ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىمالىي ياۋروپا خەلقىنىڭ «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش»ئى ئامېرىكا ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يېرىقنى گەۋدىلەندۈرۈۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-13 17:12

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى پارلامېنت كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكا گرېنلاند ئارىلىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ، دېدى. بۇ سۆز تارقىلىشى بىلەن، ئاممىۋى پىكىرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. نەچچە سائەتتىن كېيىن، مۇخبىر كومپيۇتېردىن قۇرۇلغىنىغا ئاران بىر ئاي بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى «فېيىسبوك» دانىيە تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش»نى باشلىغانلىقى، ئەزالىرى سانىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بايقىدى.
شۋېتسىيەدە، ئوخشاشلا ئامېرىكا تاۋارلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان «فېيىسبوك» شۋېتسىيە تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ 40 مىڭغا يەتتى. بۇ گۇرۇپپا بۇرۇنلا بار ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى تېز كۆپەيدى، دەل ئامېرىكا رەھبىرى بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي ئاق سارايدا كەسكىن تالاش-تارتىش قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى. فىنلاندىيەدە «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىمۇ توردا تەرەققىي قىلدى. 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، فىنلاندىيە يەرلىك مۇنبىرى «بالىلار» دا، بەزىلەر فىنلاندىيە خەلقىنى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى، ھازىرغىچە 400 دىن ئارتۇق ئىنكاسقا ئېرىشىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى فىنلاندىيەدىكى داڭلىق گېزىت «يېزا كەلگۈسى» دە ئېلان قىلىنغان ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %50 فىنلاندىيەلىك ئامېرىكىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاۋارلىرىنى رەت قىلىش ئالما يانفونى، كوكاكولا، تېسلا ئاپتوموبىلى ۋە كۆچمە تاراتقۇ شىركىتى «نەيفېي» دىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا «ياق» دەيدىغان ئىستېمالچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. دانىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارغانسېرى كۆپلىگەن شىمالىي ياۋروپالىقلار ئامېرىكا تاۋارلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دانىيەنىڭ پارچە سېتىش ماگناتى سالىن گۇرۇھى قارىمىقىدىكى تاللا بازارلىرىدا ئامېرىكا تاۋارلىرىغا «ئالاھىدە بەلگە» قويۇشنى قارار قىلدى. شىمالىي ياۋروپا خەلقى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكا تاۋارلىرىنىڭ «ئورنىنى ئالىدىغان تاۋارلار»نى قانداق تېپىش تەجرىبىسى توغرىسىدا ئورتاقلاشتى. بەزىلەر ئۇدۇللا: «فېيىسبوك»قا يىغىلىش ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش» نى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
بۇ خىل «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش» دولقۇنى ئادەتتىكى خەلقنى قاپلاپلا قالماي، يەنە شىمالىي ياۋروپانىڭ كارخانا ساھەسىگىچە كېڭەيدى. ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى «خۇڭدى»نىڭ شۋېتسىيە رايونى مۇنبىرىدە، بىر تور ئەھلى: «مەن بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىنى باشقۇرىمەن، بىز ئامازون بۇلۇت ھېسابلاش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، فىرانسىيەنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىمىز. بىز ھازىرمۇ DeepSeek نى ChatGPT نىڭ ئورنىغا دەسسەتتۇق، چۈنكى جۇڭگو ئامېرىكىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچلىك، دەپ يازغان. بۇ يازما 3000 غا يېقىن ئالقىشقا، 1300 دىن ئارتۇق باھاغا ئېرىشتى.
نورۋېگىيەدە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى خارتېباك يېقىلغۇ شىركىتى يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جۈنار گران: بۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئۇكرائىناغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.
شىمالىي ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەت خەلقى ئامېرىكىغا «يېقىندىن ئەگىشىش» تىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى «قارشى تۇرۇش ئوبيېكتى» دەپ قارىدى، بۇ پوزىتسىيەنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشى، ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر ئىشەنچ كرىزىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، نورۋېگىيە، دانىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇر ھەربىي ھەمكارلىققا ئىگە ئىدى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شۋېتسىيە، فىنلاندىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولدى. 2025-يىلى ترامپ يەنە بىر قېتىم ئاق سارايغا كىرىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. ترامپ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ دانىيەنىڭ زېمىنى گرېنلاند ئارىلىنى قورال كۈچى ئارقىلىق «كونترول قىلىش»نى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلاپ، دانىيە ۋە ياۋروپا خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر قوللىنىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سالدى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى تەنقىد قىلدى ... ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكىنىڭ «تاماق تىزىملىكى» گە چىقتى. بۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلار ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. نورۋېگىيەدە چىقىدىغان «كەچلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ سانىدا: ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ئىتتىپاق ئىچكى قىسىمدىن پارچىلانماقتا، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن كەينى كەينىدىن «كىشىنى چۆچۈتىدىغان» «تۆھپە» قوشتى، دەپ كۆرسىتىلدى.
ئەگەر بىر قىسىم ياۋروپا رەھبەرلىرى يەنىلا ئىككىلىنىپ، ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ شاھماتتا قانداق قىلىپ كېيىنكى قەدەمنى ياخشى بېسىشنى بىلەلمەي قالدى دېيىلسە، ئامما ۋە كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسى مەلۇم دەرىجىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىدىن بېشارەت بەردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىمالىي ياۋروپا خەلقىنىڭ «ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش»ئى ئامېرىكا ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يېرىقنى گەۋدىلەندۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 3-ئاينىڭ 4-كۈنى پارلامېنت كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئامېرىكا گرېنلاند ئارىلىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ، دېدى. بۇ سۆز تارقىلىشى بىلەن،