جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلايلى
ئارۇشا تانزانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ پاكىز ئىچىملىك سۈيى ئۇزاقتىن بۇيان كەمچىل بولۇپ كەلگەن، نۇرغۇن كىشىلەر پىيادە نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى دەريا ياكى قۇدۇقلارغا بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ سۇ ئالىدۇ، ئېلىپ كەلگەن سۇنى تىندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئارۇشانىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش يېڭى سىستېمىسىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 400 مىڭ ئادەمنىڭ سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ئارۇشادىكى ئاھالىلەر جۈمەكنى ئاچسىلا پاكىز سۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. جۈمەكتىن ئېقىۋاتقىنى سۈزۈك سۇ بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو-تانزانىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقى.
جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەردە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتە چىڭ تۇردى. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىدە «يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»، «يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»، «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھالقىش تاماملاندى. 2024-يىللىق جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئورنىنى يېڭى دەۋردىكى ھەر ۋاقىتلىق جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو ئۇدا 15 يىل ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا باشتىن-ئاخىر چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت-مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ كەلدى، ئاساسىي لىنىيەنىڭ ئاساسى باشتىن-ئاخىر سەمىمىي، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
جۇڭگو بىلەن تانزانىيە ھەمكارلىقى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى، تانزانىيە ئىزچىل جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى ۋە نەپ ئالغۇچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو ئۇدا سەككىز يىل تانزانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. تانزانىيەنىڭ يەر بايلىقى مول، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى كۆپ، ئىلگىرى جۇڭگو تانرۇۋوما قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئاياللارنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دادۇر تېرىشىغا تۈرتكە بولغان. 2023-يىلى تانزانىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان دادۇر ئومۇمىي مىقدارى 69 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %285 ئاشتى. جۇڭگو تانزانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبەسى ۋە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ. جۇڭگو تانزانىيە كېباخا سانائەت باغچىسى، شەرقىي ئافرىقا سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىپ، شۇ جاينىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنى نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ماگۇفۇلى چوڭ كۆۋرۈكى پۈتكەندىن كېيىن، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا بېرىپ-كېلىش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن بەش مىنۇتقا قىسقىرايدۇ. نىرېل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى تىرىلمە ئېنېرگىيە ئارقىلىق تانزانىيەنىڭ توك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى... بۇلار جۇڭگو-تانزانىيەنىڭ جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش رامكىسىدا قانات يايدۇرغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. 2024-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى. جۇڭگو تانزانىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-تانزانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تانزانىيە مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل