ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى داۋاملىق كېڭەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-30 11:02
نۆۋەتتە، ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى. مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى نىئېلسېن IQ بىلەن «ئەقىل-پاراسەت ئاخباراتى» يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى داۋاملىق كېڭىيىپ، تور ئابونتلىرى %1 ئاشقان، توردا مال سېتىۋېلىش قېتىم سانى %4 ئاشقان. ياۋروپا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارغا توردا تاۋار سېتىش سوممىسى 741 مىليارد ياۋروغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى 237 مىليارد ياۋروغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32 ئاشقان.
توردا مال سېتىۋېلىش بارغانسېرى كۆپ ياۋروپا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئېكىسپىرېس سۇپىسى ئېلان قىلغان «ئىستېمالچىلارنى كۆزىتىش دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، ئاز دېگەندە %95.8 ياۋروپا ئىستېمالچىلىرى توردا مال سېتىۋالغان، %35 ئىستېمالچىنىڭ ھەر ھەپتىدە توردا مال سېتىۋېلىش ۋاقتى بەش سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ياۋروپادىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئابونتلىرىنىڭ سانى 540 مىليونغا يەتكەن، 2027-يىلىغىچە 586 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ياۋروپا ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى ۋە ياۋروپا سودا جەمئىيىتى ئېلان قىلغان «2023-يىللىق ياۋروپا ئېلېكتىرونلۇق سودا دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، غەربىي ياۋروپا رايونى يەنىلا ياۋروپادىكى كارخانىلارنىڭ ئىستېمالچىلارغا بولغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى بولۇپ، ئۈلۈشى %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. كارخانىلارنىڭ ئىستېمالچىلار بىلەن بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە بولۇپ، 2022-يىلىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى ئايرىم-ئايرىم 291 مىليارد ياۋرو، 146 مىليارد ياۋرو، 102 مىليارد ياۋرو ۋە 72 مىليارد ياۋروغا يەتكەن.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمى 2023-يىلىدىكىدىن %10.5 ئاشقان، ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى پارچە سېتىش سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %10 ئىنى ئىگىلىگەن. 2023- يىلى 39 مىليون 400 مىڭ فىرانسىيەلىك  توردا مال سېتىۋېلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 500 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، كىشى بېشىغا 60 قېتىمدىن توغرا كەلگەن. 2023-يىلى گېرمانىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى گەۋدىلىك بولۇپ، 43 مىليارد ياۋروغا، ئېشىش نىسبىتى %28 كە يېتىپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىغا ئايلاندى. ياۋروپادىكى 500 كۈچلۈك ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنىنىڭ 112سى گېرمانىيەدىن كەلگەن بولۇپ، داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى زالاندو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازار ئانالىز ئورگىنى «مودو ئاخباراتى»نىڭ بىر دوكلاتىدا: ئېلېكتىرونلۇق سودا ياۋروپانىڭ سودا پائالىيىتىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 2029-يىلىغا بارغاندا ياۋروپا ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى 951 مىليارد 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار دېيىلدى.
بۇ يىل 5-ئايدا DHLگۇرۇھى 180 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىپ، پولشادا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا تەقسىملەش مەركىزى قۇردى. گېرمانىيە شۋارتس گۇرۇھى قارمىقىدىكى چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى بۇلغارىيەدە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ... ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز تەرەققىي قىلىپ، ياۋروپا رايونىدىكى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. ياۋروپا ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى %29 ئېشىپ، 104 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. گېرمانىيە Statista سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2024-يىلى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق %18 ئېشىپ، 122 مىليارد ياۋروغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
پولشا، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپادىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى توردا سېتىشنى باشقۇرۇش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى «ئاساسىي ئۇلىنىش» سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6-ئايدا پولشانىڭ توردا سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە پولشا ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ كۆلىمى 2027-يىلىغا بارغاندا 28 مىليارد 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. بۇلغارىيەنىڭ 2022-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى %31 ئاشقان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ئاساسلىقى ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە توردا مال سېتىۋالىدىغان ئىستېمالچىلار توپىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىدىن بولدى. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، بۇ رايوندا كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.  BLIK پولشادىكى ئەڭ چوڭ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ بىرى. 2023-يىلى 1- ئايدىن 8-ئايغىچە، بۇ چىقىم قىلىش سىستېمىسى 1 مىليارد قېتىملىق سودىنى تاماملاپ، بۇ سۇپا لىنىيەسىدىكى سودىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. بۇلغارىيە كۆچمە چىقىم قىلىشتا كۆپلەپ يېڭىلىق يارىتىش، ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كۆچمە چىقىم قىلىش بۇ دۆلەتنىڭ %80 تىن ئارتۇق چىقىم قىلىش بازىرىنى قاپلىدى. بۇلغارىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار نىزاملارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى.
2024-يىلى 1-ئايدا، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى بىلەن ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ بىرى Evri ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ جۇڭگو-ئەنگلىيە قوش يۆنىلىشلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى بەرپا قىلىدۇ ھەمدە گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى خېرىدارلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن تەمىنات زەنجىرى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ بېرىدۇ. 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى پولشادىكى ناملىق ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى  Biedronka بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق توردا زاكاز قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئەڭ تېز بولغاندا 24 سائەت ئىچىدە مال تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى يەنە Biedronka ئامبار زاپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭ ئامباردىن چىقىرىش ۋە ئامباردا ساقلاشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99.5كە يېتىپ، كەسىپ سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. Biedronka ئەشيا ئوبوروتى تۈرىنىڭ دىرېكتورى ياكوب كونور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلاشتۇرۇلغان IT سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئامباردا ساقلاش، ئامباردىن چىقىرىش ۋە ئامبارغا كىرگۈزۈشنى باشقۇردۇق. كۈندىلىك زاكاز مىقدارى 17 ھەسسە ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا يولۇققان تەقدىردىمۇ بۇ سىستېما بىزنىڭ توردىكى زاكاز تالونىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرى ياۋروپا رايونىدا چەت ئەلدە ساقلاش ئامبىرى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا كىرىپ، يەرلىك كارخانىلار بىلەن ئۇچۇر تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت تەجرىبىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى. نىېلسېن IQ ئىستېمالچىلار تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىن كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ياۋروپا ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنىڭ مۇھىم قاتناشچىسىغا ئايلانغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئىسپانىيەنىڭ 1/3 دىن ئارتۇق توردا مال سېتىۋېلىش پائالىيىتى جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. «ياۋروپا چېگرا ھالقىغان سودا ئىشلىرى» سۇپىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئېكىسپىرېس سۇپىسى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا ئايلانغان. ياۋروپادىكى نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى يەنە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. ئالايلۇق، گېرمانىيەنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئوۋتۇ جۇڭگونىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىگەرلىرىگە قارىتا «تولۇق ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، گېرمانىيە ئىستېمالچىلىرىنى تېخىمۇ مول مال سېتىۋېلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى.
باش ئىشتابى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركقا جايلاشقان باشقۇرۇش مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ئاۋۋېي مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بېرلىن ئىش باشقارمىسىنىڭ ھەمراھى يانس فون ۋېدېل ماقالە يېزىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ باشلامچىسى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى سۈنئىي ئەقل قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى پائال قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى قاتارلىق سېتىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلار بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى. 

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى داۋاملىق كېڭەيدى

ياۋروپانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرى داۋاملىق كېڭەيدى