ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مۇساپىرلار مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-08 15:29

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2024-يىللىق دۇنيا يۈزلىنىشى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 5 - ئايغىچە، دۇنيا بويىچە نائىلاج يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان سەرگەردانلار ئومۇمىي سانى 120 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 43 مىليون 500 مىڭ مۇساپىر بار ئىكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا بويىچە نائىلاج يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان سەرگەردانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2022 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 8 مىليون 800 مىڭ كۆپىيىپ، ئۇدا 12 يىل داۋاملىق ئاشقان.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس شۇ كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: توقۇنۇش، مالىمانچىلىق، كىلىمات ئاپىتى قاتارلىقلار سانسىز كىشىلەرنى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب ئوقۇبىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ۋە جاسارىتىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ قوغداش ۋە قوللاشنى مەقسەت قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نوپېخ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىدە 30 يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەسمىي پېنسىيەگە چىقتى. 1994-يىلى، نوپېخ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، پۈتۈن دۇنيادا يۇرت ماكانسىز سەرگەردانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 26 مىليونغا يەتكەن. نوپېخنىڭ قارىشىچە، يېڭى توقۇنۇش، يېڭى جىددىي ئەھۋال، يېڭى كىرىزىس كۆلىمى ۋە يېڭى مۇرەككەپلىك ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۆتكەن 30 يىلدا، پۈتۈن دۇنيادىكى يۇرت ماكانسىز سەرگەردان نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي قائىدىسىگە ئېتىبارسىز قارىشى، پۇقرالار، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشى بۇنىڭدىكى قىسىمەن سەۋەب بولۇپ، بۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى ۋە يۇرت ماكانسىز قېلىپ سەرگەردان بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى.
«2024-يىللىق دۇنيا يۈزلىنىشى دوكلاتى»دا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا بويىچە يۇرت ماكانسىز قېلىپ سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى ئۇدا 12 يىل ئاشتى، سۇداندىكى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇش- ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا تارىخىي يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشتىكى بىر مۇھىم ئامىل. 2023 - يىلى 4 - ئايدىن بۇيان، سۇداندا يېڭىدىن كۆپەيگەن چېگرا ئىچىدىكى سەرگەردانلار سانى 7 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى، يەنە 1 مىليون 900 مىڭ ئادەم چېگرا سىرتىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرمەكتە. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 10 مىليون 800 مىڭ سۇدانلىق يۇرتىدىن ئايرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  نۇرغۇن ئورگىنى يېقىندا سۇدان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.
شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 26 -كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، جىددىي قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتېن گىرىفىس غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە خەلقئارا ياردەم ئورگىنى بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي مۇھىم ئىش بۇ توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشى ۋە كۈچىيىشىنى توسۇش.
شەندۇڭ داشۆسى كۆچمەنلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ چۈەنچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادا نائىلاج يۇرت ماكانسىز قېلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەرنلەر سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى رايون خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا ئىنتايىن پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. بىرىنچىدىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى؛ ئىككىنچىدىن، دۇنيادا مۇساپىرلارنى ئىدارە قىلىشنى قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئېغىر ئىجتىمائىي يۈك، ئىقتىسادىي يۈك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى دۆلەت خەۋپسىزلىك يۈكى ئېلىپ كەلدى.
بۇ يىلقى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىنىڭ باش تېمىسى ئىتتىپاقلىق. گۇتېررېس مۇنداق دېدى: مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، مۇساپىرلار ئىززەت - ھۆرمەتلىك تۇرمۇشىنى قايتا قۇرۇشقا موھتاج. ئەگەر پۇرسەت بولسا، مۇساپىرلار ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغان مەھەللە ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ، لېكىن ئۇلار باراۋەر پۇرسەتكە ھەمدە خىزمەت، تۇرالغۇ ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلارغا موھتاج. ياش مۇساپىرلار ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا موھتاج. مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ بىر قىسىم ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەر مۇساپىرلارنى جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادقا تولۇق سىڭىشىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن قوللاش ۋە بايلىققا موھتاج. گۇتېررېس يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كوللېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشىنى ھەم ئاخىرىدا توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ يۇرت ماكانىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
نوپېخ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق. بىز يولغا قويۇشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، نائىلاج يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى يۇرت ماكانىغا قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئادىللىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق بولغاندىلا ئاندىن يۇرت ماكانسىز سەرگەردانلارنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
سۇڭ چۈەنچېڭ مۇنداق دېدى: «مۇساپىرلار مەسىلىسى دۇنياۋى كېلىشىمى»نىڭ قانۇنىي چەكلەش كۈچى يوق، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. پۈتۈن دۇنيادىكى نائىلاج يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان سەرگەردانلار مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇساپىرلار كېلىپ چىققان دۆلەتلەر، مۇساپىرلار چېگرىدىن ئۆتكەن دۆلەتلەر ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئالدى بىلەن مۇساپىرلار كېلىپ چىققان خەلقئارا مەنبەنى يوقىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخنىكا ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەپ، مۇساپىرلار كېلىپ چىققان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقئارا جەمئىيەت ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنيا مۇساپىرلارنى ئىدارە قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مۇساپىرلار مەسىلىسىگە خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيولۇق سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى.