئىككى باش كاتىپمۇ شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن؛ ئېستونىيە زۇڭلىسى كالاس رۇسىيەگە بەك قاتتىق قوللۇق قىلدى دەپ قارالدى. رومىنىيە زۇڭتۇڭى جوننىس ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا رىقابەتتىن چېكىنىپ چىقتى.

نۇرغۇن خىرىس مەۋجۇت

رۇتتې ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىش. رۇتتې ئىلگىرى ئۇكرائىنانى قوللاش ياۋروپانىڭ گۈللىنىشى ۋە خەۋپسىزلىكىگە پايدىلىق دېگەن ئىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر پىلان تەستىقلاندى، پىلان بويىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش ۋە مەشىق قىلدۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، بۇ پىلان نۆۋەتتىكى يۇقىرىقى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان «ئۇكرائىنا مۇداپىئە مەسىلىسى خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ. بۇ پىلان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون باشلىقلار يىغىنىدا رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، شۇڭا رۇتتېنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

رۇتتې يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى يېتەكلەپ «شەرقىي قاناتتىكى مۇداپىئە ئىقتىدارى»نى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى ۋە پولشادىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى «تەھدىت كۈچى» ۋە «مۇداپىئە ئىقتىدارى» غا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىراق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە باشتىن-ئاخىر قارشى تۇرۇپ كەلدى، سىلوۋاكىيىمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ بولمىدى، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە بولسا بىر-بىرىنى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئەيىبلىدى، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمىنىڭ ھازىرغىچە ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىناغا ياردەم بەرگىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بارا-بارا ھالسىراپ قالدى، ئەل رايىنىڭ قوللاش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىدى. بۇ دۆلەتلەر مالىيە جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى، ھەربىي سانائەت ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن ئارقا- ئارقىدىن ھەربىي ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا بۇ يىل زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر ھازىرقى زۇڭتۇڭ بايدىننىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ياكى سابىق زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ ئاق سارايغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەس. ئىككىيلەننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، بۇ رۇتتېنىڭ ئالدىغا قويۇلغان نائېنىق مەسىلە.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رۇتتې نېمە ئۈچۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى بولۇپ قالىدۇ؟

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇتتېنى