ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ھەرگىزمۇ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-13 12:40

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا تاموژنا بېجى ۋاسىتىسىدىن يەنە بىر قېتىم قالايمىقان پايدىلىنىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سودا ھەمراھلىرىغا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» نى يولغا قويدى، بۇ خىل يۇقىرى چەكتە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە مەنپەئەتكە ئېرىشىش قىلمىشى خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن ،زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللاندى، ھەم داۋاملىق قوللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدۇ.
جۇڭگو يولغا قويغان قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى يوللۇق، مۇۋاپىق، قانۇنلۇق، كۈچلۈك، تەرتىپلىك بولدى. ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» ماھىيەتتە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ ئىپادىسى، ئۇنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغىنى «زوراۋانلىق ئاسارىتىدىكى قائىدە»، ھەپلىشىدىغىنى «ئامېرىكا زومىگەرلىكى». جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، قائىدە -يوسۇنلۇق دۆلەت. جۇڭگو خەلقى كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئىشەنچنى ئاساس قىلىشنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو چاتاق تېرىمايدۇ، لېكىن چاتاقتىنمۇ قورقۇپ قالمايدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش ھەرگىزمۇ جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس.
تەرەققىيات ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاتېنتى بولماستىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي ھوقۇقى. ئامېرىكا «باراۋەرلىك»، «ئادىللىق»نى دەستەك قىلىپ نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش، تاموژنا بېجى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا تەرتىپىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇندى، بۇ خىل قىلمىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە زۆرۈر مۇھىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشتىكى زۆرۈر تەدبىر.
ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا جۇڭگو بىلەن سودا ئۇرۇشى قوزغىغىنىغا بىر - ئىككى يىل بولمىدى، نەتىجىسى قانداق بولدى؟ جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى بېسىم ئاستىدا كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدى، جۇڭگو ئىقتىسادى باشتىن - ئاخىر راۋاجلاندى ۋە ئىلگىرىلىدى. ئامېرىكىغا نەزەر سالساق، سودىدىكى پاسسىپ بالانسنى ئازايتىش، ياسىمىچىلىقنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆز دۆلىتىنىڭ كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تاموژنا بېجى كالتىكىنى يەنە بىر قېتىم پۇلاڭلاتتى، گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەلگىلىك پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشەنچىسى بار. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت خاتىرىسى بار بولۇپ، جۇڭگو 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا تامامەن ئىگە.
جۇڭگو تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا ئېنىقلىق ئاتا قىلدى. خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلەردە «جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئېچىۋېتىشتىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بېرەمدۇ-يوق» دېگەن گۇمان پەيدا بولغاندا، جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق بولۇپ مۇنداق دېدى: «قوش ئايلىنىش» بېكىنمىچىلىك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى باشقىلار بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىگەن چاغدا، ئۆزىمىز يەنە ياشىيالايمىز، تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايمىز. بىز ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتتۇق، كىم بىز بىلەن ھەمكارلاشسا قارشى ئالىمىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ تاللىشىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىلمىيلىكى تولۇق نامايان بولدى. چەكلەش ۋە زەربە بېرىش ئالدىدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر «زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش» تەك سەگەكلىك ۋە ئىرادىنى ساقلاپ كەلدى. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش دەل« زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش»نىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېچىۋېتىشى ئارقىلىق دۇنياغا داۋاملىق يېڭى پۇرسەت يارىتىدۇ. جۇڭگو قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تارىخ ھەر قانداق ئېقىمغا قارشى ماڭغۇچى سەۋەبىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتىپ قويمايدۇ. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش تارىخىي ئېقىم، دۇنيا ھەرگىز ئۆز ئارا بېكىنمە، بىر ـ بىرىدىن ئايرىلغان ھالەتكە قايتمايدۇ ھەم قايتماسلىقى كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش. ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، تاموژنا بېجى قوراللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى توختىتىپ، جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ساغلام، مۇقىم بولغان خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىش جۇڭگو بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ھەرگىزمۇ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا تاموژنا بېجى ۋاسىتىسىدىن يەنە بىر قېتىم قالايمىقان پايدىلىنىپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سودا ھەمراھلىرىغا ئاتالمىش «باراۋەر تاموژنا بېجى» نى يولغا قويدى، بۇ خىل يۇقىرى