كانادا ئەركىنلىك پارتىيەسى باشلىق ئالماشتۇرۇپ سايلامدا دو تىكتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:01
كانادا ئەركىنلىك پارتىيەسى باشلىق ئالماشتۇرۇپ سايلامدا دو تىكتى
كانادادىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ماك كارنېينىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ ھازىرقى زۇڭلى تىرودونىڭ ئورنىغا كانادا زۇڭلىسى بولۇپ، يېڭى كابىنېت تەشكىللەيدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش تەھدىتى ۋە ئامېرىكا-كانادا مۇناسىۋىتى كانادا خەلقى نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما. كارنېينىڭ ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەجرىبىسى ۋە كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۇنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل، ئۇ سايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا-كانادا سودا تالاش-تارتىشىغا تاقابىل تۇرۇش خىرىسىغا داۋاملىق دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كانادا فېدېراتسىيەسى چوڭ سايلىمى باشلىنىش ئالدىدا، ئەركىنلىك پارتىيەسى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى سايلام ئەھۋالىدا تىركىشىپ قالدى، ئەركىنلىك پارتىيەسىگە قانداق رەھبەرلىك قىلىپ قوللاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشمۇ كارنېينىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.
كارنېي سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش نۇتقىدا، كانادانى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىساد بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن يېڭى سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ھەمدە چېگرا خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا تەھلىلچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىرودو بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كارنېي يۈكسەك ئەمەلىيەتچىل تېخنىكا ئەربابى ئىكەن. ئۇ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىساد قارالمىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىككە كەلگەن كانادا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، دۆلەت ئىچىدىكى سودا توسالغۇسىنى تۈگىتىش، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، تاۋارلارنىڭ ئەركىن ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
ئامېرىكا كانادانىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتى كانادانىڭ ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، كانادا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا-كانادا سودا تالاش-تارتىشى كانادا خەلقىنىڭ ئالدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلاندى. كانادا خەلقى مالىيە، پۇل مۇئامىلە ۋە كىرىزىسنى باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە رەھبەرگە جىددىي موھتاج، بۇ خىل ئەل رايى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ قوللاش نىسبىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە كارنېينىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
كانادا ئانگۇس رىد تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن كانادا خەلقى كارنېينىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى رەھبىرىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.
ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: كارنېي نۆۋەتتە ئەركىنلىك پارتىيەسىنى يېتەكلەپ فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىق، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن سودا مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشنى تۈگىتىش-تۈگىتەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ھەتتا ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى «كانادا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە، كارنېي سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش نۇتقىدا: ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكىلىقلار بىزنى ھۆرمەتلىگەنگە قەدەر ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى تەدبىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، دېدى. ئۇ: نىشانىمىز ئامېرىكىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، ئادىل سودا كېلىشىمى ئىمزالاش، دېدى. كارنېي ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇن كانادانى ئامېرىكىنىڭ 51-ئىشتاتىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان سۆزلىرىگە قارىتا: كانادا مەڭگۈ ھەر قانداق ئۇسۇل ياكى شەكىل بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمايدۇ، دېدى.
ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: كارنېينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى جەريانىدا ئوينىغان رولىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن كانادالىقلار كارنېينى دىپلوماتىيە تەجرىبىسىگە ئىگە، خەلقئارا خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدىغان مۇقىملىق تەرەپدارىدىكى رەھبەر دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ ئامېرىكا كاناداغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتكەن ئەھۋالدا، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.
فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىنى كۈتۈۋېلىش كارنېينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىشى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۆكتىچى پارتىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەلرايىنى تەكشۈرۈش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى 20 پوئېنتتىن ئېشىپ كەتتى، تىرودو ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى تاموژنا بېجى ۋە يۇتۇۋېلىش تەھدىتىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلىگەندىن كېيىن، كانادانىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەكسىگە يېنىشقا باشلىدى. كانادا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېكوس تەتقىقات بىرلەشمە شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەركىنلىك پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتى %38.4، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتى %37 بولغان.
كانادا بىرىتانىيە كولومبىيە داشۆسىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى رىچارد جونستون مۇنداق دەپ قارىدى: كانادادا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كەيپىياتى بارلىققا كېلىپ، ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
كانادا فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمىنى بۇ يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن. كارنېي زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان كۆپ تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەگەر دەرھال فېدېراتسىيە چوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلسە، ئەركىنلىك پارتىيەسى بىلەن كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتىدە پەرق چوڭ بولمايدىكەن، ئەركىنلىك پارتىيەسى ئازراق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا