ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى مىسىردا ئالقىشقا ئېرىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-31 10:44
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ مىسىردىكى سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، بىرىنچى پەسىلدە، مىسىردا تىزىمغا ئالدۇرغان توكلۇق ئاپتوموبىل 1419 دىن ئېشىپ، ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كەلگەن، بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگودا ئىشلەنگەن توكلۇق ئاپتوموبىل.
پاۋلا مۇنىر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن. يېقىندا ئۇ بىيادىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىلىنى سېتىۋېلىپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«مەن بۇ ئاپتوموبىلغا بىر قېتىم توك قاچىلىسام 600 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرەلەيمەن، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى تېخنىكا ۋە باتارېيە سۈپىتى جەھەتتە ناھايىتى قالتىسكەن!. بىيادى، جىلى، جىكې، ۋېيلەي قاتارلىق جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ماركىلىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن مىسىرلىقلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. مېنىڭ تەۋسىيە قىلىشىم بىلەن بەزى دوستلىرىمۇ جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالدى.
قاھىرەدىكى بىر توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى تامېر سابرى: كىشىلەر باھا ئەۋزەللىكىگە ئىگە ھەم سۈپىتى ياخشى توكلۇق ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان، دېدى.
جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ مىسىر بازىرىدا ئالقىشقا ئېرىشىشى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مىسىر ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇساما ئابدۇل مەجىد تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىسىر ھۆكۈمىتى 2021-يىلىدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىلغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، ئەينى چاغدا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى «يېشىل سەپەرگە چىقىش» مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشەببۇس ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى، ئىشلەتكىلى 20 يىلدىن ئاشقان ئاپتوموبىللارنى نۇقتىلىق ئالماشتۇرۇش، ئىككىنچى، توكلۇق ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىش ھەمدە مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىمپورتىنىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجىغا سېلىشتۇرغاندا، مىسىر توكلۇق ئاپتوموبىل ئىمپورتىغا قارىتا «تاموژنا بېجى ئالماسلىق» سىياسىتىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسىرمۇ توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى. 2020-يىلى مىسىردا ئاران 12 توك قاچىلاش پونكىتى بار ئىدى، ھازىر توك قاچىلاش پونكىتى 1200 دىن ئاشتى. مىسىر ھۆكۈمىتى يەنە چەت ئەل ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مىسىردا زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىگە ئىلھام بەردى.  2022-يىلى مىسىر ھۆكۈمىتى ئاپتوموبىل كەسپىنى يەرلىكلەشتۈرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى ھەم ئاپتوموبىل، بولۇپمۇ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، زۇڭلى ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان ئاپتوموبىل سانائىتى ئالىي كومىتېتىنى قۇردى.
مىسىرنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى زاتلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى دۇنيا توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو بىلەن توكلۇق ئاپتوموبىل ياساش جەھەتتىكى ھەمكارلىق مىسىرنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل كەسپىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مىسىر GV مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىلەن جۇڭگو 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، 2025-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ مىسىردا جۇڭگو 1-ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تەكسە باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان. GV مەبلەغ سېلىش شىركىتى كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، ئاپتوموبىلنىڭ %65 زاپچاسلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھەمدە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى.
مەجىد مۇخبىرغا: «يېقىن كەلگۈسىدە، بىز جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرىنىڭ مىسىردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز»، دېدى. 
 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى مىسىردا ئالقىشقا ئېرىشتى

جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى مىسىردا ئالقىشقا ئېرىشتى