ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ بوتسىۋانا بالىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 10:55
جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان بوتسىۋانا موپانى باشلانغۇچ مەكتىپى 2021-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ جايدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش ۋە مەكتەپ شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. مەكتەپنىڭ ياخشى ئەسلىھەلىرى ۋە ئەلا ئوقۇتۇش نەتىجىسى ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
موپانى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خاخويچىۋى ماراتا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «موپانى مەھەللىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەكتەپ دەل ۋاقتىدا قۇرۇلدى. مەھەللىگە ھەقىقەتەن ياردىمى بولدى، دەسلەپتە بۇ يەردە پەقەت بىرلا مەكتەپ بولۇپ، پۈتۈن كەنت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى.
موپانى بوتسىۋانانىڭ جەنۇبىدىكى كۇينىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، پايتەخت گابورونېيغا تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ دۆلەتتىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز كەنتلەرنىڭ بىرى. ھازىر بۇ يەردە تەخمىنەن 30 مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە نوپۇس يەنىلا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ.
موپانى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، موپانىدىكى بىردىنبىر مەكتەپ بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، كەنتتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەن چىقىپ كەچ قايتىپ، ناھايىتى يىراق يوللارنى بېسىپ، ئەتراپتىكى كەنتلەرگە باراتتى ياكى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ پايتەختكە بېرىپ ئوقۇيتتى. بەزى ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار ئائىلىلەر ھەتتا بالىلىرىنىڭ قاتناش ھەققىنى تۆلىيەلمەيتتى.
10 ياشلىق تروتلو سېلوك ئىلگىرى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باراتتى. موپانى باشلانغۇچ مەكتىپى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ئۇ يەرگە يۆتكەلدى، ھازىر ئۇ ھەر كۈنى پىيادە 10 مىنۇتتىلا مەكتەپكە يېتىپ بارالايدۇ. ئۇ: «بۇ مەكتەپ بەك ياخشىكەن، مەن دائىم قوشنىلىرىمغا بىزنىڭ مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىمىزنى، قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىمەن»، دېدى.
ھازىر موپانى باشلانغۇچ مەكتىپىدە تەخمىنەن 900 ئوقۇغۇچى بار. ھەر يىلى بۇ مەكتەپ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ماراتا مۇخبىرغا: «مەن بايا بىر نەچچە ئاتا-ئانىنى ئۇزىتىپ قويدۇم، مەكتەپ تويۇنۇپ قالدى، لېكىن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇماقچى بولغان بالىلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ»، دېدى.
موپانى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 7400 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يورۇق سىنىپ، كەڭ مەيدان، ھەر خىل تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، كومپيۇتېر ئۆيى، ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى، مېيىپلار تازىلىق ئۆيى ۋە بىر زامانىۋى كۇتۇپخانا بار. ماراتا: « بۇ مېنىڭ پۈتكۈل ئوقۇتۇش ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ»، دېدى.
13 ياشلىق لانسېسانى 2021-يىلى بۇ مەكتەپكە يۆتكەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى مەكتەپلەردە ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى ۋە كومپيۇتېر ئۆيى يوق ئىدى، پۇتبول مەيدانىمۇ پاكىز ئەمەس ئىدى. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، مەكتەپ ئالمىشىپ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەممۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى».
2023-يىلى، موپانى باشلانغۇچ مەكتىپى 1-قېتىم مەملىكەت بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ئالدى،  بۇ مەكتەپ %98.3 لىك ئۆتۈش نىسبىتى بىلەن كۇينېن رايونىدا 1-ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 12-ئورۇندا تۇردى. ماراتا: بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن شۇنداقلا جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېدى.
موپانى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان بام مالەيتەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەلچىخانىسى قەرەللىك ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىپ، داۋاملىق قوللىدى، بۇنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە زور ياردىمى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى ۋە كومپيۇتېر ئۆيى مەكتەپنىڭ ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىشى تېخنىكىسى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈردى،  شۇنداقلا بۇ ھەم مەكتەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
موپانى باشلانغۇچ مەكتىپى جۇڭگو بوتسىۋانادا ياردەم بېرىپ قۇرغان ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرى، قالغان ئىككىسى گۇبان باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە دىنوكۋانى باشلانغۇچ مەكتىپى. جۇڭگونىڭ بوتسىۋانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فەن يوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان ئۈچ مەكتەپ بوتسىۋانا بالىلىرىنىڭ مائارىپ شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، بوتسىۋانا ئاساسىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بولدى.
جۇڭگو بوتسىۋانادا ياردەم بېرىپ قۇرغان 4-مەكتەپ-رامائېبا باشلانغۇچ مەكتىپىدە قۇرۇلۇش تاماملاندى، بۇ يىل ئاخىرىدا بوتسىۋانا ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە 14 سىنىپ بار بولۇپ، 560 ئوقۇغۇچى سىغىدۇ، ئۇ بوتسىۋانانىڭ شىمالىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. 

 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
 سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ بوتسىۋانا بالىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلىدى

جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ بوتسىۋانا بالىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ بىلەن تەمىنلىدى