ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى ئاشكارىلاندى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاق سارايدا زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئىسرائىلىيە كۆڭۈل بۆلىدىغان تاموژنا بېجى مەسىلىسىگە قارىتا، ترامپ مەيدانىنى ئۆزگەرتمەي، ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» سىياسىتىنى ۋاقتىنچە توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكا ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، دېدى.
تاراتقۇلار ۋە تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نىتانىياخۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ترامپنى ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان ئاتالمىش «باۋارەر تاموژنا بېجى» نى كەچۈرۈم قىلىشقا قايىل قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى سىياسەت مەيدانىدىمۇ بەلگىلىك ئىختىلاپ مەۋجۇت.
تاموژنا بېجى سىياسىتىدە «ئىتتىپاقداشلىرىغا ئاسىيلىق » قىلىندى
نىتانىياخۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ترامپ بۇ يىل 1-ئايدا زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆتكۈزگەن 2-قېتىملىق كۆرۈشۈش. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ترامپ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى:بىر قىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى مەن بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، لېكىن مەن ھازىر تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئويلاشمىدىم. نىتانىياخۇ تاراتقۇلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمىنى تېزدىن تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى تەخمىنەن 37 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئاكتىپ بالانسى 7 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئىسرائىلىيە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن ئېلىنىدىغان بارلىق تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىدە كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى «باۋارۋەر تاموژنا بېجى» ئالىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلاردىن %17 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆپلىگەن تاراتقۇلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ترامپ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» توغرىسىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىمزالىغاندىن بۇيان، نىتانىياخۇ ۋاشىنگتونغا بېرىپ ترامپ بىلەن كېڭىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى ئويلاشقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرغان ئىنكاسى بىر بەلگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈتكىنىگە جاۋاب بەرمىدى. تاراتقۇلار ترامپتىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئازايتىدىغان- ئازايتمايدىغانلىقىنى سورىغاندا:«بەلكىم ئۇنداق بولمايدۇ»، ئۇنتۇپ قالماڭلار، بىز ئىسرائىلىيەگە كۆپ ياردەم بەردۇق دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە تولۇقلاپ: ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەگە نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي ياردەم بېرىۋاتىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە «يېرۇسالېم پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئىتتىپاقداشلىرىغا قىلىنغان «شەرمەندىلەرچە ئاسىيلىق»، «خۇددى بىر شاپىلاق ئۇرغانغا ئوخشايدۇ». ئەنگلىيە ئاسمان خەۋەرلىرى قانىلى تور بېكىتىنىڭ ئوبزور ماقالىسىدە: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى تىپىك «ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەسلىك، مۈجمەل گەپ قىلىش ۋە ئۆزئارا زىددىيەتلىشىش» دېيىشكە بولىدۇ، دېيىلدى.
ئىرانغا قارىتىلغان مەيداندا « پەرق بار»
ترامپ شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئۇچراشقانلىق خەۋىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىدى. ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بىز ئىران بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىۋاتىمىز، سۆھبەت باشلىنىپ بولدى، 4-ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە داۋاملىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىز بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ئېچىپ، نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. مېنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلۇشى تېخىمۇ ياخشى تاللاش.
ترامپ يەنە ئىران يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، باشقا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىغا قاتنىشىشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ يەنە ئەگەر سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، ئىران «غايەت زور خەتەر»گە دۇچ كېلىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ 4-ئاينىڭ 12 - كۈنى ئوماندا ۋاسىتىلىك يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: بۇ ھەم بىر قېتىملىق پۇرسەت، ھەم بىر قېتىملىق سىناق. توپ ئامېرىكىنىڭ قولىدا، دەپ يازغان.
گەرچە نىتانىياخۇ شۇ كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئۇچرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېغىزدا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تاراتقۇلار ۋە تەھلىلچىلەر بۇ ئىسرائىلىيە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋەزىيەت ئەمەس، دەپ ھېسابلىدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئەمما ھازىر ئامېرىكا ئىران بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق زەربە بولىدۇ.
ئىسرائىلىيە بۇندىن بۇرۇن ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز، دەپ تەھدىت سالغان ئىدى، بەزى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ: يېقىنقى مەزگىلدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۇرىيە تەۋەسىدىكى نىشانلارنى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىپ، ئالاقىدار ھەرىكەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ئوخشاش بولمىدى. 4-ئاينىڭ7ـ كۈنى ئامېرىكا ـ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ترامپ بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات دىكتورى تاكېر كارسىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا: ھازىر ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىشكە قاتنىشىدىغان «ئەڭ ناچار پۇرسەت»، «بىز بەرداشلىق بېرەلمەيمىز»، دېدى.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئىران مۇتەسسىپ گۇرۇھنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى مەھدى راخماننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: تىرامپنىڭ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىرانغا نىسبەتەن ئېنىق سىگنال، يەنى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش پىلانىنى توسماقچى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا-ئىران مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا