ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىگە نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-27 16:39
ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى 2023-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە بولغان مالىيە يىلىدا ھەر يىلى 325 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، جەمئىي 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ يامان تەسىرى»گە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇل چېچىپ ئاممىۋى پىكىر كونترول قىلىدىغان، جۇڭگوغا قارا چاپلايدىغان بۇ ئەڭ يېڭى تەدبىر ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان كونا مۇقاملاردىن باشقا، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئادەتلەنگەن بەزى ئاتالغۇلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىساد خەۋپسىزلىكى»گە زىيان يەتكۈزۈش، «خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەندەك سۆزلەرنى بايقايمىز. بۇنىڭدا يەنە نۇقتىلىق قارا سۈركەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ بولسىمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى. قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سەلبىي خەۋەرلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈلدى. ئامېرىكا كۋېنسى دۆلەت ئىشلىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىمى ماركۇس سىتانلى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ناھايىتى زور چىقىم ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ يىللىق تىجارەت چىقىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئوخشاشلا، 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئامېرىكا دۇنيا تاراتقۇ مەھكىمىسىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئەندىشىسى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ سىياسىي كاپىتالنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ جۇڭگوغا قارا سۈركەش تەقەززالىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
گەرچە قانۇن لايىھەسىدە قايسى تاراتقۇلارنى قوللاش، 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇلنى كونكرېت قانداق خەجلەش كېرەكلىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزى (GEC) ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسىدىن ئىبارەت ئىككى تونۇش ئىسىم پەيدا بولدى.
ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزى (GEC) گە قاراپ باقايلى. بۇ ئورگان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە قارايدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارىتا بىلىش ئۇرۇشى قوزغاشتىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ «ساختا ئۇچۇرغا قايتۇرما زەربە بېرىش» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەمەلىيەتتە دەل ساختا ئۇچۇر ياساش مەركىزى. ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى بولسا ئامېرىكىنىڭ سىرتقا «دېموكراتىيە» سىڭدۈرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئېلان قىلغان 2025ـ يىللىق مالىيە يىللىق خامچوت ئىلتىماسىدا، بۇ ئاپپارات ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگونىڭ دۇنياۋى تەسىرى»گە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىلتىماس قىلغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىر مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىش ھەققىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسى ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا ئىمزالىنىپ قانۇنغا ئايلانسا، بۇ زور سوممىلىق پۇل ئاساسلىقى بۇ ئىككى ئورگانغا ئېقىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. كونكرېت قانداق خەجلەش ھەققىدە بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ئاممىۋى پىكىر ئۇرۇشى، بىلىش ئۇرۇشى قوزغىشىنىڭ يوللىرىنى تەھلىل قىلساق، پەرىزىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلەلەيمىز.
ئامېرىكىنىڭ پۇل چېچىپ ئاممىۋى پىكىرنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى يېڭىلىق ئەمەس. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشتىن تارتىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتى قوزغاشقا قۇترىتىشقىچە، ئاندىن بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوغا زەربە بېرىش ۋە قارا چاپلاشقىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلدىن باشقا نەرسە ئەمەس:
بىرىنچى، پۇل خەجلەپ ئاممىۋى پىكىر سېتىۋېلىش. 2020-يىلى، شۇ چاغدىكى دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزى GEC نىڭ مەسئۇلى گابرېئېل پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنىڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئاخبارات تەربىيەلىنىش تۈرى» كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى غەرب تاراتقۇلىرىنى يۆلەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى. گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ پۇل خەجلەپ چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلارنى قارا چاپلاپ ماقالە يېزىشقا، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشقا تەربىيەلەش دېگەنلىكتۇر.
مەسىلەن، 2022-يىلى 5-ئايدا، زىمبابۋېدىكى بىر ئاتالمىش مۇستەقىل تاراتقۇنىڭ ئاشكارا يالغان خەۋەر يېزىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىگە قارا چاپلىغانلىقى ئاشكارىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ماقالە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 1000 ئامېرىكا دوللىرى ياردىمىگە ئېرىشكەن. يېقىنقى مەزگىلدىكى جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە، فىلىپپىندىكى بەزى ئاتالمىش مۇستەقىل تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. كىرىم مەنبەسى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خوجايىنلىرىنىڭ دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزى (GEC) بىلەن زىچ ئالاقىسى بار ئىكەن. ئالاقىدار تور بېكەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، GEC قوللىغان تۈرلەرنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ فىلىپپىندىكى پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىكەن.
ئىككىنچى، پۇل خەجلەپ ئورگاننى قوللاش. «شىنجاڭ پاختىسى» ۋەقەسى ئېسىڭىزدىمۇ؟ 2020-يىلى شىۋېيتسارىيە ياخشى پاختا تەرەققىيات جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا چېتىلىدىغان تۈرلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بېسىم قەيەردىن كەلگەن؟ شىۋېيتسارىيە ياخشى پاختا تەرەققىيات جەمئىيىتى تور بېكىتىدە مەبلەغ ھەمراھلىرى ئىچىدە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى بار دەپ ئېنىق يېزىلغان. 2023-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا ۋىليام مارى شۆيۈەنىنىڭ «ياردەم سانلىق مەلۇماتى» تۈرى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارا چاپلايدىغان دوكلاتنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەبلەغ ياردەم بەرگۈچى ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى ئىدى.
ئۈچىنچى، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىدى. 2021ـ يىلىدىكى «فېيسبۇك سانلىق مەلۇمات ئىشىكى» ۋە 2022ـ يىلىدىكى «تىۋىتتىر ھۆججەت ئىشىكى» ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى سۇپىسىغا مەخپىي بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئېلون ماسك ئىلگىرى دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزىGEC نى ئاشكارا ئەيىبلەپ، ئۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا ئارىلىشىشىدىكى باش جىنايەتچى دەپ قارىغان. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگودىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق تىۋىتتىر، فېيسبۇك ھېسابات نومۇرى تاقالدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا دۇنيا ئۇچرىشىش مەركىزى GEC نىڭ سايىسى بار.
2022-يىلى 8-ئايدا سىتانفورد داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلار ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىر تۈرلۈك «يوشۇرۇن تەسىر كۈچى ھەرىكىتى» ئارقىلىق يۈزدىن ئارتۇق ساختا ھېسابات نومۇرى ياساپ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنى ھاقارەتلىگەن. ساختا باش سۈرەتنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، ئۆزگەرتىپ ياكى سۈنئىي ئەقل ئارقىلىق ياساپ، «مۇستەقىل تاراتقۇ»، «يەرلىك ئاھالە» دېگەن ساختا سالاھىيەت بىلەن مەركەزلىك يازما يوللاپ، بەلگە چاپلاش، تارقىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىتنە ـ ئىغۋا تارقاتقان. ئامېرىكىدىكى يېڭى تاراتقۇلار بىلىش ئۇرۇشى جەھەتتە ھەرقانداق ۋەھشىيلىكتىن يانمايدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرىقى ئۈچ خىل يول ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان بىلىش ئۇرۇشىنىڭ «پۈتۈن ھۆكۈمەت» ماسلىشىش، «دۇنياۋى» ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. پۇل ئاجرىتىپ جۇڭگوغا بولغان بىلىش ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى قەبىھ قىلمىشلىرىنىڭ بىرى. مۇشۇ ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى مەخسۇس بىر ھەپتە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ جۇڭگوغا چېتىشلىق كۆپ تۈرلۈك قانۇن لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى، مەزمۇنى ئېكسپورتنى باشقۇرۇش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى، شياڭگاڭ، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. دىپلوماتىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى خەيدۇڭ مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە جۇڭگوغا ئالاقىدار 20 نەچچە قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە تەشۋىشىنى ھەم نۇرغۇن غەرەزلىرىنى ئاشكارىلىدى.
ئەڭ تەخىرسىز بولغىنى، سىياسەتۋازلار «تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئالدىرىماقتا». ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئالمىشىدۇ، يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن قايتا سايلىنىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ قۇتۇپلىشىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشكەنلىكتىن، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغان نۇرغۇن قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللاش ناھايىتى تەس بولىدۇ. ئاتالمىش «جۇڭگوغا كۈچ كۆرسىتىش» سىياسىيسى توغرا دەپ قارالغان غەلىتە كەيپىياتتا، ئۇلار ئازراق نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، چوقۇم جۇڭگو تېمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ يامان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش» قانۇن لايىھەسىنى مىسالغا ئالساق، بۇنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئاندىي بارر «ئامېرىكا جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى. جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى دىياۋ دامىڭنىڭ قارىشىچە، قۇرۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بۇ كومىتېت «مەۋسۇملۇق نەتىجە قەغىزى»نى يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ، سىياسىي كاپىتالنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراۋېتىپتۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ ئاق ساراي بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى بېكىتىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تالاشماقچى بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئىجتىمائىي زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتى ئۆرلەۋاتىدۇ، ئىككى پارتىيە كېلىشىۋالغاندەكلا جۇڭگونى نىشان قىلىپ، «جۇڭگو تەھدىتى» دېگەننى تەرغىب قىلىش، جۇڭگوغا بولغان قاتتىق قوللۇقىنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنى يۆتكەپ، سايلامدا قوللاش ئاۋازى توپلىماقچى بولۇۋاتىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى سىياسىي كاپىتالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگوغا قارا چاپلايدىغان، جۇڭگونى سەت كۆرسىتىدىغان ۋاسىتىلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان دۈشمەنلىكىنى قوزغاپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھالبۇكى، قارا چاپلاش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ، ئەكسىچە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئۆز - ئۆزىدىن: بۇ 1 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەشكە ئەرزىمدۇ؟ دەپ سورىشى كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل