ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نورۋېگىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ يېشىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-28 15:48

نورۋېگىيە جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يېقىندا نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-نورۋېگىيە ئەمەلدارلىرى، سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق قانداق قىلىپ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى. نورۋېگىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئەربابلار: جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن بولغان يېشىل ئىقتىساد، دېڭىز ئوكيان تىرانسپورتى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىققا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، دېدى.
نورۋېگىيە لىنو سۇ تىرانسپورت شىركىتىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى سېبيورن دال پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ 32 يىللىق سۇ تىرانسپورت كەسپى خىزمەت تەجرىبىسىدىن ھەمبەھرىلەندۈردى ھەمدە جۇڭگولۇق كەسىپداشلىرى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەسلەپ: جۇڭگولۇق خىزمەتداشلىرىم بىلەن ھەمكارلىقىم قويۇق، جۇڭگودا كۆپلىگەن ياخشى دوستلىرىم بار، دېدى.
لىنو سۇ تىرانسپورت شىركىتى خەلقئارالىق داڭلىق تىز قاچىلاش پاراخوتى تىرانسپورت مۇلازىمەت شىركىتى. 2020-يىلى بۇ شىركەت جۇڭگودىكى كېمىسازلىق كارخانىسى بولغان سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى (جياڭسۇ) ئېغىر سانائەت ھەسسىدارلىق شىركىتىگە زاكاز بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان تىز قاچىلاش پاراخوتىدىن بىر نەچچىنى زاكاز قىلغان. ھازىر بۇ تىز قاچىلاش پاراخوتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. سېبيورن دال مۇنداق دېدى: ئىشەنچلىك جۇڭگو ھەمكارلىق ھەمراھىمىز بولمىغان بولسا، بۇ تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايتۇق. بۇ تىز قاچىلاش پاراخوتلىرى ئوخشاش تىپتىكى ئەنئەنىۋى پاراخوتلارغا قارىغاندا كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %60 ئازايتىدۇ، ھازىر بۇ پاراخوتلار ئوخشاش تىپتىكى پاراخوتلار ئىچىدە كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى ئەڭ ئاز پاراخوتلارنىڭ بىرى.
نورۋېگىيە دېڭىز ئىشلىرى تېخنىكىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى شىركىتى كاڭسبېرگ دېڭىز ئىشلىرى شىركىتىنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ۋە مۇستەقىل تېخنىكا سېتىش باش نازارەتچىسى لارس موئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يېڭى تىپتىكى پاراخوتنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىمىز. جۇڭگودىكى ھەمراھلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىق شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شىركەت جۇڭگو كېمىسازلىق كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت بىلەن تېخىمۇ دوست ئۆتىدىغان كېمىلەرنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ.
سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ساھەسىدە، جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلاشتى. ئېد شىركىتىنىڭ مالىيە ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسئۇلى كىرىستوف مالېر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز نورۋېگىيەدىكى داڭلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالمون بېلىقى مەھسۇلاتى ھەر يىلى تەخمىنەن 100 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور بىر قىسمى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلىدۇ. شىركىتىمىز نورۋېگىيەنىڭ خادانئېل دېڭىز قولتۇقىدا « سالمون بېلىقى كۆزى» نامى بىلەن ئاتالغان ئىمارەتنى سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلەر مەركىزى ۋە ئاشخانا بار، بۇنىڭدا ئاممىنىڭ نورۋېگىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى زىيارەت قىلىشقا جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىندى.
نورۋېگىيە جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى، نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سىۋېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ پۇرسىتى، شۇنداقلا نورۋېگىيەنىڭ پۇرسىتى. نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات، دېڭىز ئوكيان ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگونىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇ يۆ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئالدىنقى ئايدا، نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى سترونىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۆزلىشىشى ئورنىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.بۇ مۇھىم نەتىجە جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشتى. 

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نورۋېگىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى زاتلار جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ يېشىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى

نورۋېگىيە جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يېقىندا نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-نورۋېگىيە ئەمەلدارلىرى، سودا ساھەسىدىكى زاتلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق قانداق قىلىپ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى.