ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلدى، قاتناش ۋە تۇرمۇش ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە قارا يامغۇر ۋە قاتتىق قار يېغىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرىشىشىگە تەسىر يەتكۈزدى.
رۇمىنىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرى قار-شىۋىرغاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، رومىنىيە دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى نۇرغۇن جايلارغا قىزىل ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك شىۋىرغان ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇمىنىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىكى تۆمۈر يول ۋە ئايرودۇرۇم قاتنىشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپ، قىسمەن پويىز ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىۋىرغاننىڭ تەسىرىدە رومىنىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يوللارنى مۇز تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، قىسمەن تاشيوللار پۈتۈنلەي تاقالدى. ھازىر ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، بىراق ھاۋا ناچار بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. رۇمىنىيە مۇھىت مىنىستىرلىقى جىددىي يىغىن ئېچىپ، جايلارنىڭ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ خەلق ئاممىسىغا سەپەرگە چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتتى.
«بورت» نامىلىق قارا بوران ئەنگلىيە ۋە ئېرلاندىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى
«بورت» نامىلىق قارا بوراننىڭ تەسىرىدە، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىلىيە ئېنگلاندنىڭ شىمالى ۋە شوتلاندىيەدە قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن رايونلاردىكى يوللارنى قار قاپلىدى. قارنىڭ تەسىرىدە ئېنگلاندنىڭ شەرقىي شىمالىدا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ كېچىكىشى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن ئايرودرومدا تۇرۇپ قالدى. ئەنگلىيە ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى، «بورت» ناملىق قارا بوراننىڭ تەسىرىدە ئەنگلىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن ۋە كۈچلۈك بوران چىقىدىغان. ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قارا بوران «كۆپ خىل ئاپەت ۋەقەسى»گە تەۋە ئىكەن.
بۇ قېتىمقى قارا بوراننىڭ تەسىرىدە ئېرلاندىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قىزىل رەڭلىك قارا يامغۇردىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى. ئېرلاندىيە ئېلېكتىر تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قارا بوران سەۋەبلىك ئېرلاندىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 60 مىڭ ئائىلىدە توك توختاپ قالغان.
ئىستانبۇلنىڭ ئاۋىئاتسىيە ۋە دېڭىز ترانسپورتى ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى
قارا بوران ۋە قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى ئىككى ئايرودۇرۇمدا قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكتۈرۈلدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۈركىيە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئايرودرومغا توشۇش كۈچى چەكلىمىسى قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا بوسپورۇس بوغۇزىدىكى بىر يۈك پاراخوتى ئوكيان ئېقىمى سەۋەبلىك سۇ يولىدىن ئېغىپ كەتتى، پاراخوت شىركىتى دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بىر قىسىم پاراخوتلارنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گوللاندىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يوللاردا مۇز تۇتۇش توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى
گوللاندىيە ھاۋارايى تەتقىقاتخانىسى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى يول يۈزىنىڭ مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يامغۇر ۋە مۇز تۇتۇش سەۋەبلىك گوللاندىيەنىڭ كۆپ قىسىم يوللىرى تېيىلغاق بولۇپ كەتتى، گوللاندىيە قاتناش تارماقلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاستا يول يۈرۈشى ھەمدە ئاپتوموبىلغا ئەگىشىش بىخەتەر ئارىلىقىنى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. شۇ جايدىكى ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دېڭىز بويىدىكى قىسمەن رايونلاردا يەنە 4 بالدىن 7 بالغىچە بوران چىقىدىكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت