پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ساياھەت ئەھمىيىتى
بۇ يىل يازدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 8-قېتىم قاتناشقان پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي سەككىز تەنھەرىكەتچىنى ئالتە مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بايراقچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئابۇسالى بۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەرلەر بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 57 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە پەلەستىنگە ۋاكالىتەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى بوكسچى بولۇپ قالدى.
28-ئىيۇل، 20 ياشلىق يىگىت ئابۇسالى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى باشلىدى. بۇ ئۇ تۇرۇشلۇق پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقە كۈنى.
بۇ يىل يازدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 8-قېتىم قاتناشقان پەلەستىن ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي سەككىز تەنھەرىكەتچىنى ئالتە مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بايراقچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئابۇسالى بۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ئەرلەر بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 57 كىلوگراملىقلار مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە پەلەستىنگە ۋاكالىتەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى بوكسچى بولۇپ قالدى.
28-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، شىمالىي پارىژ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىدىكى سۆسۈن رەڭلىك بوكس سەھنىسىدە، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك مۇسابىقە كىيىمى كىيگەن ئابۇسالى شىۋېتسىيە ماھىرى ئىبراھىم بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. ئابۇسالى بىلەن ئۇنىڭ تىرېنېرى ئەھمەدنىڭ ئالاقىسى ئانچە راۋان ئەمەس. قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا بارالمايتتى، ئادەتتە پەقەت يىراقتىن نازارەت قىلىپ مەشىق قىلدۇراتتى، ئۇستاز بىلەن شاگىرت ئىككىسى خەلقئارا مۇسابىقە مەزگىلىدە ئاندىن بىر قېتىم كۆرۈشەلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇۋاپىق مەشىق ھەمراھى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئابۇسالى دائىم تېخىمۇ بەستلىك، تېخىمۇ ئېغىر رەقىبى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ مەشىق قىلىشقا مەجبۇر بولاتتى، شۇڭا مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ئىدى.
گەرچە پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى غەلىبە خەۋەرلىرى ئىنتايىن ئاز. پارىژ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۇچۇر تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىرغىچە پەلەستىنگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرەر تەنھەرىكەتچى ھېچقانداق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مېدالىغا ئېرىشىپ باقمىدى. بەلكىم، بۇ دەل ئابۇسالى بىلەن ترېنېرنىڭ قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ پارىژغا كېلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
مۇسابىقە ئاياغلاشتى، رېپىر غەلىبە قىلغۇچى شىۋېتسىيەلىك تەنھەرىكەتچى ئىبراھىمنىڭ بىلىكىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، ئىبراھىم ئابۇسالىنى قۇچاقلاپ قويدى ھەمدە بۇ رىقابەتچىسىنىڭمۇ بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈردى. ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ئابۇسالى بارمىقى بىلەن مەيدىسىدىكى دۆلەت بايرىقى بەلگىسىنى كۆرسەتتى.
ھەمراھسىز ئابۇسالى مۇسابىقە مەيدانىدىن چۈشۈپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئارىلاشما زىيارەت رايونىدىن ئۆتتى. ئۇ ئارقىسىدىن مۇخبىرلارنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاخىرى قەدىمىنى توختىتىپ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە پەلەستىن دۆلەت بايرىقى ۋە پەلەستىن خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىمەن. مېنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كېلىشتىكى نىشانىم بىر مېدالغا ئېرىشىش، ناھايىتى ئەپسۇس، بۈگۈن ئۇتتۇرۇپ قويدۇم، لېكىن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى مۇشۇنداق بولىدۇ. مەن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمەن، مېنىڭ تەنتەربىيە ھاياتىم باشلاندى، مەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ، تۆت يىلدىن كېيىن پەلەستىننىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«قاتنىشىش ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن سۆز «ھازىرقى زامان ئولىمپىك ئاتىسى» كوبېرتىننىڭ مەشھۇر سۆزى. فىرانسىيە «20 مىنۇت گېزىتى» باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلەر تەرىپىدىن قالايمىقان ئىشلىتىلگەن بۇ داڭلىق ھېكمەتلىك سۆزنىڭ جەۋھىرى يوقالدى، لېكىن يەكشەنبە كۈنىدىكى بوكس مۇسابىقىسىدە بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى ئازراق تېپىلغاندەك قىلىدۇ».
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل