ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ «%5 ئەتراپىدا»نىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-11 12:23

قەدىرلىك دوستلار، دۇنياغا داڭلىق پاكىزلىق ئۈسكۈنىلىرى تەمىنات كارخانىسى بولغان گېرمانىيە كارخېر شىركىتىنىڭ بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى لىدىرى تاڭ شياۋدۇڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىر بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئورتاقلىشىپ، «جۇڭگو ئىقتىسادىنى بۇ يىل %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانى ناھايىتى ئەمەلىي بېكىتىلدى. جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق، بىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل» دېدى.
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان--مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان 2025-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. دىققەتنى ئەڭ تارتقىنى، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا بېكىتىشى بولدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ نىشان بازار كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن ئىككى يىل بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى دېدى.
بۇ «%5 ئەتراپى»دا ئاشۇرۇشقا قانداق قاراش كېرەك؟ بۇنىڭدا ھەم سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۆزىگە، ھەم  مەزمۇن سالمىقىغا قاراش كېرەك.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2024-يىلى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. نۆۋەتتە، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، جۇڭگو يەنىلا %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي لياڭ بۇ، جۇڭگونىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە گۇۋاھ بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي كۈچ قوشتى دەپ قارىدى.
بۇ «%5 ئەتراپىدا»نىڭ قىممىتى يەنە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىللىق ئون چوڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئىچىدە، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش-ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى.
بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى كۈتۈۋالدى، يىلان يىلىدىكى ئىقتىساد ياخشى باشلاندى. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ھەم دىققەتنى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ھەم سۈپەتلىك تەمىناتنى كۈچەپ ئاشۇرۇش، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا، دۇنيادىكى نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان 2025-يىللىق ئىقتىسادقا نەزەر دوكلاتىدا، جۇڭگونىڭ ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار دەپ ھېسابلاندى. جۇڭگو گېرمانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونى ئىجرائىيە مۇدىرى ئوۋياڭ لىۋېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بازىرى ئاز ساندىكى يەنىلا ئېشىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيە شىركەتلىرىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ %92 ئەزا كارخانىسى جۇڭگودا داۋاملىق تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يېرىمدىن ئارتۇق ئەزا كارخانا ئىككى يىل ئىچىدە جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.
«5% ئەتراپىدا»نىڭ قىممىتى يەنە «ئەقلىي ئىقتىدار» دېگەن سۆزدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى بۇلتۇر 10-ئايدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تۈركۈم «ماياك زاۋۇتى» تىزىملىكىگە 22 ياسىمىچىلىق كارخانىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو  زاۋۇتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 كە يېقىنلاشتى. يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى  DeepSeekناھايىتى قىزىپ كەتتى، بۇ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىجادچانلىقى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كارخانىسى يۈشۇ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ماشىنا ئادىمى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ياڭگېر ئۇسسۇلى ئوينىدى، 2025-يىللىق ئامېرىكا ئىستېمال ئېلېكتىرون كۆرگەزمىسىدىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر مەزمۇنلار كۆپ، بۇ، چوڭ مودېلنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا مەدەت بېرىش، ئەقلىي تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر، ئەقلىي ماشىنا ئادەم قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى دەپ قارىدى. يەنە نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى يەر شارىنىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قايتا بەرپا قىلىدۇ شۇنداقلا دۇنيانى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىدۇ دەپ قارىدى.
جۇڭگو ئوچۇق كەڭ قورساقلىقتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن دۇنياغا قۇۋۋەت قوشقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ، دۇنياۋىيلىشىش تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى پەيتتە ئىنتايىن قىممەتلىك. ئىنتېرنېت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن تېلېگراف، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى ئېچىۋېتىش سىنىقىنى كېڭەيتىشكىچە؛ «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن يەر شارىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى سىجىل كېڭەيتىشكىچە، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە دائىر نۇرغۇن تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسى يەنىمۇ نامايان قىلىندى.
جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2025-يىلى يەنە بىر ھالقىلىق يىل: يەنى «14-بەش يىل»لىق پىلان ئاخىرلىشىدۇ، «15-بەش يىل»لىق پىلان پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر، تۈرلۈك تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. لېكىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان قىيىن ئۆتكەل يوق، تۈرلۈك شارائىتلارغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىسى كامىل، بۇ «%5 ئەتراپىدا» ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانى دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ «%5 ئەتراپىدا»نىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى

چەتئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە نىشانىنى %5 ئەتراپىدا بېكىتىشى بازار كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن ئىككى يىل بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى دېدى.