بەش چوڭ ئويلىنىشتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىگە نەزەر
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن ۋاقىتلىق تولۇقلىمىغا قارشى تاموژنا بېجى ئېلىش قارارى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو-ياۋروپا ئاپتوموبىل كەسپى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن ۋاقىتلىق تولۇقلىمىغا قارشى تاموژنا بېجى ئېلىش قارارى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جۇڭگو-ياۋروپا ئاپتوموبىل كەسپى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان توكلۇقلىمىغا قارشى تەكشۈرۈش دېلوسى توغرىسىدا كېڭىشىشنى بېكىتتى.
كېڭىشىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، مۇخبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوموبىل مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياۋروپانىڭ ھەر ساھەسىنىڭ ئوبيېكتىپ ئاقىلانە ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
بىرىنچى ئويلىنىش: جۇڭگو-ياۋروپا ئاپتوموبىل كەسپى ھەمكارلىقى 40 يىلدىن بۇيان ياۋروپالىقلارنى زىيان تارتقۇزدىمۇ؟
جۇڭگو-ياۋروپا ئاپتوموبىل كەسپى ھەمكارلىقى 40 يىل ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئالدى بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن شېرىكلەشكەن شىركەت قۇردى، بۇ ھەمكارلىقنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئارقىدىن فىرانسىيەنىڭ پېئۇگېئۇت شۆتېلۇڭ، گېرمانىيەنىڭ BMW، دايملېر قاتارلىق ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى جۇڭگوغا كەلدى.
40 يىلدىن بۇيان، ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى جۇڭگودا نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقاردى ۋە ساتتى. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ۋولكسۋاگېن شىركىتى جۇڭگو بازىرىغا جەمئىي 40 مىليون ئاپتوموبىل تاپشۇردى. بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو-گېرمانىيە شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا خۇاچېن BMW ماركىلىق ئاپتوموبىلدىن 6 مىليونى پۈتتى. ۋولكسۋاگېن ۋە BMW نىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %30 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
40 يىلدىن بۇيان، ياۋروپا ئاپتوموبىل ماركىلىرى جۇڭگو بازىرىدىكى رىقابەتتە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. ياۋروپا ئاپتوموبىل كارخانىلىرى جۇڭگوغا ئىلغار تېخنىكا، باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر ـ سەنىتىنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بازىرىدا نۇرغۇن پۇل تاپتى.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساھەسىدىمۇ، جۇڭگو ـ ياۋروپا «نۆل نەتىجىلىك ئويۇن» ئوينىمىدى. ۋولكسۋاگېن، BMW قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگودا تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلدى ياكى جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ھەمكارلىشىپ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇمۇ ياۋروپانىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ماسلىشىشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ توكلۇق ۋە ئەقلىي تورلاشقان ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى تەرەققىي قىلىپ ئالدىدا مېڭىشقا باشلىدى، گەرچە ياۋروپا بازىرىغا ئەمدىلا كىرگەن، بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەرنى «ھەيران قالدۇردى»، بەزى سىياسەتۋازلار بۇنى كۆپتۈرۈپ، ئارىدىن پايدا ئېلىشقا ئۇرۇندى.
40 يىلدىن بۇيان، ياۋروپانىڭ زىيان تارتقان- تارتمىغانلىقىنى ياۋروپا ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى توكلۇقلىمىغا قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ۋولكسۋاگېن، BMW، بېنىز، سىتايلانتىس قاتارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى دەرھال بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدە جۇڭگوغا قورۇقچىلىق كالتىكىنى پۇلاڭلىتىشىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ.
2-ئويلىنىش: جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى»مۇ ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟
خۇددى شىۋېيتسارىيە «يېڭى سيۇرىخ گېزىتى»دە ئېيتىلغاندەك، ئەگەر بىر دۆلەت پەقەت دۆلەت ئىچى بازىرى ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا، خەلقئارا سودىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئاپتوموبىل كەسپى ئەسلىدىنلا دۇنياۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش. 2023ـ يىلى، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تەخمىنەن %80ى ۋە %50ى خەلقئارا بازارغا سېتىلدى، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەخمىنەن %12.7ى چەت ئەلگە سېتىلدى، جۇڭگودا «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» مەۋجۇت دەپ ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2030-يىلى دۇنيا بويىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 45 مىليونغا يېتىدىكەن، بۇ 2023-يىلىدىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا توكلۇق ئاپتوموبىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قاتناش تىرانسپورت ساھەسىدە قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازى ئومۇمىي مىقدارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. 2050 -يىلى بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2030-يىلىغىچە ئاز دېگەندە 30 مىليون بۇلغىما قويۇپ بەرمەيدىغان ئاپتوموبىلنى يولغا چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە ئوشۇقچىلىق بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى» ياكى «تەمىنات زەنجىرى بىخەتەرلىكى» ھەققىدە داۋراڭ سېلىشى ماھىيەتتە جۇڭگونىڭ نورمال خەلقئارا سودا ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل تەرەققىياتىغا زەربە بېرىش چوتىنى پۈتۈن دۇنيا ئېنىق كۆردى.
3-ئويلىنىش: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلدىمۇ؟
ھازىر جۇڭگودىن ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىللار ئىچىدە جۇڭگودا ياسالغان غەرب ماركىلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بەزى غەرب تاراتقۇلىرى جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ياۋروپادا «تۆكمە قىلىپ ساتتى» دەپ داۋراڭ سېلىپ، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى «تاللاش خاراكتېرلىك» كۆپتۈردى.
ياۋروپا تىرانسپورت ۋە مۇھىت بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياۋروپا توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ %19.5ى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۆز ماركىلىرىنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %7.9 بولغان. روشەنكى، جۇڭگودا ئىشلەنگەن غەرب ماركىلىرىنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ. تېسلا شاڭخەي زاۋۇتى 2023-يىلى تەخمىنەن 340 مىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلغان، بۇنىڭ يېرىمى ياۋروپاغا سېتىلغان.
جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا سېتىلىش مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئاساسلىق رول ئويناشتىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. خۇددى ئەنگلىيە «جۈنتې» سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى فېلىپ مۇنىئوس ئېيتقاندەك، گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چۆرىدىگەن شاۋقۇن-سۈرەنلەرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۆرىدەپ، كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ياۋروپانى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەيدىغاندەك تەسىر بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن «سانلىق مەلۇمات ۋە رېئاللىق تېخىمۇ مۇلايىم بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى».
4-ئويلىنىش: باھاسى ئەرزان، ئۆزى ياخشى بولغان جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى «توكلۇقلىما بېرىش» ئارقىلىق ياسالغانمۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «جۇڭگو زور مىقداردىكى توكلۇقلىمىغا تايىنىپ ئەرزان باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئېكسپورت قىلىپ، ياۋروپا بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇردى» دەپ جار سېلىشى پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخنىكىدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تولۇق بازار رىقابىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى توكلۇقلىما بېرىشتىن ئەمەس، بەلكى تىرىشىشتىن كەلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ۋە باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە توغرا قاراش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە سىجىللىقى، داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى ۋە ئىشەنچلىكلىكى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئاپتوموبىل تىپىنى ئومۇميۈزلۈك لايىھەلەش، ئۇچۇر، كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ھەقىقىي «بازارنى قالايمىقانلاشتۇرغۇچى» ياۋروپانىڭ تېخىمۇ ئېغىر سودا قورۇقچىلىق قىلمىشى بولۇپ، قانداقتۇر جۇڭگونىڭ «توكلۇقلىما بېرىشى» ئەمەس. توكلۇقلىما بېرىش سىياسىتى ياۋروپا، ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. جۇڭگودا دۇنيا سودا تەشكىلاتى بەلگىلىگەن مەنئى قىلىش خاراكتېرلىك توكلۇقلىما مەۋجۇت ئەمەس. ياۋروپا، ئامېرىكىغا نەزەر سالساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توكلۇق ئاپتوموبىلغا توكلۇقلىما بېرىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك زورايدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور مىقداردىكى چەتكە قېقىش، كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ئۇسۇللار جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار بازارلارغا كىرىشىگە قاتمۇقات توسالغۇ پەيدا قىلدى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ.
5-ئويلىنىش: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى قالايمىقان تەكشۈرۈشى مۇۋاپىقمۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزەلدىن ئۆزىنى ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغدىغۇچى دەپ ماختايدۇ، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق توكلۇقلىمىنىڭ زىيادە ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بېكىتىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن باج ئېلىش نىسبىتىنى بېكىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەكشۈرۈشنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئىلتىماس قىلمىغان ئەھۋالدا قوزغىغان، بۇ جەرياندا ئۆرنەك ئېلىش ئۆلچىمى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق، جەريان ئاشكارا بولماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار ساقلاندى، بۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ.
مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەزا دۆلەت كارخانىلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى، بۇ ئېنىقلا جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تاللىغانلىق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ۋاقىت چەكلىمىسىنىڭ جىددىيلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاقلايدىغان خەلقئارا ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار ئالاقىدار تەرەپتىن بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچە كۆپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ئاساسەن «ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە» ئىكەن.
كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، ئۆز زېمىنىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپ ئۈستۈنلۈكىنى قوغدىماقچى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان قورۇقچىلىق ھەرىكىتى بولۇپلا قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدىن بۇرۇن سوققان سىياسىي چوتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ روشەن خەلقئارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي تۈس ئالغان.
ياۋروپانىڭ سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى بىلىملىك زاتلار مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: ياۋروپانىڭ قىلىدىغىنى جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنى ئىشىك سىرتىدا توسۇش ئەمەس، بەلكى جۇڭگو بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ تېخنىكا ۋە تەمىنات زەنجىرى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ياۋروپانىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت