ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پېزېشكىئاننىڭ ئېغىر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-10 09:54

  ئىران سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇھسىن ئىسلامى 6-ئىيۇل ئىراننىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى مەسئۇد پېزېشكىئاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تاشقى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلەشمەكتە. پېزېشكىئان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىچكى ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، جازانى بۆسۈپ ئۆتۈش، رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىدىن كېلىپ چىققان تاشقى خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى پەسەيتىش ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئەسلىدە 2025-يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، زۇڭتۇڭ رەئىسى 19-ماي تىك ئۇچار ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقى ئۈچۈن سايلام مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى.

  تەھلىلدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: غەربنىڭ جازاسى ئىراننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ساداسى داۋاملىق كۈچەيدى. ئىسلاھات تەرەپدارى بولغان پېزېشكىئان خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشەببۇسى ئىران خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرى ۋە تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كەلدى، بۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا غەلىبە قىلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

  ئىراننىڭ تاراتقۇ ئوبزورچىسى خەمىدرىزا غۇلامزادە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېزېشكىئان 2015-يىلىدىكى ئىران يادرو كېلىشىمى ئىران ئۇچرىغان جازانى بىكار قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراپ، بۇ كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ، چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، پېزېشكىئاننىڭ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قەدەر ھالقىلىق قوللىغۇچىلىرى بار، ئۇ يەنە ئىسلاھات تەرەپدارى بولغان سابىق زۇڭتۇڭ روھانى، سابىق زۇڭتۇڭ ھاتەمى ۋە سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىفىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. زەرىفى تور ۋە تور سىرتىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن پېزېشكىئانغا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھات تەرەپدارلىرىنى قوللىغۇچىلارنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمى دەل پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتقان، رايون خەۋپسىزلىكى مۇقىم بولمىغان پەيتكە توغرا كەلدى، ئىراننىڭ دۆلەت ئىچىمۇ ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. پېزېشكىئان كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

  بىرىنچى، 2018-يىلى ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، ئىران ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قاتتىق جازاسىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. كۆپ تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىراننىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ئۇزۇن مەزگىل %30 تىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەن، ئىراننىڭ پۇلى بولغان رىيالنىڭ قىممىتى 2015-يىلى ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغان چاغدىكىگە قارىغاندا ئېغىر دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن، رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ئىران ئىقتىسادىغا يەنىمۇ زەربە بەرگەن. غەربىي شىمال داشۆسى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى لى فۇچۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىدە، ئىران پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ، ئىشسىزلىق كۆپىيىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى. يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىران بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا جىددىي، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىران يادرو كېلىشىمى ھەققىدىكى ۋەدىگە ئەمەل قىلىش سۆھبىتى قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبالى يەنىلا ئېنىق ئەمەس. رەئىسى قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقنى ياخشىلاش سۆھبىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جازانى بۆسۈپ ئۆتۈش يەنىلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لى زىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە پېزېشكىئان ئىران يادرو كېلىشىمىدە يول قويۇش ئارقىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ جازانى يېنىكلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە جازالاش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش تەس. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل. ئىراننىڭ رايون مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سەئىد ھۈسەيىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىران پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كۆپەيتىپ، رايون دۆلەتلىرى ھەم رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق جازانىڭ تەسىرىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، تاشقى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. رەئىسى 2021-يىلى زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئىران دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان ئىدى. بۇلتۇر، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بەلگە قىلغان ھالدا، ئىران رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن «يارىشىش ئەندىزىسى»نى باشلىدى. ئەمما، بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ تاشقى تەسىرى رايون خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ يىل 4-ئايدا، ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىران ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا پارتلاش يۈز بەردى. گەرچە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى باھا بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تاراتقۇلار ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قوزغىدى، ئىران-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پەردە ئارقىسىدىن پەردا ئالدىغا چىقتى دەپ خەۋەر بەردى.

  6-ئايدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى، جېنجۇداڭ تەرەپ بولسا «ئومۇميۈزلۈك توقۇنۇش پارتلايدۇ» دەپ كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى بىردىنلا كەسكىنلەشتى. رايوندىكى بىر قاتار ھەرىكەتلەر توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىنى پەيدا قىلدى، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ئىرانغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىكى تاشقى مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پېزېشكىئاننىڭ ئېغىر خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ

ئىران سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مۇھسىن ئىسلامى 6-ئىيۇل ئىراننىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى مەسئۇد پېزېشكىئاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.