ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لازو: «كۇبا بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى»، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-29 12:10

ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لازو يېقىندا بېيجىڭدا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ جۇڭگونى تۆتىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىم، شۇنداقلا كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگونى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشىم. ھەر قېتىم بۇ قېرىنداشلارچە دۆلەتتە زىيارەتتە بولغىنىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەن ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇقنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى كۆردۇم. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، لازو جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ: «بۇ ماڭا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو تارىخىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا تەڭداشسىز رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى»، دېدى. لازو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا پۈتۈن جەمىيەتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

لازو بېيجىڭ چيەنمېن ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، مەھەللە مەسئۇللىرى ۋە ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىدىن مەھەللىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدى؛ ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلغاندا، كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ يەرلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قېرىنداشلارچە جۇڭگو خەلقىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن، جۇڭگونىڭ مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلىرىدىن چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم». لازو مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگودا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم مېنى كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئۇل ئەسلىھە، بىئو تېخنىكا، خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى ھەمدە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى. لازو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا بىلەن جۇڭگو ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا ئوخشاش خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە قېرىنداشلارچە قوللىشى كۇبا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لازو مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كۇبا ئېھتىياجلىق بولغاندا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى. بىز جۇڭگونىڭ كۇبانىڭ جازالاشقا، قامال قىلىشقا ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى ھەققانىي كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللىغانلىقىغا، شۇنداقلا كۇباغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز».

جۇڭگو-كۇبا ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى.

ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن كۇبا كومپارتىيەسى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ يىل 10-ئايدا، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ 6-نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا ئۆتكۈزۈلدى، لازو مۇھاكىمە يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ سۇپىنى قەدىرلەيمىز، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئېرىشكەن ئىلھامىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا توپلىغان تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ».

لازو مۇنداق دېدى: «جۇڭگو قانۇن چىقىرىش ساھەسىدە كۈچلۈك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى». كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى باشتىن-ئاخىر راۋان ئالاقىنى ساقلاپ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتى.

لازونىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن كۇبا جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كۇبا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە پايدىلىق. لازو مۇنداق دېدى: كۇبا جۇڭگو بىلەن قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

جۇڭگو بىلەن كۇبا ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. لازو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا غەربى يېرىم شاردىكى يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى دۆلەت بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، كۇبا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كۇبا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لازو مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، بىز يېڭى بىر تارىخىي دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. كۇبا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى كۇبا-جۇڭگو ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۇبا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، كۇبا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ».

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لازو: «كۇبا بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرايلى»، دېدى

ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كۇبا مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لازو يېقىندا بېيجىڭدا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى