جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش دەل ۋاقتىدا بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 09:58
قەدىرلىك دوستلار، يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، ھازىر دەل يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرىدىغان ياخشى مەزگىل.
داڭلىق بىيو كارخانا—دانىيە نوۋونېسىس گۇرۇھىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ سۇڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا چىقىرىلغان سىياسەت ئۇچۇرلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى سىجىللىققا ۋە مۇقىملىققا ئىگە، بۇ خىل كۆزلىمە تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شۇنداقلا بىزنىڭ جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىمىزدىكى جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى، بۇ يىل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش تەكىتلەندى، بۇ، كەسىپ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىغا دىققەت قىلىش ۋاڭ سۇڭغا ئوخشاش جۇڭگودىكى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن زۆرۈر دەرسلىك. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چەتئەل سودىگەرلىرى جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كارخانا 1 مىليون 239 مىڭدىن ئېشىپ، ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلەغ 20 تىرىليون 600 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 2024-يىلى، جۇڭگودىكى كۆلەملەشكەن تاشقى مەبلەغ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا نىسبىتىدىن 1.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، تۆھپە قوشقۇچىلىرى، مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى بولۇش سۈپىتىدە، بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ھەمتۈرتكە بولغان.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، «يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى پائال مۇقىملاشتۇرۇش» 2025-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىدىكى ئون چوڭ ۋەزىپىنىڭ بىرى قىلىندى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىۋاتىدۇ، تاشقى مەبلەغنىڭ بازار پۇرسىتى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.
ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى قوشۇلما قىممەت تېلېگراف كەسپى تىجارىتىنى سىناق قىلىش تەستىقىغا ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى مەبلەغ ئىجازىتىنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى بىر تۈركۈم «مەنپەئەتلەنگۈچىلەر»نىڭ بىرىگە ئايلاندى. شياڭگاڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ سودا خېرىدارلار كەسپى جۇڭگو رايونى باش دىرېكتورى مەي جىخۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۇنياۋىيلىشىش رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت تېلېگراف كەسپىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، شىركەتنىڭ بۇ زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، تېخىمۇ سۈپەتلىك تېلېگراف مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىشەنچىسى بار.
ياپونىيە پاناسونىك گۇرۇھى جۇڭگوغا ئەڭ بالدۇر كىرگەن تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە تولۇق قاتناشقان. 40 نەچچە يىل چوڭقۇر ئىزدىنىش ئارقىلىق، چەتئەل مەبلىغىدىكى بۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ماگناتى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى نىشانلاپ كۈچ چىقاردى. پاناسونىك پاي كونترول شىركىتىنىڭ يەر شارى مۇئاۋىن لىدىرى تېتسۇرو خونما مۇنداق دېدى: ھازىرقى جۇڭگو ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنژېنېرلار چوڭ دۆلىتى، يېڭىلىق يارىتىش چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. پاناسونىك شىركىتى جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل ياكى ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەردە يېڭىلىق يارىتىش شىركەتلىرى بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو-ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، يېڭى ئېنېرگىيە، ئىلغار ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.
ئوخشاشلا جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر رىشتە باغلىغانلاردىن يەنە دۇنياغا داڭلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى بولغان ئەنگلىيە خالېئون شىركىتى بار. خالېئون شىركىتىنىڭ (جۇڭگو) رايونى مۇئاۋىن لىدىرى فۇ يۆ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا چىقىرىلغان ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق سىگناللار مۇھىم پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ. كارخانىمىز جۇڭگودا قانداق قىلىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتىش توغرىسىدا ئېنىق پىلان تۈزدى، يەنى بىز ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى جۇڭگودىكى 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرگە يۈزلەندۈرۈپ، شەھەرلەر ۋە چەت، يىراق رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگودىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن ئېكولوگىيە چەمبىرىكى ۋە ئېكولوگىيە زەنجىرىنى تەڭ بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.
تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى كېلىشىۋالغاندەكلا جۇڭگودا «چوڭقۇر يىلتىز تارتىش»نى تاللىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس: يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل-يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسى، سىجىل ئەلالاشقان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى، يېتەرلىك يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش، ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئىستېمال ئېھتىياجى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بار. دۇنياغا نەزەر سالساق، بۇنداق ئەۋزەللىكنى نۇسخىلاش تەس.
جۇڭگو گېرمانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئوۋياڭ لىۋېن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىغا ئەزا %90 تىن ئارتۇق كارخانا جۇڭگودا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، يېرىمدىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىشىدىن ئۈمىد بار دېدى. جۇڭگو ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمال ساھەسىدىكى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %70 كە يېقىن كارخانا بۇ يىل جۇڭگوغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىشنى مۆلچەرلىگەن. بۇ، يەر شارى كارخانا ساھەسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بەرگەن «ئىشەنچ بېلىتى.»
جۇڭگونى «ئائىلىسى» دەپ بىلىش، يېڭىلىق يارىتىش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىش نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىغا ئايلاندى. جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۈمىد ئېتىزىدا، سىياسەتنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت توپلانماقتا. «جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش» ھەم قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش، ھەم ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بولۇپ، بۇنى دەل ۋاقتىدا بولدى دېيىشكە بولىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت