خىرىس بىلەن ئۈمىد تەڭ مەۋجۇت، باكۇ كىلىمات يىغىنىدا كىلىمات كۆپ تەرەپچىللىكى توغرىسىدا ئاكتىپ سىگنال تارقىتىلدى
11-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى 30 نەچچە سائەت ئۇزارتىلغاندىن كېيىن يېپىلدى. يىغىندا يېڭى كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كوللېكتىپ مىقدارلاشتۇرۇش نىشانى پارىژ كېلىشىمى» نىڭ 6-ماددىسى خەلقئارا كاربون بازىرى مېخانىزمى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قارالمىلاردا «باكۇ كىلىمات ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى» ناملىق بىر قاتار تەڭپۇڭ نەتىجىلەر ھاسىل قىلىندى.
تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجە دۇنيانىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش چوڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەھدىنامە مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە كىلىمات كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغانلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ كىلىمات كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى.
«ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 30 يىللىق كىلىمات ئەھدىنامىسى بويىچە تۈزەش مۇساپىسى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، گەرچە ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، كىلىمات كرىزىسى ئالدىدا، بىز پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.
يەر شارىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشى مۇستەھكەملەندى، كىلىمات كۆپ تەرەپچىللىكى يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى
ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىنىڭ نەتىجىسى «ئېنىقسىزلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە تولغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش»تە قولغا كەلدى. ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى «پارىژ كېلىشىمى»نى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپچىللىك ئارقىلىق ئەڭ قىيىن مەسىلىدە ھەل قىلىش يولىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 200 گە يېقىن تۈزگۈچى تەرەپ باكۇ كىلىمات يىغىنىدا نۇرغۇن ھالقىلىق قارالمىلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بولۇپمۇ يىغىندا 2025-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات مەبلىغى نىشانى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار ھاسىل قىلىنىپ، 2035-يىلىغىچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھەر يىلى ئاز دېگەندە 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاش نىشانى تەسىس قىلىندى، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ھەرىكىتىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مەبلەغدىن باشقا، يىغىندا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانى، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيان سۆھبەتلىشىپ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە كاربون بازىرى جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولدى. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا، ئەھدىنامە تۈزگۈچى ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ يىللىق كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتتىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاخىرى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى خەلقئارا كاربون بازىرى مېخانىزمى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىندا يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئاستىلىتىش خىزمەت پىلانى، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش نىشانى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«ئەھدىنامە» كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى سىمون ستىل مۇنداق دېدى: ھازىر تېخى غەلبىنى تەبرىكلەيدىغان ۋاقىت ئەمەس، بىز كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىش يولىدا ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولسىمۇ، بىز «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردۇق، لېكىن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يەنىلا قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك.
كىلىمات ئادىللىقى قىزىق نۇقتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئالدىنقى شەرت بولدى
كىلىمات كرىزىسى ئالدىدا، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ، ئۆزگىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى يىغىن مەزگىلىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2024-يىلى ھاۋارايى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولۇشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇردى. دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى.
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، بۇ مەسىلىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئەخلاق مەسئۇلىيىتى بار. 2009-يىلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھەر يىلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشىغا ھەمدە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ ۋەدىنىڭ مۇددىتى 2025-يىلى توشىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەل دۇنيانىڭ 2025-يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات مەبلىغى نىشانى، يەنى يېڭى كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كوللېكتىپ مىقدارلاشتۇرۇش نىشانىغا قارىتا مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش.
جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ليۇ جېنمىن باكۇ كىلىمات يىغىنى مەزگىلىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىلىمات مەبلىغى سۆھبىتىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ 9- ماددىسىدىكى تەلەپ بويىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ ياردىمى بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى ھەمدە ۋەدىسىدىكى مۇناسىپ سوممىغا يېتىشىدە.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا، 2025- يىلىدىن كېيىنكى كىلىمات مەبلىغى نىشانى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئالاھىدە ھاسىل قىلىندى. ئەمما، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بۇ مەبلەغ نىشانىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گۇتېرىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئەسلىدە بىز دۇچ كەلگەن غايەت زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە بۇلغىما ئازايتىش جەھەتتە تېخىمۇ يۈكسەك ئىرادە بىلەن نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىسى «بەرپا قىلغىلى بولىدىغان ئاساس بىلەن تەمىنلىدى». ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالدىنقى شەرت كېلىشىم چوقۇم ئومۇميۈزلۈك، ۋاقتىدا ئىجرا قىلىنىشى، ۋەدە چوقۇم تېز سۈرئەتتە مەبلەغكە ئايلىنىشى كېرەك.
جاۋ يىڭمىن يېپىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىغىندا ھاسىل قىلىنغان يېڭى كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كوللېكتىپ مىقدارلاشتۇرۇش نىشانى نەتىجە ھۆججىتىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ ۋەدىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ مەجبۇرىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە ئېنىقلىق ئاتا قىلدى
كامبودژا مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جۇبارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسىدە پائال رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ كىلىماتنى تۈزەش ساھەسىدىكى ئاكتىپ تۆھپىسىدىن مەنپەئەتلەندى.
مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئېنىقسىز كەلگۈسى خىرىس ئالدىدا، دەل جۇڭگو يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە ئېنىقلىق ئاتا قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەل قىلىش لايىھەسى تورىنىڭ مەسئۇلى جېفرىي ساكىس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا.
بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو يىغىننىڭ ھەر قايسى قارالمىلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت ۋە كېڭىشىشكە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، يىغىننىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئىجابىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىن مەزگىلىدە، «بالدۇر سىگنال بېرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو ھەرىكەت لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بالدۇر سىگنال بېرىش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ كىلىمات ئەۋرىشىملىكىگە ئىگە كەلگۈسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
جاۋ يىڭمىن يېپىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2025-يىلى ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ھەر قايسى تەرەپلەر يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، بولۇپمۇ «پارىژ كېلىشىمى» ئاساسىدا ھەرىكەتتە چېكىنمەسلىكى كېرەك. يەر شارى كىلىمات كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچ «ئورتاق لېكىن پەرقلىق مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپىدا، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت