ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-07-31 09:53

  يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق؟ بۇ قېتىمقى زىيارەت غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى لى زىشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدا بەزى ئوخشاشلىقلار بار، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسى ئىسرائىلىيەنى قوللايدۇ، بۇ ئاتالمىش ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسى. مەيلى دېموكراتلار پارتىيەسى ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بولسۇن، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مەقسىتى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى قوغداشقا پايدىلىق باش نىشاننى بېكىتىش. بۇ ئامېرىكىدا پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان ئورتاق تونۇش. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، دېموكراتلار پارتىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىسرائىلىيەنى قوللايدۇ، پەلەستىنگە قارشى تۇرمايدۇ، ئىككى دۆلەت لايىھەسى يەنىلا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئومۇمىي سىياسەت پىرىنسىپى، ھېچبولمىغاندا سىياسەتنى جاكارلاش جەھەتتە بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق.

  لى زىشىن مۇنداق دېدى: بۇنداق بولۇشىنى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما نىسبىتى بەلگىلىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەر پۇشتىن بولغانلار، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم قوللىغۇچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋى سولچىل سەرخىللار قاتلىمى ب د ت نىڭ قارارى ئاساسىدىكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىنى ئېتىراپ قىلىشقا تېخىمۇ مايىل. لېكىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بۇنىڭغا روشەن ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئىسرائىلىيىنى قانات ئاستىغا ئالغان، بۇ خىل قانات ئاستىغا ئېلىش پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت لايىھىسىنىڭ رىئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىلىپ، سودا ئۇسۇلى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشنى يەمچۈك قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇس قىلىنغان.

  نىتانىياخۇ ئامېرىكىغا زىيارەتكە مېڭىش ئالدىدا ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئامېرىكا، مىسىر ۋە قاتار ياراشتۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە داۋاملىق قاتنىشىش ھەققىدە يوليورۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشتى. ئۇنداقتا نىتانىياخۇنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  لى زىشىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى كېلىشىم نۇسخىسى يەنىلا ئىسرائىلىيەنىڭ مۆلچەرىگە يەتمىدى دېيىشكە بولىدۇ، نىتانىياخۇ يەنە يېڭى تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئوتتۇرىغا قويغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىك. ئامېرىكىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە نەچچە قېتىم ئۆزىگە پايدىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. خاماسمۇ كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ مۆلچەرىگە يەتمىدى.

  لى زىشىن مۇنداق دېدى: نىتانىياخۇنىڭ ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن، يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئىسرائىلىيە ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، لېكىن ئامېرىكىدىكى زىيارەتنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە نىتانىياخۇ ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت تەكلىپىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

  لى زىشىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم نىتانىياخۇ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇپ كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئاق ساراينىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشى يېتەرلىك ئەمەس، لېكىن ئامېرىكىنىڭ پارتىيە-گۇرۇھ ھالقىغان قوللىشى مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى، بولۇپمۇ بايدىننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا بولغان جىددىي ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، بايدىننىڭ بۇ دىپلوماتىيە مىراسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولامدۇ-يوق؟ ھازىر تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى نىتانىياخۇدا.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق؟

يېقىندا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق؟ بۇ قېتىمقى زىيارەت غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟