ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراقتىكى جۇڭگو كارخانىلىرى «لۇبەن روھى» ئارقىلىق تىگرىس دەرياسى بويىدا بوستانلىق بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-30 14:37

  مىڭ يىللاردىن بۇيان دولقۇنلاپ ئېقىپ كېلىۋاتقان تىگرىس دەرياسى جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ، ئىراقنىڭ ۋاسىت ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۇت شەھىرىدە خەزۇچە «جى» خېتى شەكلىدىكى ئەگمىنى ھاسىل قىلغان. مانا مۇشۇ «قولتۇق»قا ئىراقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى تاشقى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى ئەھادەب نېفىتلىكى جايلاشقان.

  ياز پەسلىدىكى 7-ئايدا، مۇخبىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى نېفىتلىك رايونىغا كىرىپ، قاتار-قاتار خورما دەرەخلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، شاخلىرىدا يېشىل مېۋىلەرنىڭ ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى، قۇملۇقتىكى يۇلغۇنلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرىگە قاراپ، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى شورلۇق ساھىل ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

  ئەھادەب نېفىتلىكى تۈرىدە 2009-يىلى ئىش باشلىنىپ، 2011-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. جۇڭگو لۈجۇۋ نېفىت شىركىتى نېفىتلىك مەشغۇلاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2009-يىلى بۇ يەردە يىلتىز تارتقان. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نېفىت مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇ جاينىڭ سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنىنى قوغدىدى.

  ئىراقنىڭ نېفىت-گاز بايلىقى مول، لېكىن ئىسراپچىلىق ئېغىر. ئالدىنقى باسقۇچلۇق سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ بولۇش، دەۋرىيلىكى ئۇزۇن بولۇش، گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم نېفىتلىكلىرى قېزىش جەريانىدا پەيدا بولغان گازنى بىۋاستە كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلاتتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ 2023-يىلى ئېلان قىلغان بىر ئىستاتىستىكا دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراقتا ھەر يىلى ئىسراپ بولىدىغان تەبىئىي گاز 17 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەھادەب نېفىتلىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىراقتىكى نېفىت، گاز، سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى بىرلەشمە پونكىت بولۇپ قالدى. نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خادى ئوبېد مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خام نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئايرىپ چىقىلغان گاز مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىدا گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈلۈپ، سۇسىزلاندۇرۇلۇپ، ھىدروكاربونسىزلاندۇرۇلۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق گۈڭگۈرت، قۇرۇق گاز ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ھاسىل قىلىنىدۇ. ھازىر ئەھادەب نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇق گاز 5 مىليارد كۇپمېتىر، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى 600 مىڭ توننا، گۈڭگۈرت تەخمىنەن 18مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، ھەم بايلىق ئىسراپچىلىقىدىن ساقلاندى ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ئىشلەپچىقارغان قۇرۇق گاز نېفىتلىك زاپاس ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى توك بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسى-خۇاشىدې ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جاي ۋە پايتەخت باغدادنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىندى. ئايرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان گۈڭگۈرت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىنىڭمۇ ھەممىسى ئىراقنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەھادەب نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىشتىن چىققان كېرەكسىز سۇمۇ تازىلىنىپ قايتا ئىشلىتىلدى. خام نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئايرىپ چىقىلغان «ھاسىلات سۇ» پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق چۆكتۈرۈلۈپ، سۈزۈلۈپ، ئالاقىدار ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن يەر ئاستىغا قايتا قۇيۇلۇپ، يەر قاتلىمىنىڭ بېسىمى تولۇقلىنىپ، سۇ بېرىش-ئېلىش ئايلىنىشى شەكىللەندۈرۈلۈپ، نېفىتلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش شارائىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  نېفىتلىك رايونىدا پەيدا بولغان تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرى لۈجۇۋ نېفىت شىركىتى لايىھەلەپ ياسىغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى ئارقىلىق تازىلىنىپ، كۆكەرتىش، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلدى، تازىلاش جەريانىدا پەيدا بولغان قۇرۇق پاراشوك قالدۇقلىرى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىنىپ ئوغۇت قىلىندى. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىراقنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئەھادەب نېفىتلىكىنىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇش تۈرى 2014-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو قۇرۇلۇش لۇبەن مۇكاپاتى (چېگرا سىرتىدىكى قۇرۇلۇش) شەرىپىگە ئېرىشتى. ئىراقنىڭ نېفىت مىنىستىرى ھېيان ئابدۇل غەنى: ئەھادەب نېفىتلىكى ئىراقنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى، دېدى. جياڭ مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 15 يىلدىن بۇيان، لۈجۇۋ نېفىت شىركىتى ئىراققا 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە شۇ جايغا جۇڭگونىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپ، 100 مودىن ئارتۇق ئورمان بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ماس تەرەققىي قىلدۇردى. «لۈجۇۋلۇقلار» لۇبەن روھى ئارقىلىق يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىگرىس دەرياسى بويىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرۇپ، شورلۇقتا ئېكولوگىيەلىك بوستانلىق بەرپا قىلدى.

  تەرجىمان: بەختىيار تۇردى

  سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراقتىكى جۇڭگو كارخانىلىرى «لۇبەن روھى» ئارقىلىق تىگرىس دەرياسى بويىدا بوستانلىق بەرپا قىلدى

مىڭ يىللاردىن بۇيان دولقۇنلاپ ئېقىپ كېلىۋاتقان تىگرىس دەرياسى جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ، ئىراقنىڭ ۋاسىت ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۇت شەھىرىدە خەزۇچە «جى» خېتى شەكلىدىكى ئەگمىنى ھاسىل قىلغان. مانا مۇشۇ «قولتۇق»قا ئىراقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى تاشقى ئېنېرگىيە ھەمكارلىق تۈرى ئەھادەب نېفىتلىكى جايلاشقان.