ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راست گەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»--جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731ـ قىسىمىنىڭ سابىق ئۆسمۈر ئەسكىرى ئارزۇسىنى بايان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-08-31 11:16
جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 731-قىسىمى «ئۆسمۈرلەر ئەترىتى»نىڭ سابىق ئەزاسى شىمىزۇ خىدېئو 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ياپونىيەنىڭ ناگانو ناھىيەسى ئىشىتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئارىدىن 79 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئاخىرى 731-قىسىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىيالىدىم. « ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راست گەپ قىلىپ، 731-قىسىمنىڭ تارىخىنى ئەينەن ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». 
شىمىزۇ خىدېئو 79 يىل ئايرىلغان جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، خاربىن شەھىرىگە جايلاشقان 731-قىسىمنىڭ جىنايەت پاكىتلىرى كۆرگەزمىخانىسى، 731-قىسىمنىڭ كونا ئورنىغا كېلىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ باكتېرىيە ئۇرۇشى جىنايىتىنى پاش قىلدى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى ھەمدە توۋا قىلدى. شىمىزۇ خىدېئو  8-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ كەچۈرۈم سوراش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.  
8-ئاينىڭ 13-كۈنى 94 ياشلىق شىمىزۇ خىدېئو «كەچۈرۈم سوراش ۋە ئۇرۇش قىلماسلىق تىنچلىق ئابىدىسى» ئالدىدا ئىككى قولىنى جۈپلەپ چوڭقۇر تەزىم قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاش ئابىدە ئالدىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 731-قىسىمدىكى مەزگىلىدە ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان تۈرمىگە كىرىپ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتمىگەن ئادەم سۆڭىكىنى تېرىۋالغانلىقىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«مەن ئۆزۈمنىڭ توۋا قىلىپ كەچۈرۈم سوراش كەيپىياتىمنىڭ بىر قىسمىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن گەرچە ئەپۇ سورىغان بولساممۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن يېنىكلەپ قالسام بولمايدۇ.  
1945-يىلى شىمىزۇ خىدېئو 731-قىسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۆسمۈر ئەسكىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خاربىندا تۆت ئايدىن كۆپرەك تۇرغان، بۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئۇنىڭ ھاياتىدىكى قارا چۈش بولۇپ قالغان. ئۇ ئىلگىرى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: 731-قىسىمنىڭ ئەزالىرى باكتېرىيە تەجرىبىسىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار تەجرىبە جەريانىدا كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان  تېنى يېرىپ تەكشۈرۈلەتتى. شىمىزۇ خىدېئو ئىلگىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ باكتېرىيە ئۇرۇشى تەجرىبە ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. قىسىم ئۇنىڭغا  تەركىبىدە باكتېرىيە بولغان  مومىنى يېگۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 42 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان ھەمدە ئۇدا بىر ھەپتە قىزىغان. ئەگەر شۇ چاغدا ئۇنىڭ كېسەللىك باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولسا،  بەلكىم تېنى يېرىپ تەكشۈرۈلگەن بولاتتى.  
731-قىسىمنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئامبىلاتورىيەسى 1- قەۋەتتە بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتى ئەۋرىشكە ئۆيى ئىدى، شىمىزۇ خىدېئو بۇ يەردە نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەۋرىشكىسى، ھامىلە ئەۋرىشكىسى، بوۋاقلار ئەۋرىشكىسى ۋە ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرگەن. ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 731-قىسىم شەرمەندىلەرچە قېچىشتىن ئىلگىرى بۇ قىسىمنىڭ بارلىق ئىمارەتلىرىنى پارتلىتىۋەتكەن ھەمدە بارلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، شىمىزۇ خىدېئومۇ ئىمارەتلەرنى پارتلىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شىمىزۇ خىدېئو بۇ قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە كۆرگىنى  پەقەت نۇرغۇن قۇرۇق بوتۇلكىلار بولدى. ئۇ: «ئەگەر ئەۋرىشكىلەرنى كۆرگەن بولسام، بۇرۇنقى تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى ئەسلىيەلىشىم مۇمكىن ئىدى»،دېدى. 
2016-يىلى شىمىزۇ خىدېئو ئۆزىنىڭ ئىلگىرى 731 -قىسىم «ئۆسمۈرلەر ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، كېيىن 731-قىسىمنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ، ئاممىغا تارىخنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بايان قىلدى. شىمىزۇ خىدېئو 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئۇ بىر ئازابلىق ئەسلىمە، ئەمەلىيەتتە ھازىر مېنىڭمۇ بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغۇم يوق، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شۇنچە كۆپ جۇڭگولۇقلارنى ئويلىساملا، دېمىسەم بولمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن». 
شىمىزۇ خىدېئو ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇقلار ھەقىقەتەن بەك ئاق كۆڭۈل، ئۇلار ياپونىيەلىكلەر جۇڭگودا تاشلىۋەتكەن ئۇرۇشتا يېتىم قالغان  بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى، تونۇمايدىغان بۇ ياپونىيەلىك بالىلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى ھەمدە ئۇلارنى ياپونىيەگە ئاپىرىپ قويدى. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شىمىزۇ خىدېئو  ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:  مەن ئويلاپ قالىمەن، ياپونىيە جۇڭگوغا شۇنچە يېقىن قوشنا دۆلەت تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتەلمەيدۇ؟
نۇرغۇنلىغان جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق ئەربابلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن «ئوساكا شەھەرلىك سۇغۇرتا دوختۇرلىرى جەمئىيىتى»نىڭ 20 دىن ئارتۇق دوختۇرىمۇ شىمىزۇ خىدېئونىڭ كەچۈرۈم سوراش سەپىرىگە قاتناشتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇ چاغدا   شىمىزۇ خىدېئو جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ ھەمدە 731-قىسىم خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ، بۇ بىزگە ھەقىقىي تارىخنى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەنىڭ يېڭى مىلىتارىزم يۈزلىنىشى ياپونىيە خەلق ئاممىسىنى خاتىرجەمسىزلىك ۋە ساراسىمىگە سېلىپلا قالماي، ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياپونىيەنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بولغان ھوشيارلىقى ۋە ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. 
شىمىزۇ خىدېئوغا ھەمراھ بولۇپ خاربىنغا كەلگەن يەنە بىرەيلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن ئەينى يىلى ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ياپونىيە مىلىتارىسلىرى شىمىزۇ خىدېئونى قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قويۇپ، ئۇنى مەجبۇرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ قولچومىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەگەر پەقەت شىمىزۇ خىدېئولا تەنقىد قىلىنسا، ئوخشاش ئىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ياپونىيە خەلق ئاممىسىغا ياپونىيەنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبارسىز قارايدىغان، ئەخلاقنى يوقىتىدىغان بىر قاتار ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر. 
شىمىزۇ خىدېئو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا:«ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقە قىلىشىنى، ئۇرۇشنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزلەرنى نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىدى.  
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
 سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راست گەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»--جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731ـ قىسىمىنىڭ سابىق ئۆسمۈر ئەسكىرى ئارزۇسىنى بايان قىلدى

«ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ راست گەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»--جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى 731ـ قىسىمىنىڭ سابىق ئۆسمۈر ئەسكىرى ئارزۇسىنى بايان قىلدى