جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش، كەشپىيات نەتىجىلىرى گېرمانىيە نيۇرنبېرگ خەلقئارا كەشپىيات كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى
10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە نيۇرنبېرگ خەلقئارا كەشپىيات كۆرگەزمىسى تەخمىنەن 30 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى 500 دىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىش، كەشپىيات نەتىجىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كۆرگەزمە ئۆمىكى 96 تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى كۆرگەزمە قىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى، مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىلىق دىققەت قىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى.
چىڭخۇا داشۆسى كۆرگەزمە رايونىدا، بىر قاتار كىچىك قاچا-قۇچا ئىچىدىكى شەكلى ھەر خىل جىسىملار كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇرغۇن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلدى. چىڭخۇا داشۆسى ئالەم قاتنىشى ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىنىڭ دوكتورى جاڭ سۇڭيەن موچىن بىلەن بىر پارچە يۇمشاق كېپىنەكسىمان يېلىملىق بىرىكمە ماتېرىيالىنى ئاستا قىسىپ ئەسۋاب ئىچىگە سالدى، بۇ يۇمشاق بولۇپ، خۇددى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان «كېپىنەك»گە ئوخشاش، بىردەمدىلا مۇقىملىشىپ ئالاھىدە شەكىلگە كىردى.
جاڭ سۇڭيەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ «كېپىنەك» بىر خىل تالالىق كۈچەيتىلگەن، D3لىق بېسىشقا بولىدىغان يېلىملىق بىرىكمە ماتېرىيالىدىن ياسالغان. جاڭ سۇڭيەن مۇنداق دېدى: بىز ئۇنىڭ ئىچىگە بىر قىسىم ئاروماتىك تالالارنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ مېخانىكىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، ئۇنىڭ مودىلى، كۈچلۈكلۈكى ۋە ئەۋرىشىملىكى ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارغا بىر قەدەر يېقىنلاشتى، بۇ خىل D3لىق بېسىپ چىقارغىلى بولىدىغان ھەمدە شەكلىنى ئەستە ساقلاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ماتېرىيالنىڭ بىيولوگىيەلىك ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، كەلگۈسىدە بىز ئۇنى قان تومۇر تىرىكىگە ئىشلىتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالايمىز.
بېيجىڭ شەھەرلىك نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنى ئېلىپ كەلگەن CAR-T ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش تۈرىمۇ ئوخشاشلا مېدىتسىنا ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان يېڭى تېخنىكا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ تەتقىقات ئورنىدىكى پىروفېسسور جاڭ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، بىز CAR-T ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىدىغان ئىجادىي تەرتىپنى تەتقىق قىلىپ، مېڭە يېلىم ماددا ئۆسمىسى ھۈجەيرىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاھىدە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتتۇق. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان كىلىنىكىلىق تەجرىبىدە، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكىنى نامايەن قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، جۇڭگو كۆرگەزمە ئۆمىكىدە 24 ئالىي مەكتەپ، 17 كارخانا ۋە توققۇز پەن تەتقىقات ئورنى بار بولۇپ، كەشپىيات تۈرلىرى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، بىناكارلىق، سۇچىلىق، كومپيۇتېر، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى كوللېكتىپى بىر خىل ئەقلىي «مۇسكۇلسىمان» كۈچ مومېنتىنى كونترول قىلىدىغان پىرقىرىغۇچ مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ مەھسۇلات ئاۋىياتسىيە دېڭىز قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىنىلىپ، ئادەمسىز سىستېمىنىڭ مۇرەككەپ مۇھىتتىكى ياشاش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى.
بېيجىڭ گىرافىت ئالكېن تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى يېڭى بىر ئەۋلاد AIHF ئەيفۇ گىرافىت ئالكېن ئىسسىقلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئېلىپ كەلدى، بۇ تېخنىكا بىلەن گىرافىت ئالكېن ماتېرىيالىنىڭ قىزىشىدىن ھاسىل بولغان يىراق ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر بىلەن ئوخشاش چاستوتىلىق رېزونانس پەيدا قىلىپ، ئىسسىقلىق ئۈنۈمى ھاسىل قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىپ، مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
جۇڭگو كەشپىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خې جېنفۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو كۆرگەزمە ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن كەشپىيات تۈرلىرى جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ئەمەلىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، يەنە يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى مول ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە سودا قىممىتى بىلەن تەمىنلىدى. خې جېنفۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ كەشپىيات ساھەسىدىكىلەر دۇنياغا يۈزلەندى. بىز جۇڭگونىڭ كەشپىيات، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە نامايان بولۇشىنى ھەمدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد