ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قاتتىق ئىسسىق بولدى، نۇرغۇن جايلاردا تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى
بۇ يىل يازدا ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا ئۇدا قاتتىق ئىسسىق بولدى. يېقىندا، نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا تارىختىكى رېكورتقا يېقىنلاشتى ياكى يېڭىلاندى. ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەسىلىدىنلا ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئېلېكتىر كۈچى سىستېمىسىنىڭ بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتتى.
كۇۋەيت ھاۋارايى ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا، كۇۋەيتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، تېمپېراتۇرا چوققا قىممىتى 52 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ 53.5 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىغا يېقىنلاشقان. مۇتەخەسسىسلەر ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى، بولۇپمۇ چىڭقى چۈش ۋە چۈشتىن كېيىنكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ۋاقىتتا قۇياش نۇرىنىڭ تىك چۈشۈشىدىن ساقلىنىش ھەمدە يېتەرلىك سۇ ئىچىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ۋە باشقا ئالاقىدار كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
كۇۋەيتنىڭ ئالاقىدار قانۇنىغا ئاساسەن، قۇرۇلۇش ئورنى قاتارلىق ئۈستى ئوچۇق مەشغۇلات سورۇنلىرىنىڭ كۈندۈزى ئالاھىدە ۋاقىتتىكى خىزمىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنىڭ توكنى تېجەپ ئىشلىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي توك توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
ئىراندا نۇرغۇن ئۆلكىلەر 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان «ھورداق» ھالىتىگە كىردى، جەنۇبتىكى بۇشىر ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 53 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، غەربىي جەنۇبتىكى خۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلاشتى.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا نەملىك قوشۇلسا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۋېتىشى مۇمكىن. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يېقىنقى مەزگىلدىكى پىژغىرىم ئىسسىق 60 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان. پىژغىرىم ئىسسىق كۆرسەتكۈچى ئۇنىۋېرسال ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە نىسپىي نەملىك ئارقىلىق بەدەن سېزىمى تېمپېراتۇرىسىنى بېكىتىدىغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، بەدەن ھەقىقىي ھېس قىلغان ئىسسىقلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئىران ئېلىكتىر تارماقلىرىنىڭ بېسىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، قىسمەن رايونلاردا توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
يېقىندا، ئىراقنىڭ بەسرە، مىسسان قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، قىسمەن ئۆلكىلەردە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 51 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. ئىراقتا توك ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ئېلېكتىر تورى كونىراپ كەتكەن. ياز پەسلىدىكى توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە توك قىس بولۇش ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلەشتى.
پايتەخت باغدادتا يېقىندا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى. ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن باغدات شەھەر ئاھالىلىرى كۈندۈزلۈك پائالىيىتىنى ئازايتتى. شەھەر ئاھالىسى ھەسەن شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: «سىرتقا چىققىنىمىزدا ھەممە نەرسە قايناپ كەتكەندەك بەك ئىسسىق، سىرتتا خام تۇخۇمنى قويساق بىر نەچچە مىنۇتتىلا پىشىدۇ، بىز ئامالنىڭ بارىچە زۆرۈر بولمىغان سىرتقا چىقىشنى ئازايتتۇق، لېكىن ئۆيدە دائىم توك توختاپ قالىدۇ، ھەقىقەتەن چىدىماق تەس، دېدى.
ئىراق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق زۇڭلىسى سۇدانى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يوليورۇق بېرىپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت ئاممىۋى تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلىدۇ. تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇس ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولغاندا، ھەر قايسى ئۆلكە باشلىقلىرىنىڭ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىزمەتنى توختىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى بار، دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىماتنى ئۆلچەپ كۆزىتىش ئاپپاراتى كوپېرنىك كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇلازىمەت ئىدارىسى 23-ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يەر شارى 21-ئىيۇل 1940-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈننى باشتىن كەچۈردى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 17.09 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى. بۇ ئورگان بۇ يىل 1-ئايدىكى دوكلاتىدا، 2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل دېدى. ئەڭ يېڭى دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: گەرچە ھازىر مۆلچەرلەش بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، لېكىن 2024-يىلى 2023-يىلدىن ئېشىپ ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇۋەتتى، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئوتتۇرا شەرق يەر شارى بويىچە ئەڭ ئىسسىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىدى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى زىرائەتلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى، ھەتتا مائارىپقىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئوتتۇرا شەرقتىكى قىسمەن دۆلەت ۋە رايونلار دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، دەرس ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى