ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-30 17:04

يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارا زاتلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مۇنداق دەپ قارىدى: ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالماقتا، جۇڭگو چەت ئەل مەبلىغى ياقتۇرىدىغان مەبلەغ سېلىش ماكانى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
تايلاند «باڭكوك پوچتا گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىگە چەك قويۇشنى بىكار قىلىش تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى، شۇنداقلا دۇنياۋى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. جۇڭگو پاسسىپ تىزىملىكتىن باشقا ساھەلەردىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلىپ، يېڭى ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
رۇسىيە «ئەجدىھا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو 2024ـ يىللىق چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرىنى بىكار قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى داۋاملىق كەڭ قويۇۋېتىپ، ياسىمىچىلىق، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سىرتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» دە «جۇڭگو چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان دوختۇرخانا قۇرۇشقا يول قويىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ساھەسىنى ئېچىۋېتىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، جۇڭگو داۋالاش كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى قىلىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
«ياپونىيە ئىقتىسادى ئاسىيا ئوبزورى»نىڭ خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ دوختۇرخانا قۇرۇشىنى ئېچىۋېتىشى بۇ يىل 7- ئايدىكى ج ك پ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىر بولۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
«بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدە مۇنداق دەپ قارالدى: جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق، مۇلازىمەتچىلىك، بولۇپمۇ داۋالاش ساھەسىنى ئېچىۋېتىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ: داۋالاشنى ئېچىۋېتىشنىڭ يۇقىرى ھالقىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا چېتىلىدۇ، بۇ ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل ۋە ساقايماس كېسەل بىيو تېببىي دورا تەتقىقاتى ئۈچۈن جۇڭگو ـ چەت ئەل ھەمكارلىق كۆزنىكى ئېچىپ بېرىدۇ؛ تۆۋەن ھالقا خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، خەلق ئاممىسى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقمايلا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
گېرمانىيە «سودا گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جۇڭگودىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. گېرمانىيە مالىيە ـ ئىقتىساد تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى «ئوخشاش بىر سەۋىيەدە تۇرغۇزىدۇ»، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا پاي چېكىنى بازارغا سېلىش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىشى يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، ئىچكى بازارنىڭ ياخشى رىقابىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قازاقىستان «ئاستانە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مائارىپ، داۋالاش ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «بىز زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق، يەنە ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز».
پېرۇ سان ماركوس دۆلەتلىك داشۆسى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارىيە ئوسترولو مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگو چوڭ بازىرىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ پۇرسەتكە ئايلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. پېرۇ جۇڭگو بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالماقتا

يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى توختاپ قالمىدى، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى