ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشكە جەلپ قىلغان نەرسە نېمە؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-01 09:24

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، فېدېراتسىيە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى، گولدمان سىچېس، ئالما، بوئېن، مىكرون پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. تەھلىل قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كوللېكتىپىنىڭ بۇ چاغدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۈشىنىشنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشنى جىددىي ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغان.

  ۋاقىت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى پىلانى تۈزۈلۈپ، دۇنياغا ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى. ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى، روشەنكى، بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تومۇرىنى ئىگىلەش ئۈچۈندۇر. ئۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم سىگنالى بېرىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئومۇمىي يىغىننىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى زاتلارنى بۇ نۇقتىدا جۇڭگونى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلغىنى شۇكى، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 61 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان. بۇنداق چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئاسىيادىكى گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قارىدى. ج ك پ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەندى. دەل مۇشۇنداق «ئاساسىي گەۋدە» بولغاچقا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشكە تېخىمۇ ئىشەنچ باغلىدى.

  نۇرغۇن خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش دېگەن بىر جۈملە سۆزنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدى. «بازار»، «ھەمكارلىق» تىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزدىن جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە يولىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، مانا بۇمۇ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.

  ئالدى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا نەزەر سالايلى، بۇ جۇڭگونىڭ گەۋدىلىك ئەۋزەللىكى. مۆلچەرلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى ھەر بىر پوئىنت ئاشسا، تەخمىنەن 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەغلەغنىڭ ۋە 28 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىستېمالنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن؛ ئوتتۇرا كىرىملىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەر بىر پوئىنت ئاشسا، ھەر يىلى 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىستېمال چىقىمى ئاشىدىكەن. جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشى، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ سۈپىتى سىجىل ئۆسۈپ، سىغىمى كېڭىيىپ، تېخىمۇ زور ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى.

  بۇنداق پۇرسەتنى ھېچكىمنىڭ قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق. سىتارباكنى مىسالغا ئالايلى. بۇ يىل 31-مارتقىچە، سىتارباكنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى دۇكىنىدىن يەنە 118ى كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى يېڭى دۇكانلار مۇھىم كەسىپ ئېشىش مىقدارىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇلۇپ، چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات يېڭى پۇرسىتىدىن ھەمبەھرە بولىدۇ.

  يەنە خەلقئارا ھەمكارلىققا قاراپ باقايلى. ج ك پ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، مۇھىت ئۆلچىمى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە ساھەسى قاتارلىقلاردا قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەمنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دەپ ئېنىق سىگنال بېرىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئاشكارا، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تۈزۈم مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىقنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى يەنىمۇ قازىدۇ. بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بازىرىنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يېشىل تەرەققىيات، سەھىيە، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كىشىلەر ئامېرىكا كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىدىن، جۇڭگونىڭ ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈزۈشكە باشتىن-ئاخىر قارشى تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «كىچىك ھويلا، ئېگىز تام» پەيدا قىلىپ، ھەم جۇڭگوغا پەن-تېخنىكا چەكلىمىسى قويدى، ھەم جۇڭگونىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىدىن قالايمىقان تاموژنا بېجى ئالدى، ئامېرىكىنىڭ ۋاسىتىلىرى ئۈزۈلمىدى. سىرتتىكىلەر بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئالما، مىكرون پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىغا دىققەت قىلدى، بۇنىڭدىن ئامېرىكا سودا ساھەسىنىڭ يەنىلا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن پائال ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى تىرامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلار يەنە ئاياغ، چامادان ۋە شەپكە قاتارلىقلار ئۈچۈن يۇقىرى چىقىم قىلغان. بۇ «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۈزۈش»نىڭ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرى، دۇنيانىڭ چوڭ پۇرسىتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يۈكسەك ئېنىقلىققا، باغلىنىشچانلىققا ۋە سىجىللىققا ئىگە بولۇپ، دۇنياغا نىسبەتەن مۇقىم مۆلچەردىن دېرەك بېرىدۇ. كەلگۈسىدە، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 300دىن ئارتۇق مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بۇ قېتىم ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە كۆرسەتكىنىدەك، جۇڭگو باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆمەك تەشكىللەپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشكە جەلپ قىلغان نەرسە نېمە؟

جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، فېدېراتسىيە تېز يەتكۈزۈش شىركىتى، گولدمان سىچېس، ئالما، بوئېن، مىكرون پەن-تېخنىكىسى قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى.