چەت ئەل تاراتقۇلىرى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات تەجرىبىسى ئافرىقا بەخت يارىتىدۇ
يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان 2024-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى دۇنيانى جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىگە گۇۋاھچى قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ماختىدى، يېڭى دەۋردىكى ھەر ۋاقىتلىق جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى يازما ئېلان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئافرىقىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى ۋەكىللىكىدىكى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشى دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دېدى.
تۈركىيە رەقەملىك تاراتقۇسى خالجى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي دۇنيا يېڭى تەرتىپىنىڭ ئورنىتىلىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقئارا تەسىر كۈچ جەھەتتە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدى؛ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەھەتتە، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستلۇقىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئاستىدىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو ـ ئافرىقا خەلقى يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ، دۇنياغا «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى «يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى» دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى كېڭەيتتى ھەمدە دۇنياغا پەقەت غەربنىڭ بىرلا خىل زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ماڭسا بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى مول تەجرىبىلىرىنىڭ ئافرىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيە «بۈگۈنكى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۇل ئەسلىھە، خەۋپسىزلىك، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بىر يۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي تەرەققىيات لايىھەسى بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولىدا غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىنىڭ «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئافرىقا بىلەن پائال قول تۇتۇشۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلەپ، گۈللىنىش ۋە زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق قەدەم تاشلاش قەدىمىنى تېزلەتتى.
تۇنىس تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئافرىقا دۆلەتلىرى 2024-يىللىق جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كېڭەيتتى. خەۋەردە تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئافرىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە ئافرىقىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق. ئېنىقكى، دۇنيا تەرتىپىگە قايتىدىن تەبىر بېرىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» نىڭ رەھبىرى بولۇپ قالىدۇ.
كېنىيە «مىللەتلەر گېزىتى»دە يازما ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگو - ئافرىقا دىپلوماتىيە كاتتا مەرىكىسى، ئافرىقا دۆلەتلىرى كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان دۇنيا دەرىجىلىك ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر مەيدان بولۇشى مۇمكىن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئىككى «قەدىناس دوست» نىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش سەپىرى، شۇنداقلا مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئىنتىلىشى بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىك كۈچىنى كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى تاماملاپ، ئافرىقىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، ئافرىقىنىڭ ئۆزىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا ئىلھام بەردى.
مىسىردا چىقىدىغان «ئەلېھرام گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافرىقا ئەللىرىگە نىسبەتەن تەڭداشسىز مۇھىم. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا رەھبەرلىرىنى تەڭداشسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، چۈنكى جۇڭگونىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلىشى توغرىسىدا بەرگەن قەتئىي ۋەدىسى باشقا ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بەرگەن ھەرقانداق ۋەدىگە قارىغاندا تېخىمۇ ۋەزىنلىك. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل، سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت