كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسى جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك كېڭىيىشنى ئىشقا ئاشۇرغان كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسى تۇنجى قېتىملىق چوڭ جەم بولۇشنى كۈتۈۋالدى. نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» دىكى بىرىنچى چاسا سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، «چوڭ كېسەك ئالتۇن» دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيدى
«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، ياپونىيە «يومىئۇرى خەۋەرلىرى» قاتارلىق نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 10-ئاينىڭ22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىگە دىققەت قىلدى. 2024-يىلى «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش.
جەنۇبىي ئافرىقا «مۇستەقىللىق گېزىتى» تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا كۆپ تەرەپچىلىكنى كۈچەيتىش، ئادىل بولغان دۇنيا تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلىنىش مۇمكىن.
زىمبابۋې «پېشۋالار گېزىتى»دە سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر زىيارەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 16 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى ۋە جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ياۋروپا «ھازىرقى زامان دىپلوماتىيەسى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:«كېسەك ئالتۇن+» دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىزچىل مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كەلگۈسىدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقا «مۇستەقىللىق گېزىتى» تور بېكىتىدە رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورتاق گۈللىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇمۇ نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جەلپ قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
كۇبادىكى ئاساسلىق تاراتقۇ كۇبا مۇنازىرە تورىدا: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، دېيىلدى. ئىسپانىيە مۇخبىرى ئىگناسىئو راموننېت بۇ تاراتقۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قىسمەن ھەمكارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىجابىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىش سەھنىسى ھازىرلاپ، ياخشى پۇرسەت يارىتىدۇ.
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىشىدىكى مۇھىم سۇپا ۋە ئاساسلىق تۇتقا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر تەبىئىي ھېسسىيات رىشتىسى ۋە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى كېسەك ئالتۇن چوڭ ئائىلىسى «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە تەلىپىگە تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
ماقالىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «چوڭ كېسەك ئالتۇن» يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىرىنچى چاسا سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بولۇپمۇ «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»غا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.
تۈركىيە «سابا گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى قاتارلىقلار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىر قاتار خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا تەرتىپىنى تېخىمۇ پائال تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
ياۋروپا «ھازىرقى زامان دىپلوماتىيەسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مۇقىم كۈچكە ئايلاندى، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغاندا، باشتىن-ئاخىر باراۋەر ھەمكارلىشىش ۋە تىنچ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايونلار ئارا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، جۇڭگوچە ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەھلىل قىلىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«سابا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە مۇنداق دېيىلدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى نۇرغۇن گۈللەنمە بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» جۇڭگو، رۇسىيە قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە، تېخنىكا ۋە دىپلوماتىيە مەدىتىگە ئېرىشتى.
زىمبابۋې «پېشۋالار گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىق مېخانىزمى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا سەھنىسىدە كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ماقالىدە مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بولۇپمۇ جۇڭگو سانائەت تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئالاقىدار ساھەلەردە مۇھىم قائىدىلەرنى تۈزدى، بۇ ئافرىقا ئەللىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان «پوچتا مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» نىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، دۇنيا ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل