ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىي قىلىش دەۋرىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-27 16:36
تەرەققىيات ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى. تەرەققىياتتىن ھەمبەھرلىنىش گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بەش كۈندە 50 مەيدانغا يېقىن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدىكى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك پائالىيەتكە قاتناشتى. ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت، بىرلەشمە بايانات، باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «تەرەققىيات» باش تېمىسى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللاش»، «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالاش» كۆپ تىلغا ئېلىنىپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 76-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشۇش ئۈچۈن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ مۇھىم تەشەببۇس يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى تەمىنلىگەن يەنە بىر مۇھىم ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى، ئۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇھىم ئەمەلىيىتى. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىدىيە مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئىلگىرى سۈرۈش يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەتنى تەرەققىيات مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قوۋۋىتى يېتىلدۈرۈلۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاڭىنى كىچىكلىتىپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. 
ۋانۇئاتۇ بۇ ئۇلۇغ تەشەببۇسنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتلەنگۈچىسىگە ئايلاندى. ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سارۋى بۇ يىل 7-ئايدا دۇنيا تەرەققىياتتىن ھەمبەھرىلىنىش ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋانۇئاتۇ «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلۇق گۇرۇپپىسى»غا رەسمىي كىردى، بۇنى «ۋانۇئاتۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق تارىخىدىكى يەنە بىر ئابىدە» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو-ئافرىقا (ئېفىيوپىيە)-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى) ھەمكارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى بىرلىكتە يولغا قويغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى بايراقدار تۈر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مىل مۇنداق دېدى: ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، جۇڭگونىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، كۆپ تەرەپنىڭ بايلىق سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 
خەلقئارا جەمئىيەت دۇنيانىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىشى، خەلقنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشى، تەرەققىيات مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا قارالمىنىڭ يادروسىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
2023ـ يىلى 8-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» رەھبەرلىرى سۆزلىشىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. 
تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان دۇنيا تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەش كېرەك.
دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىكى «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئىدىيە پىرىنسىپى ئىچىدە، «تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى. تەرەققىيات ئىزچىل، بايرىقى روشەن ھالدا تەشەببۇس قىلىنغاچقا، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قۇرغان «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى دوستلۇق گۇرۇپپىسى»غا 80 نەچچە دۆلەت قاتناشتى. 70 نەچچە دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىرلىكتە دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى تورىنى قۇردى؛ جۇڭگو كۆپ تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قوللىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بەي ياتىڭ مۇنداق دېدى: دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يەر شارى ھەمكارلىق ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تەجرىبە ۋە ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتتىكى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم قورال.
جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ 2023-يىلى 7-ئايدا دۇنيا تەرەققىياتتىن ھەمبەھرىلىنىش ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى.
 جۇڭگو ھەم دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى تەرەپ، ھەم تەشەببۇسنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى. جۇڭگو ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە توپلىغان تەرەققىيات تەجرىبىلىرى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كونكرېت تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇردى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش يول خەرىتىسى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.
 تەشەببۇس رامكىسى ئاستىدا، جۇڭگو «دۇنيا تەرەققىياتى ۋە جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى» نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى ھەمدە مەبلەغنى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتتى، بەرپا قىلىنغان دۇنيا تەرەققىيات تۈر ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1000 دىن ئاشتى، تاماملانغان ۋە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈر 500 دىن ئاشتى. ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق ب د ت تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ تىرىشىش نىشانى، شۇنداقلا دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى. موزامبىكتىكى سەرگەردان ئائىلىلەرگە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تارقىتىپ بېرىلدى، موڭغۇلىيەنىڭ كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىلدى، نېپالدىكى بالىلار ئاشلىق بىلەن تەمىنلەندى، مىسىر ئاھالىلىرىنىڭ چوڭقۇر قۇدۇق قېزىشىغا ياردەم بېرىلدى ... ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتىدىن كارىب دېڭىزى قىرغىقىغىچە، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى بارغانسېرى نۇرغۇن خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزمەكتە.
مىسىر ئەرەب تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئابۇ بەكىر دىب مۇنداق دېدى: دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ ئادىل ۋە تەڭپۇڭ بولغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاچارچىلىق، نامراتلىق، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 
پاكىستان پارلامېنتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى كاتىبات باشقارمىسى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى شاكىر لامەي: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يېڭى ئۈمىد يولىغا ئايلانماقتا»، دېدى. 

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىي قىلىش دەۋرىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىي قىلىش دەۋرىنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى