ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپا «قايتىدىن قوراللىنىش» تا بىر نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-13 17:16

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا بىريۇسسېلدا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇكرائىنا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تايىنىۋېلىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇكرائىنا، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ مەۋجۇت، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىمۇ نۇقسان بار، مۇداپىئە ئىشلىرى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانىغا قوشۇلدى. ئاممىۋى پىكىر: بۇ ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىدا مۇستەقىل بولۇش يولىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش، دەپ قارىدى.
بۇ پىلاننى ۋوندېرلېيىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى: 800 مىليارد ياۋرو ئاجرىتىپ «بىخەتەر ھەم ئەۋرىشىم ياۋروپا» بەرپا قىلىش، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەبلىغىگە ئىشلىتىشىگە 150 مىليارد ياۋرو قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجنى بىرىكتۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، ھەربىي جابدۇقلارنى بىرلىكتە سېتىۋېلىپ، ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋوندېرلېيىن يەنە بۇ پىلان ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش ياكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، دېدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ياۋروپا، ئۇكرائىنا قاتارلىقلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشەپ، ياۋروپانى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپادىن ھەربىي خىراجەتنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۇندىن باشقا يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات پارتىيەلەرگە مەدەت بەردى، بۇ ئۇسۇللار ياۋروپانى ئامېرىكىغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىشىپ، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر قىلدى.
خىرىسقا دۇچ كەلدى
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىم ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن مۇداپىئە جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
خەۋپسىزلىك تونۇشى ۋە مەنپەئەت تەلىپى جەھەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى يەنىلا بىردەك ئەمەس. گەرچە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قىسمەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونى: مەن ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىشنىڭ ئىتالىيەنىڭ ئاممىۋى قەرز ئىشلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمىدىن ئەندىشە قىلىمەن، دېدى. ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: مەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەكلىپىگە قوشۇلىمەن، لېكىن بۇنىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلمەستىن، ئەزا دۆلەتلەرگە ھوقۇق بېرىلىشى كېرەك، دېدى.
ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. ۋېنگىرىيە قارشى تۇرغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. ئوربان بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوستاغا خەت يېزىپ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان «ئىستراتېگىيەلىك ئىختىلاپ» مەۋجۇت. ئۇكرائىناغا ياۋروپا ئارمىيەسى ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىك مەسىلىسىدە، باشلىقلار يىغىنى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى، دېگەن ئىدى. مېلونى ياۋروپا ئارمىيەسىنى ئەۋەتىش «ئۈنۈمى ئەڭ ناچار» تاللاش، دېدى.
«ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى يەنە بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. فۇدەن داشۆسى جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيەن جۈنبو مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلىلەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئەھۋالىنىڭ يار بېرىش-بەرمەسلىكى، مەبلەغنى قانداق تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن قانداق ماسلىشىش، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى جەھەتتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدا قانداق تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆز ئالدىغا قانداق ئىش كۆرىدۇ
ياۋروپادىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىزچىل ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىك ئۇلى بولۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇناسىۋەت بۇزۇلۇش خەتىرىگە قارىتا، ياۋروپا ئىستراتېگىيەلىك ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشكە تۇتىشىدىغان يولنى تېپىشى كېرەك. ھالبۇكى، «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇداپىئە ئىشلىرى چىقىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش، ھازىرقى خەۋپسىزلىك رامكىسى ۋە ھەربىي سانائەت سىستېمىسى ئاستىدا، بۇ پۇلنى ئامېرىكا ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يانچۇقىغا سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەمدە بۇ ياۋروپانى يەنە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىتىدۇ.
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ياۋرو كىرىزىسىغا ئوخشاش، بۇ پەقەت پۇل مەسىلىسىمۇ، ھەتتا بايلىقنى يۆتكەپ كەلگۈسى تۆت يىلدا مۇداپىئە ئىشلىرى چىقىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئەمەس. بۇ سىياسىي ئارزۇغا، شۇنداقلا ئامېرىكىغا تايىنىشتىن قۇتۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، دانىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى راسمۇسىن ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇلنى تانكا، زەمبىرەك ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا خەجلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ياۋروپا يەنە ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھەرىكەت قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئەسى، ماي قاچىلاش ۋە باشقا ھەربىي ھەرىكەتنى قامدايدىغان ئارقا سەپ ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا كۆپ مىقداردا مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمما ياۋروپا ھازىر بۇ جەھەتتە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئامېرىكىغا تايىنىدۇ.
ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مارىيا روسارىيا تادېئو مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق مەيدان قوللىنىشى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزىنى قوغداپلا قالماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئامېرىكىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش-تۈپ خاراكتېرلىك بىر قەدەم.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپا «قايتىدىن قوراللىنىش» تا بىر نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا بىريۇسسېلدا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، ئۇكرائىنا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە «ياۋروپانى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش» پىلانى