ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پېرۇنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 15:14

پېرۇ زۇڭتۇڭى بولۇئارتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى لىمادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. پېرۇدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، دەپ ھېسابلىدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بولۇئارتې بىلەن لىمادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ۋىدىيو ئارقىلىق چەنكاي پورتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. پېرۇدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ «پېرۇلۇقلار گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پېرۇنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا دەرۋازىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزگىچە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كاتالىزاتورىغا ئايلىنىپ، پېرۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاسىيا بازىرىدىكى تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

زۇڭتۇڭ بولۇئارتې مۇنداق دېدى: چيەنكاي پورتىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشى پېرۇنىڭ دېڭىز ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

پېرۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل سانائەت تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خېسۇس سالاسار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو پېرۇنىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشتا بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، پېرۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ئايلانما ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىقلارنى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا كىرگۈزۈشى پېرۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پېرۇنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئاسراشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پېرۇ ئاندېس ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى فىلىكىس باس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تەڭ پايدا ئېلىشنى تەكىتلەپ كەلدى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىغا زور ئۈمىد باغلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردە يەنىمۇ ھەمكارلىشىشى پېرۇنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە سىجىل تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پېرۇنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە سۇغىرىش ئىشلىرى مىنىستىرى ئانگېل مانۇئېل مانېرو مۇنداق دېدى: پېرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ زور نەتىجىسى. پېرو جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلغاندىن باشقا، كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە تېخنىكىسىنىڭ پېرۇنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھايۋانات يەم-خەشىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پېرۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پېرۇغا «غايەت زور يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئىسلاھاتى» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

پېرۇنىڭ تاشقى سودا ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئۇرسۇلا دېسىلۇ لېئون چىنپېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پېرۇ-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى دۆلەت تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى يېڭى دەۋرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى، پېرۇ بۇنىڭدىن تەسىرلەندى.

بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو پېرۇ بىلەن جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى رامكىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

پېرۇ دۆلەتلىك سان ماركوس داشۆسى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارىيە ئوستىلو مۇنداق دېدى: جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى لاتىن ئامېرىكىسى رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە، پەن-تېخنىكا ھەمدە ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق دۇنيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پېرۇنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېرۇدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە يۈكسەك باھا بەردى

پېرۇ زۇڭتۇڭى بولۇئارتېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا پېرۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.